ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ ئالىم بىز بلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ۋە كۆرۈرمەنلىرى؟ ئالىم بىز بلوگىنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، مەن بلوگ ئېچىشتىن ئىلگىرى كۆپلىگەن تور ناملىرىنى ئويلاپ كۆرگەن بولساممۇ لېكىن، مۈتلەق كۆپ قىسمى ئىلتىماس قىلىنىپ بولغان ئىكەن. پەقەت مۇشۇ دېگەن ناملا كۆرۈلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن http://www.alimbiz.com دېگەن نامدا بلوگ قۇرۇش ئارزۇيۇم يوق بولدى. بىر مەھەل ئويلۇنۇپ كۆرۈپ، ئاخىر Net دېگەن نامدا بلوگ قۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم ھەم مۇۋاپىق يۈرۈشتۈرىۋالدىم.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە تور سودا ئەپەندى بىرسىنىڭ تور نامى ساتىمەن دەپ ئېلان چىقىرىپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە http://www.alimbiz.com دېگەن تور نامنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ماڭا ئۇچۇر قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تور سودا ئەپەندىنىڭ ئارلىشىشى، قارشى تەرەپنىڭ يول قۇيۇشى نەتىجىسىدە http://www.alimbiz.com دېگەن بۇ نامنى ئەرزان باھادا سېتىۋالدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور سودا ئەپەندىگە ۋە تور نامى ساتقۇچىغا ئالاھىيدە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
شۇنداق قىلىپ بۇ تور نام سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپكە بۇ نامنى ھازىرقى تور نامى بىلەن باغلاپ بىرىشنى ھەمدە بۇ نامغا يەنە بىر ئەن نومۇرى ئېلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇشۇمچە ئەن نومۇرىمۇ تەستىقلىنىپ چىقتى. نەتىجىدە ئىككى تور نامى بىلەن بىر بلوگنى زىيارەت قىلىش ئىشى روياپقا چىقتى. بۇ ئىككى تور نامى:
بۇندىن كېيىن يۇقىردىكى بۇ ئىككى تور نامى بىلەن ئالىم بىز بلوگىنى زىيارەت قىلالايسىلەر. زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلغان قاراشلىرىڭلار ۋە سەمىمىي تەكلىپلىرىڭلار بولسا دادىل ئوتتۇرغا قويۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
مۇبارەك بولسۇن! ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ قۇت تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: