ئالىم بىز بلوگى

جۇڭگونىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى سەككىز چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدى

(شىنجاڭ گېزىتى 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى ماقالىسى) مۇخبىرنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك جەمئىيەت باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر جۇڭگونىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر ياخشى بولسىمۇ، بىراق ساقلانغىلى بولمايدىغان سەككىز تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلگەن:

بىرىنچى، نوپۇسنىڭ ئىنېرتسىيىلىك ئېشىش يۈزلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس يىلىغا يەنىلا 8مىليوندىن 10مىليونغىچە كۆپىيىۋاتىدۇ. 21–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېلىمىز ئەمگەك يېشىدىكىلەر نوپۇسى، ئومۇمىي نوپۇس ۋە ياشانغانلار نوپۇسىدىن ئىبارەت نوپۇس جەھەتتىكى ئۈچ يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋالىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يۇقىرى دولقۇنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە كۆرۈلۈپ، ئېلىمىز نوپۇسى 1 مىليارد 500مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىككىنچى، نوپۇس ساپاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، كەسكىن ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى تەس. ئېلىمىزدە بىئولوگىيە، جەمئىيەت، ھەرىكەت ۋە مۇھىت ئۇنىۋېرسال ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇغما كەمتۈك تۇغۇلۇش نىسبىتى %4تىن %6كىچە، بەزى جايلاردا%8تىن يۇقىرى. ھەر خىل يەرلىك كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ئەيدىز يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى، ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئېلىمىزدە 15ياشتىن 59ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 2013–يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەنى 932مىليونغا يېتىدىكەن. بۇنداق زور ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى زور ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ.

تۆتىنچى، ياشانغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلدى. جۇڭگودا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىدە تېز، كۆلىمى زور بولۇش ۋە ‹‹بېيىماي تۇرۇپلا قېرىپ كېتىش›› قاتارلىق ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. 2005–يىلى ئېلىمىزدە 65ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى%7.7كە، 60ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى%11 كە يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020–يىلىغا بارغاندا %11.2 ۋە%16.1 كە يېتىپ، 65ياشتىن ئاشقانلار 164مىليونغا، 60ياشتىن ئاشقانلار234 مىليونغا يېتىدىكەن. ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئەنئەنىۋى ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئىقتىدارى كۈنسېرى ئاجىزلاشتى، يېزىلاردا ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ.

بەشىنچى، تۇغۇلىدىغان نوپۇسنىڭ جىنس ئايرىمىسىدىكى پەرق زورىيىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى. 20–ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدىن بۇيان، جۇڭگودا تۇغۇلغانلارنىڭ جىنس ئايرىمىسى نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، 2000–يىلى 116.86بولغان بولسا، 2005–يىلى 118.85 گە يېتىپ، 103تىن 107گىچە بولۇشتەك نورمال دائىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە يىراقلاپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020–يىلىغا بارغاندا 20ياشتىن 45ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئاياللاردىن 30مىليون كىشى كۆپ بولىدىكەن. تۇغۇلىدىغان نوپۇسنىڭ جىنس ئايرىمىسى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇش ۋاقتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزاق بولۇشى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىققا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئالتىنچى، كۆچمە ۋە كۆچۈرۈلىدىغان نوپۇس بارغانسېرى كۆپىيىپ، جامائەت بايلىقىنى تەقىسملەشكە غايەت زور خىرىس پەيدا قىلدى. 2005–يىلى ئېلىمىزدە كۆچمە نوپۇس 147مىليونغا يەتتى. كۆچمە نوپۇسنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر تەسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولماقتا.

يەتتىنچى، نامرات نوپۇسنىڭ قۇرۇلمىسى كۆپ مەنبەلىشىشكە يۈزلەنگەنلىكتىن، جەمئىيەتنىڭ تەكشى راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولماقتا. 2005–يىلىنىڭ ئاخىرى مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا 23مىليون 650مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ كېيىنىش تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى، كېيىنىش تويۇنۇش لىنىيىسىدىن ئەمدىلا ئۆتكەن لېكىن تېخى مۇقىم بولمىغان 40مىليون 670 مىڭ تۆۋەن كىرىملىك نوپۇس بار. ‹‹10– بەش يىل››دا، شەھەرلەردە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار تەخمىنەن 22 مىليون بولۇپ، نامراتلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولدى. مەملىكەت بويىچە يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار 40 مىليوندىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلىغا يەنە 3 مىليوندىن ئېشىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاسانلا يېڭى نامرات نوپۇسقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

سەككىزىنچى، نوپۇس ۋە بايلىق مۇھىت ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگودا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاتلىق سۇ، تېرىلغۇ يەر، ئورمان، قېزىلما بايلىق قاتارلىق مۇھىم بايلىق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولۇپ، بايلىقنىڭ چەكلىمىلىكى جىددىيلىشىۋاتىدۇ. مۇھىت بۇلغىنىش ۋە سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارلىشىۋاتىدۇ، قىسمەن ياخشىلىنىش ئەھۋالىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈپتىن ئۆزگەرتىلىشى تەس بولۇۋاتىدۇ. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناچار رايونلار نوپۇس بېسىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ناچارلىشىۋاتىدۇ.

2006- يىلى 12–ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ‹‹نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قارار››نى چىقاردى، بۇ ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ‹‹تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ھەر دەرىجىلىك نوپۇس– پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيەتلىرى بۇ قارارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جۇڭگونىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى سەككىز چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-23
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: