ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قانۇندىن قىسقىچە ساۋات

قانۇندىن قىسقىچە ساۋات

2011-01-02 2:29     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:           ماركسىزىملىق قانۇنشۇناسلىقنىڭ قانۇن، قانۇننىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇننىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاسەسەن، قانۇنغا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بىرىشكە بۇلىدۇ: قانۇن- دۆلەت تۈزۈپ چىققان ي....

          ماركسىزىملىق قانۇنشۇناسلىقنىڭ قانۇن، قانۇننىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇننىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاسەسەن، قانۇنغا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بىرىشكە بۇلىدۇ: قانۇن- دۆلەت تۈزۈپ چىققان ياكى ماقۇل كۆرگەن ھەمدە دۆلەت مەجبۇرىي كۈچ بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈدىغان قائىدىلەر سېستىمىسى. بۇ ئىرادىنىڭ مەزمۇنى ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت قىلىش داۋامىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگۈلەش ئارقىلىق، ھۆكۈمىران سىنىپقا پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائى تەرتىپنى ئىتىراپ قىلىدۇ، قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ئۇ سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ۋە جەمىيەت باشقۇرۇشنىڭ قورالى. ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، قانۇننى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا قانۇن ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇنى، ئىقتىسادىي قانۇن، ئەمگەك قانۇنى، نىكاھ قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، دەۋا قانۇنى، ھەربىي قانۇن، خەلقئارا قانۇن قاتارلىقلارغا بۈلۈنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى قانۇن يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە مەمۇرىي قانۇن- نىزام، يەرلىك قانۇن- نىزام، بۇيرۇق، نىزام، بىكىتمە، قائىيدە، بەلگۈلىمە، قارار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

          قانۇننى ئىجتىمائى ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ باشقا تەركىبى قىسمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ تۈۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:

(1) قانۇن قائىيدىلىرى بىر خىل ئالاھىيدە ئىجتىمائى قائىيدە.

(2) قانۇن قائىدىلىرىنى دۆلەت تۈزىدۇ ياكى ماقۇل كۈرىدۇ.

(3) قانۇن قائىدىلىرى ھۇقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى بەلگۈلەيدۇ.

(4) قانۇن قائىدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا دۆلەت مەجبۇرىي كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بۇلىدۇ.

           قانۇن سېستىمىسى

          قانۇن سېستىمىسى دىگەندە قانۇننىڭ قۇرۇلمىسى، تارىخىي ئەنئەنىسى قاتارلىق تاشقىي خۇسۇسىيەتلىرى ۋە قانۇن ئەمىلىيىتىنىڭ ئالاھىيدىلىكى، قانۇن ئېڭى ۋە قانۇننىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ئۇرنى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن قانۇن ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي ئايرىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. قانۇننىڭ تارىخى ئەنئەنىسى، قانۇننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قانۇننىڭ مەنبەسىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئۇنى چوڭ قۇرۇقلۇق قانۇن سېستىمىسى ۋە ئاددىي قانۇن سېستىمىسىغا ئايرىشقا بۇلىدۇ. دىننىڭ قانۇنغا بولغان تەسىرىگە ئاساسەن، دىنىي قانۇن سېستىمىسى ۋە دىندىن خالى قانۇن سېستىمىسىغا ئايرىشقا بۇلىدۇ. قانۇننىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ئورنى، قانۇننىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇنى قەدىنكى جۇڭگۇ، ياپونىيە، چاۋشەن ۋەكىللىكىدىكى يىراق شەرىق قانۇن سېستىمىسى ياكى جۇڭخۇا قانۇن سېستىمىسى، غەرپ ئەللىرى ۋەكىللىكىدىكى غەرب قانۇن سېستىمىسىغا ئايرىشقا بۇلىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئىسلام قانۇنى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئىسلام قانۇنى ئەمىلىيەتتە ئىسلام دىنىي ئەقىدىسىدىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر قانۇنىنىڭ ئايرىلىشىدا ئەڭ كەڭ تارقالغىنى فرانسىيىلىك ئالىم لېن داۋىدنىڭ ئايرىشىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قانۇنىنى چوڭ قۇرۇقلۇق قانۇن سېستىمىسى، ئاسسىي قانۇن سېستىمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسى ۋە باشقا قانۇن- تۈزۈملەرگە ئايرىغان. بۇنداق ئايرىشنى غەربتىكى كۆپ ساندىكى ئالىملار ئىتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭدىكقى ئەڭ چوڭ نۇقسان ئايرىش ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ھازىر غەرب ئەللىرىدە جامائەت ئىتىراپ قىلغىنى يەنىلا چوڭ قۇرۇقلۇق قانۇن سېستىمىسى بىلەن ئاددىي قانۇن سېستىمىسىدۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter