ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ

ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ

2013-02-01 12:12     كۆرۈلۈشى: 1367 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «گۈللىنىش يولى›› توغرىسىدا «خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3–دېكابىر تېلېگراممىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى نېمىگە تايىنىپ روياپقا چىقىرىمىز؟ ....

«گۈللىنىش يولى›› توغرىسىدا

«خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3–دېكابىر تېلېگراممىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى نېمىگە تايىنىپ روياپقا چىقىرىمىز؟ 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ ‹‹جۇڭگو چۈشى››نى نېمىگە تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ‹‹قانداق روھىي ھالەت›› بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇھىم ئىش.

     «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرەپلىك، مۈشكۈل ئىش، بۇ، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج. قۇرۇق گەپ دۆلەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە چىن يۈرەكتىن قىلغان بۇ سۆزى 83مىليون پارتىيە ئەزاسى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قويۇلغان تەلەپ.

     مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىي ئىشلەشتىن، بالايىئاپەت قۇرۇق گەپ سېتىشتىن كېلىدۇ. ‹‹ئاغزىدا شەھەر ئېلىش››، ‹‹ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭ سېلىش›› تارىختىن بۇيان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە قاتتىق ھەزەر ئەيلىنىدىغان چوڭ قائىدە بولغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 100 يىلدىن كۆپرەك كۈرەش تارىخى بۇ ھەقىقەتنى يەنە بىر جەھەتتىن دەلىللەپ بەردى. ئۇلار كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غايەت زور قۇربانلارنى بېرىپ، قورال كۈچىگە تايانغان غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى؛ ‹‹كىيىم – كېچەك ۋە يېمەك–ئىچمەكتە تېجەشلىك بولۇش، بەلنى چىڭ باغلاش››تەك كۈرەش روھىغا تايىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە كەمبەغەل، مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق يېڭى جۇڭگودا مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسىنى قۇردى؛ ھېچ نېمىگە باش ئەگمەيدىغان ئىسلاھات جاسارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىسقىغىنا ئون يىلدا غەرب دۆلەتلىرى ئىككى، ئۈچ يۈز يىلدا ماڭغان مۇساپىنى باستى. كۆپنى كۆرگەن، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئازاب–ئوقۇۋەتتىن قۇتۇلۇپ، پارلاق مەنزىلگە يول ئالالىشى ئۇلارنىڭ قۇرۇق خىيال، سەپسەتىگە بېرىلمەي، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

     ئەمەلىي ئىشلەش روھى پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ، ئاجايىپ–غارايىپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە تەرەققىيات قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان، تەرەققىيات ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىرگەن، زىددىيەت گەۋدىلەنگەن مەزگىلدە، تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ‹‹تەتۈر ساناق مەزگىلى››گە كىرگەن پەيتتە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرى سۈپىتىدە قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ تونۇشقا ئايلانغان مەزگىلدە، قانداق قىلغاندا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ‹‹تۈزۈم پايدىسى››نى كۆرگىلى بولىدۇ؟ كادىرلار پاك–دۇرۇس بولۇش، ھۆكۈمەت پاك–دىيانەتلىك بولۇش، سىياسەت ئېنىق–روشەن بولۇش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نەق جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولامدۇ–يوق؟ بىز ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ئىشلىمىسەك، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتكە يۈز كېلەلمەيمىز.

     ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى. ‹‹قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغاندا، ماركسىزملىق روھتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ››. پۇرسەت ئازراق بىخەستەلىك قىلىنسىلا قولدىن كېتىپ قالىدۇ، ئىسلاھات چېكىنىپ كېتىدۇ. دەۋر مىنۇت–سېكۇنتنى قەدىرلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ باشلامچىسى بولۇشقا چاقىرىق قىلماقتا. ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىنى بىلمەسلىك، قۇرۇق سەپسەتىگە بېرىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىق، شەكىلۋازلىقنى قوغلىشىپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولماسلىق ئاخىرىدا مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشنى يوققا چىقىرىدۇ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يۇقىرىدا چوڭ گەپ قىلىپ، تۆۋەندە ھاماقەتلىك، يولسىزلىق قىلىدىغان خىيانەتچى چىرىك ئۇنسۇرلار سىياسىي داشقال پەيدا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇنداق ‹‹قۇرۇق گەپ قىلىدىغان كادىر›› تارىخ ۋە خەلق ئالدىدا ھامان يېڭىلىشىدۇ.

     20 يىلنىڭ ئالدىدا شېنجېن شېكۇ سانائەت رايونىدا ‹‹قۇرۇق گەپ دۆلەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ›› دەيدىغان بەلگە تاختىسى ئورنىتىلىپ، سوتسىيالىزممۇ؟ كاپىتالىزممۇ؟ دەيدىغان تالاش– تارتىشتىن خالاس بولۇپ، ‹‹جۇڭگو ھېكايىسى››نىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. بۈگۈن بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يېقىنلاشتۇق، يول گەرچە يېقىن بولسىمۇ، بۇ يولدا ماڭماي بولمايدۇ؛ ئىش گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنى جەزمەن بىر باشقا ئېلىپ چىقماي بولمايدۇ. جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى ئارقىلىق جۇڭگونى نۇرلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرايلى، مىللىي گۈللىنىشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىنى جەزمەن بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر بېسىپ ئۆتىمىز، بىز بۇنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېپيېڭى مەنزىل يارىتايلى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter