ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم بىز بلوگىنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرى؟ يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەر سىلەرگە يار بولغاي!
ئالىم بىز بلوگى 2012- يىلى نىمە ئىشلارنى قىلدى؟ نىمە كويلاردا بولدى؟ يەنە نىمە ئىشلارنى قىلماقچى؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.
ئالىم بىز بلوگى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھەمدەمدە بۇلىشى بىلەن بۈگۈنكى ھالەتكە تەرەققىي قىلدى. ئەمما بۇ جەريان ئىنتايىن ئەگرى توقايلىققا ۋە ناھايىتى ئەھمىيەتلىككە تولغان جەريان بولدى. بۇلۇپمۇ بىر يىل شۇنداق بولدى.
(1) يىل بېشىدىن باشلاپ 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بلوگنىڭ ئېچىلىشى نورمال، چېكىلىشى كۆپ بۇلۇشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر كۈندىكى IP نىڭ سانى 3000 دىن، PV نىڭ سانى 5000 دىن يۇقىرى بۇلۇشتەك ۋەزىيەت يارىتىلدى.
(2) يازما ۋە بلوگقا بولغان ئىنكاس، تەشەككۇر سۆزلىرى كۆپ ھەم ئىجابىي بولدى.
(3) يوللانغان يازمىلارنىڭ سانى كۆپ. سۈپىتى يۇقىرى، قۇبۇل قىلىنىشى تېز بۇلۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
(4) بلوگ ۋە يازمىلارغا قارىتا بلوگ يۈزىدە ئىنكاس، تەلەپلەر قالدۇرۇلغاندىن سىرت، كوت كوت قورالى، تېلفۇن قىسقا ئۇچۇرى، ۋە يان تېلفۇنلار ئارقىلىق ئۆز سادالىرى ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.
(5) 2012- يىلى ئالىم بىز بلوگى ئۈچۈن تورداشلا كەڭ قوللىغان، ئۇستازلار ھەمدەمدە بولغان، كۆپ قىسىم تور بەتلەر قوللىغان بىر يىل بولدى.
(6) 2012- يىللىق ئون نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە نامزات بلوگلار قاتارىغا كىرگەن، ئاخىرىدا 20 نامزات بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر يىل بولدى.
(7) 2012- يىلى ئالىم بىزنىڭ دوستلىرى كۆپەيگەن، ئوقۇرمەنلىرى كۆپەيگەن، بلوگقا كىرگۈچىلەرنىڭ رايۇن دائىرىسى كېڭەيگەن بىر يىل بولدى.
(8) 2012- يىلى ئالىم بىز بلوگى ئۈچۈن پىشىپ يىتىلىش، تۇران تېكىن ئۈچۈن مول تەجرىبە توپلانغان بىر يىل بولدى.
(9) ئالىم بىز بلوگى 2012- يىللىق ئون نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە 20 نامزات بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئون نادىر بلوگ قاتارىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تەكرار بېلەت تاشلاش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلىشى بىلەن 2012- يىللىق ئون نادىر بلوگ بۇلۇپ باھالىنىش ئورنىدىن مەھرۇم قالغان بىر يىل بولدى.
(10) 2012- يىلىدا، بلوگدا قاينام – تاشقىنلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، بلوگ نورمال ئېچىلماسلىق، بلوگ نورمال ئېچىلسىمۇ يازمىلار ئېچىلماسلىق، ھەتتا بلوگ پۈتۈن ئېچىلماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بىر يىل بولدى.
(11) 2012- يىلى ئالىم بىز ئۈچۈن ئىرادىسى كۈچەيگەن، مەيدانى مۇستەھكەملەنگەن، ئىلھامى تاشقان بىر يىل بولدى.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، 2012- يىلى ئالىم بىز بلوگى مەقسىدىگە يەتكەن، ئەمما نىشانىغا يىتەلمىگەن بىر يىل بولدى.
يېڭى يىلدا يېڭىچە ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرغا چىقىتىڭىز،بۇ يىل بلوگچىلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول ھەم نەتىجىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا ھەقىقەتەن كۆزۈم چۈشتى مېنىڭ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
يېڭى يىلدىكى يېڭى نەتىجىلەر ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاي!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: