ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى

ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى

2013-02-01 12:08     كۆرۈلۈشى: 1520 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      خەلقئارا جامائەتچىلىكى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى.      جۇڭگوغا نىسبەتەن قانداق يولدا مېڭىش ئ....

     خەلقئارا جامائەتچىلىكى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى.

     جۇڭگوغا نىسبەتەن قانداق يولدا مېڭىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

     بىرازىلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاررۇدا جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم يولىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقيەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى تاللىدى ھەم شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

     گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى پارتىيە–گۇرۇھلارنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گرۇند مۇنداق دېدى: بىز ئوخشمىغان سىستېما بويىچە ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، غەربىي ياۋروپادا يولغا قويۇلۋاتقان دېموكراتىك تۈزۈم ئىزچىل ئۈنۈم بەرمىدى، ‹‹ھاۋا ئوچۇق بولغاندا، بۇ تۈزۈم رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. لېكىن، ھاۋا تۇتۇلغاندا، گىرېتسىيەدەك دۆلەتتىمۇ (قەرز كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن) مەسىلە كۆرۈلىدۇ».

      ئۇلۇغۋار پىلان دۇنياغا مەدەت بەردى

      جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار تەرەققىيات پىلانى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە ئېنىق نامايان بولدى، بولۇپمۇ قۇرۇلتايدا 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلسا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ نۇرغۇن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بۇ نىشانغا ئاساسەن، پارتىيە 16- ۋە 17- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا، يېڭى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يېڭى تەلەپلەر خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش

      ئامېرىكا بروكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو – ئامېرىكا مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى لى كەنرۇ: ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىلسە، جۇڭگو ئىقتىسادى داۋاملىق ساغلام ئاشسا، جۇڭگو ئاسىيا ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ›› دېدى.

      مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش:

     خەلقئارا كۆزەتكۈچى مۇنداق قارىدى: جۇڭگوغا نىسبەتەن بۇ تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ زور دەرىجىدە بېيىتىلىدىغانلىقىدىن، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ رەڭدار مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىدىن، جۇڭگو بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىشتە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش.

     جۇڭگوغا نىسبەتەن بۇ تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، خەلققە ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. خەلقئارادىكى زاتلار: بۇ تەلەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خۇش خەۋەر. بۇ تەلەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىدى.

     دىپلوماتىيە يۆنىلىشى دۇنياغا پايدىلىق

     خەلقئارا جەمئىيەت پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى. بۇ بايراق جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

     فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق زۇڭلى راففارىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشقان، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ تىنچ جۇڭگوغا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ھازىر ‹‹تىنچ گۈللىنىش›› يولىدا مېڭىۋاتىدۇ.

     ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىش.

     سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەسى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتىلمەيدۇ. 30 نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو زور تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندا، يالغۇز ئۆزىلا مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تەكىتلدى.

     دۇنياغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش.

     بۇ تەلەپتىن جۇڭگونىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغانلىقى ۋە راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بارلىق تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو قوشنا ئەللەر بىلەن ئەپ ئۆتۈش، ھەمراھ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارانىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىدۇ.

     پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (داھىيلار گۇرۇھى)نىڭ رەھبىرى ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن دىپلوماتىيە سىياسىتى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

     جۇڭگو دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيا جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى جۇڭگو خەلقئارا ئىشلارغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5–دېكابىر تېلېگراممىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter