ئالىم بىز بلوگى

ماۋ ئەنيىڭنىڭ تۇنجى پىدائىي بۇلىشى

     رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ چوڭ ئوغلى ماۋئەنيىڭ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بەش يىل ئوقۇغان بۇلۇپ، لېنىن ھەربىي مەمۇرىي ئىنىستىتوتى، فرۇنزى ھەربىي ئىنىستىتوتىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تانكا قىسمىنىڭ لېيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن قوغداش ئۇرشىدا ئۇ سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قايتۇرما ھوجۇمىغا قاتنىشىپ، بېرلىنغىچە بارغان. ماۋئەنيىڭ ۋەتەنگە قايتىشتىن بۇرۇن ستالىن ئۇنى قۇبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن قوغداش ئۇرشىغا قاتناشقانلىقىنىڭ يۇقىرى مۇكاپاتى سۈپىتىدە بىر تاپانچا سوۋغا قىلغان.

     ماۋئەنيىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ماۋزېدوڭ ئۇنى شىمالىي شەنشىگە بىر مەزگىل دېھقان بۇلۇشقا ئەۋەتكەن. ئۇ ئۇ يەردە يەر ئىسلاھاتىغا قاتناشقان. بېيپىڭ تېنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، ماۋئەنيىڭ ئىككى نەپەر مىنا تازىلاش مۇتىخەسىسىگە ھەمرا بۇلۇپ، بىر ساپيورلار روتىسىنى باشلاپ، مەركەزنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن قىسمى سۈپىتىدە، تۇنجى تۈركۈمدە بېيپىڭغا كىرىپ مىنا تازىلاشقا مەسئۇل بولغان.

     چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندا، ماۋئەنيىڭ بېيجىڭ ماشىنا باش زاۋىدى پارتىيە ياچىكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتىتى جوڭگۇ خەلق پىدائىيقىسمى قۇرۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ماۋئەنيىڭ دەرھال ماۋزېدوڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتىتىغا پىدائىي قىسىمغا قاتنىشىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. ماۋزېدوڭ ئوغلىنىڭ پىدائىي قىسىمغا قاتنىشىشىنى قوللىغان. ئۇ «ئوغلۇم چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئىلتىماسىنى سۇندى. بۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئۇرىشىغا ئۆزىنى تىزىملاتقان تۇنجى پىدائىي، ئاكتىپچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش كېرەك» دېگەن. ماۋزېدوڭنىڭ يېنىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچى خادىملار نەسىھەت قىلىپ: ماۋئەنيىڭنىڭ ئىدارىدىكى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئايرىلسا ياخشى بولماس، يەنىلا چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشمىغىنى ياخشى دېگەندە، ماۋزېدوڭ: كىم ئۇنى ماۋزېدوڭنىڭ ئوغلى بولسۇن دەپتۇ. ئۇ بارماي كىم باراتتى؟ دەپ جاۋاپ بەرگەن.

     جوڭگۇ خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قوماندانى پېڭ دېخۇەي بېيجىڭدىن چاۋشيەنگە مېڭىشتىن بۇرۇن، ماۋزېدوڭ جۇشياڭ كىتابخانىسىدا ئۇنى ئۇزتۇپ قويدى، ماۋئەنيىڭ ھەمراھ بولدى. پېڭ دېخۇەي ماۋئەنيىڭغا قاراپ تۇرۇپ: ئەنيىڭ چوڭلا يىگىت بۇلۇپ قاپتۇ، نىمە دېگەن تېز ھە! دېگەندە، ماۋئەنيىڭ جاۋاپ بىرىپ: پېڭ دېخۇەي تاغا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە يارىدەم بىرىش ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانىغا مەنمۇ بارىمەن دېگەن. ماۋزېدوڭ ماۋئەنيىڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پېڭ دېخۇەيگە مۇنداق دېگەن: بۇ ئوغلۇمنىڭ زاۋۇتتا ئىشلىگۈسى يوق ئىكەن، سىز بىلەن ئۇرۇش قىلغۇسى بار ئىكەن، ئۇ ئاللا بۇرۇن جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، تەستىقلىشىمنى سورىدى. مەندە بۇنداق ھوقۇق يوق، سىز قوماندان، ئەسكەر سىزگە يارامدىكىن تاڭ؟

     پېڭ دېخۇەي دەرھال ماۋئەنيىڭغا مۇنداق دېگەن: بولمايدۇ، چاۋشيەنگە بېرىش بەك خەتەرلىك، ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى ھەممە يەرنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ. سىز ئارقا سەپتە تۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە يارىدەم بەرگەن بۇلىسىز.

     ماۋئەنيىڭ ئۆتۈنۈپ مۇنداق دېگەن: پېڭ تاغا، مىنى بارغىلى قويۇڭ، مەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەسكەر بۇلۇپ، نىمىس ئالۋاستىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ھەتتا بېرلىنغاىچە بارغان.

     پېڭ دېخۇەي ماۋزېدوڭغا قارىدى. ماۋزېدوڭ مۇنداق دىدى: مەن ئەنيىڭغا ۋاكالىتان سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۇ جەڭ مەيدانىدا چېنىقسۇن، مىنىڭچە ئۇنى قۇبۇل قىلىڭ، ئەنيىڭ روس، ئېنگىلز تىللىرىنى بىلىدۇ. چاۋشيەنگە بارسىڭىز سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنالمايسىز، ئۇ سىزگە تەرجىمان بۇلۇپ بەرسۇن.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ماۋ ئەنيىڭنىڭ تۇنجى پىدائىي بۇلىشى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-06-18
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: شەخىسلەر ھاياتى
ئىنكاس: 1دانە
  1. ماۋ ئەنيىڭ چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر پەرزەنتى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: