ئالىم بىز بلوگى

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى

ئابلىمىت ھوشۇر

 

   پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا : ‹‹ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پۈتكۈل پارتىيە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىدىيەۋى تەربىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى تۇتقا قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رايى ۋە ئەل رايىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم .

   پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاش، مۇھىمى، پارتىيە ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىش لازىم. پارتىيە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسى، پارتىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك يولداشلار پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۈلگىسى›› دەپ كۆرسەتكەنىدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى پارتىيە ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ. پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئومۇمىي تەلەپ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىردەكلىكى، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ بىردەكلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇ بىزگە يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاندىلا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىز پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ھەقىقىي ئىزچىللىشىشىنى ئىدىيەۋى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:

   بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىلى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ تاشقى ئىنكاسى، شۇنداقلا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، سىياسىي پەزىلىتى، ئىدىيەۋى ساپاسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشى پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئىزچىللىشىش – ئىزچىللاشماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولسا، ئۆگىنىشكە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بەرسە، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە ماھىر بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.

   ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا قارىتىلغان ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش لازىم. ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەخلاقنىڭ تەسىر كۈچى تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەچكە، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەخلاقنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان – ئىقتىسادچىل بولۇش، ئادىل، دۇرۇس ۋە پاك – دىيانەتلىك بولۇش، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە كەسىپ ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر.

   ئۈچىنچى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش بىزدىن ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئالىيجاناب روھنى ساقلاپ، مەدەنىي تۇرمۇش ئىستىلى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار تۇرمۇش ئىستىلى، ساغلام قىزىقىشنى ئۆلچەم قىلىپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەزىلىتىگە دىققەت قىلىپ، چىرىك ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى ۋە ئائىلە ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات يارىتىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: