ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئالىم بىز بلوگىنىڭ تور نامى ھەققىدە

ئالىم بىز بلوگىنىڭ تور نامى ھەققىدە

2011-01-02 11:40     كۆرۈلۈشى: 1700 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مەن تەخەللۇسۇم ۋە تور نامىم ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتەي. مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئىدىم. لىكىن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنكى كەسپىم  بۇ ھەۋىسىمنى يوق قىلدى. مىنىڭ كەسپىم يا تارىخ ئەمەس، يا....

مەن تەخەللۇسۇم ۋە تور نامىم ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتەي. مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئىدىم. لىكىن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنكى كەسپىم  بۇ ھەۋىسىمنى يوق قىلدى. مىنىڭ كەسپىم يا تارىخ ئەمەس، يا سىياسەت ئەمەس، بەلكى «سىياسى تارىخ» بۇلۇپ چىقتى. بۇ كەسىپ مېنى ھەم سىياسىغا، ھەم تارىخقا قىزىقتۇرۇپ، بىر پايانسىز دېڭىزغا باشلاپ كىرىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتىكى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ بەزىلىرىمىز سىياسى تۈس ئالغان ناملارنى تەخەللۇس قىلىشتۇق، بەزىلىرىمىز تارىخىي تۈس ئالغان ناملارنى تەخەللۇس قىلىشتۇق. مەن دەل تارىخى تۈس ئالغان نامنى، يەنى TuranTekin دېگەن نامنى ئۆزەمگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىدىم. ئەمما ئۇ چاغلاردا بۇ نامغا بولغان قارىشىم يۈزەكى ئىدى. شۇڭا بارا-بارا بۇ ناممۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ يىللار ئۆتۈپ تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، ئۆزۈممۇ ئىختىيارسىز بۇ تور دۇنياسىغا (كىچىكىپرەك) كىرىپ كەتتىم. بۇ دەل 2005- يىلى ئىدى. قارىسام تورداشلار ھەر خىل نام ۋە ئىسىملار بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ، تور دۇنياسىنى قىزىتقىلى تۇرۇپتۇ. دەل ئەشۇ ئۇنتۇلغان  TuranTekin دېگەن نام ئېسىمگە كىلىپ، دەرھال تىزىملاتتىم. شۇندىن باشلاپ بۇ ئىسىم مىنىڭ نامىم، تەخەللۇسۇم، ئىسمىم بۇلۇپ كەلدى. Turan دېگەن بۇ ئىسىم ئەجداتلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن ۋە دەۋر سۈرگەن كەڭ تارىم ۋادىلىرى، بىپايان شىمال يايلاقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنى ھەم ئەتراپتىكى جايلارنى  كۆرسىتىدىكەن. Tekin  بولسا، ئەجداتلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن تىل بۇلۇپ، شاھزادە، شاھنىڭ ئوغلى دېگەن مەنىلەردە ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ TuranTekin دېگەن نام بىلەن بارلىق تور بەتلەردە قاتراپ يۈردۇم.

مەن ئەشۇ تور ئارىلاپ يۈرگەن كۈنلەردە، كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر قېلىپلاشقان تور بىكەتلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ، مۇشۇ جەھەتتە بىر تور بىكەت قۇرۇش خىيالىم كەچتى. مىنىڭ كەسپىم سىياسى تارىخ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھىلى سىياسەت بىلەن، ھىلى سىياسى بىلەن، ھىلى نەزىرىيە بىلەن، ھىلى تارىخ بىلەن، ھىلى مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھەممىگە ئۇنىۋېرسال بۇلۇپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ يۇقىرىدىكى ئارزۇ ئىستەك بىلەن، 2008- يىلى partiya.cn  دېگەن تور بەتنى قۇرۇۋالدىم.

ئىشلارمۇ نورمال يۈرۈشىپ كىتىۋەردى. لېكىن تور تاقىلىپ،  2010- يىلى قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن، يەنە نورمال يۈرۈشتى. ئەمما تۈرلۈك تەكشۈرۈش، ئەنگە ئالدۇرۇش، مۇلازىمىتىر ۋە بوشلۇق مەسىلىلىرى تولا ئىچىمنى سىقىپ، زىرىكتۈردى. شۇنداق قىلىپ تور دۇنياسىدىن چىقىپلا كەتتىم. لېكىن ئۈگەنگەن خۇي-دە! بىر نەچچە ئاي بولا بولمايلا يەنە تور دۇنياسىغا كىرىپ كەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا تەلەپ بۇيىچە ماتىرىياللارنى تەمىنلەپ  بىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تور بېتىم تاقالغان ئىدى. ئۇنى قايتا ئېچىش خىيالىدىن ۋاز كىچىپ، ئاۋارىچىلىكى ئاز بولغان بلوگباسقا كۆچۈۋالدىم، يەنى سىياسەت دېگەن نامدىكى بلوگنى قۇرۇۋالدىم. بۇمۇ ئەپلىشىپ يۈرۈشىۋاتقاندا، بۇ ھۈنەرنى ئۈگەتكەن ئۇستازلار كەينى كەينىدىن بلوگباسنى تاشلاپ ۋوردپېرەسكە كۆچتى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن «بەلەن داس» تىن «ھۆر پەرەس»كە كۆچتۈم. ئەمما بلوگ نامى خېلى بېشىمنى قاتۇردى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر alimbiz.net دېگەن ئىسىمنى تاللىدىم. ھىلىمۇ ياخشى ئاران شۇلا قاپتىكەن.

بۇنىڭدا net نى تاللىشىمدا، ئۇستاز ۋە ئۇستازنىڭ ئۇستازلىرى ساپلا net دېگەن نامنى قوللۇنۇپتۇ. مەسىلەن: ئەلشات، ئۇيغۇربەگ، پىرستان …… قاتارلىقلار. بۇ مىنىڭ net دېگەن تور نامىنى تاللىشىمدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمدى    alimbiz    دېگەن ئىسىمغا كەلسەك، ئويلاپ باقسام ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچىلىك ئالىملىرىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. نۇرغۇن ئەدىپلىرىمىز، مۇتىپەككۇرلىرىمىز، ئالىملىرىمىز، تەربىغاتچىلىرىمىز، سىياسىشۇناسلىرىمىز، تارىخچىلىرىمىز، مەدەنىيەت پىشىۋالىرىمىز مەيدانغا چىقىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىدا ئىلگىرى ۋە ھازىرمۇ ئىنسانلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا مۇھىم روللارنى ئويناپتۇ. شۇنداق بولغاچقا «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىغا «ئالىم بىز» دېگەن ئىسىمنى مۇۋاپىق ئىكەن دەپ قارىدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىر تەڭلىمىنى تۈزگۈم كەلدى:

     تۇران + تېكىن + ئالىم + بىز = ئۇيغۇر

     دېمەك، تۇرانلىقلار شاھزادىدەك ياشايدىغان ئەركىن خەلىقلەر، ئالىم خەلىقلەر. ئەشۇ خەلق دەل بىز – ئۇيغۇرلاردۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
    1. يىكەنداز
      2013-02-03 18:30 لوپنۇرى 

      تور نامىڭىز ۋە بلوگ نامىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن مەنىسى بار،سىزگە ئوخشاش تارىخ مەدەنىيىتىمىزدىن خەۋىرى بار ياشلار مۇشۇنداق ئېسىل ناملارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئىستىمالدىن قالغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىزگە قايتا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى.بۇمۇ ياخشى بىر يۈزلىنىش.

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]
    2. دىۋان
      2013-02-03 21:55 تۇران تېكىن 

      قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر!
      شۇغۇنىسى «سەللە يوغان ئىمان يوق، دەرۋازا يوغان بىر نان يوق» دېگەندەك بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ بۇ ئىشلار.

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter