ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دۆلەت ھىققىدە قىسقىچە ساۋات

دۆلەت ھىققىدە قىسقىچە ساۋات

2011-01-01 2:14     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: 1. دۆلەت دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن سىنىپنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلارغا دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشتىكى قۇرالى. دۆلەت ئاساسلىقى ئارمى....

1. دۆلەت

دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن سىنىپنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپلارغا دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشتىكى قۇرالى. دۆلەت ئاساسلىقى ئارمىيە، ساقچى، سوت، تۈرمە قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

2. دۆلەت تۈزۈلمىسى

دۆلەت تۈزۈلمىسى دۆلەتنىڭ سىنىپىي خەرەكتىرى بۇلۇپ، ئۇ جەمىيەتتىكى سىنىپلارنىڭ دۆلەتتە ئىگىلىگەن ئورنىنى، يەنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قايسى سىنىپنىڭ قولىدا ئىكەنلىنى، ھۆكۈمىران سىنىپلارنىڭ قايسى سىنىپلار بىلەن بىرلىشىپ، قايسى سىنىپقا ھۆكۈمىرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تارىختىن بۇيان قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت، فيۇداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت، كاپىتالىستىك دۆلەت، سوتسىيالىستىك دۆلەتتىن ئىبارەت تۆت خىل دۆلەت تۈزۈلمىسى بولغان.

3. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، يەنى مۇئەييەن تارىخى شارائىتتا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قايسى خىلدىكى ھاكىمىيەت تەشكىللەش شەكلىنى قوللۇنۇپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي شارائىت، سىنىپىي كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىق تۈپەيلىدىن، دۆلەت تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قوللىنىشى مۈمكىن.

4. دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى

دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى كىم كىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەسىلىسى. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى ھۆكۈمرانلىقنى قانداق يولغا قۇيۇش مەسىلىسى. دۆلەت تۈزۈلمىسى مەزمۇن، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى شەكىل. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەزمۇن بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھىسابلىنىدۇ. دۆلەت تۈزۈلمىسى دۆلەتنىڭ ماھىيىتى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت ماھىيىتىنىڭ ئپادىلىنىش شەكلى بولىدۇ. كونكرېت ئېيىتقاندا، دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەن ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپتىن كۆرۈلىدۇ: بىرى، دۆلەت تۈزۈلمىسى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەلگۈلەيدۇ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە باپ كىلىشى كىرەك. يەنە بىرى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى نىسپىي مۇستەققىل بۇلىدۇ، ئۇ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە زور دەرىجىدە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ، دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

5.ھۆكۈمەت

ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورگىنى. يەنى دۆلەتنىڭ مەمۇرى خىزمەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ئورگان. ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىش شەكلى، نامى ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق ھەربىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى شۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت خەرەكتىرىگە ماسلاشقان بۇلىدۇ. ھۆكۈمەت سىنىپىي دىكتاتۇرىنىڭ مۇھىم بىر قۇرالى. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىگە ئاساسەن مەركىزىي ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەت دەپ ئايرىلىدۇ.

6. دۆلەت بايرىقى

دۆلەت بايرىقى دۆلەتنڭ سىمۋولى بولغان بايراقنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت بايرىقى ئادەتتە ئىگىلىك ھوقۇقنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى، سۈرەتلىرى ۋە ئىشىلتىلىش ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇندا ياكى مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇلىدۇ.

7. دۆلەت بەلگىسى

دۆلەت بەلگىسى دۆلەتنىڭ بەلگىسى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئىشىلتىش ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇندا ۋە مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگۈلەنگەن بۇلىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەركىزىي ۋە يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرىغا يىغىن مۇراسىم، مۇراسىم زاللىرىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە ئېسىلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇھىم خەت – ئالاقىلىرىدە، دۆلەتلەر ئارا ھۆججەتلەردە، ھۆكۈمەت تارقاتقان شان- شەرەپ گۇۋاھنامىلاردا، پۇل قاتارلىقلاردا دۆلەت بەلگۈسىنىڭ سۈرىتى بۇلىدۇ.

8. دۆلەت شېئىرى

دۆلەت شېئىرى بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى بەلگۈلىگەن ياكى قوللۇنىۋاتقان، شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇزىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت شېئىرى ئادەتتە مۇھىم يىغىنلاردا ياكى خەلقئارا ئالاقىلەردىكى مۇراسىملاردا ئورۇنلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىززەت- ئېكرامى ئىپادىلىنىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter