ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ نېگىزى

ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ نېگىزى

2013-04-17 10:46     كۆرۈلۈشى: 1277 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ  نېگىزى ئاساسىي قاتلامدا   (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)        ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىي يەتكۈزۈلگەندىن ....

ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ

 نېگىزى ئاساسىي قاتلامدا

 

(شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

 

     ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىي يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹ئىشنى باھاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەت جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش پائالىيىتى تېز قانات يايدۇرۇلدى، بۇ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى، شۇنداقلا خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت.

     «جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش›› پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 – يىلىدىكى جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى پائال ئىزدىنىشى، ئەمەلىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەسلەش، يەكۈنلەش ھەم كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.

     جەمئىيەت باشقۇرۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنى باشقۇرۇش ۋە ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىش، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا بولۇپ، جەمئىيەت ئىشلىرى، قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ‹‹جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھالقىما تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس ۋە ئاممىۋى ئاساس سېلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

     ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئادەمنى ئاساس قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاممىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش››تەك بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇلازىمەت داۋامىدا باشقۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىلەن تويۇندۇردى. 2012 – يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش، ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. مىڭلىغان كادىر يېزا، مەھەللىلەرگە بېرىپ،

     ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ سىياسىتى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىشلەپ، نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا قەدەم قويۇشى، ئاممىنىڭ ئىناقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. ياخشى باشقۇرۇش ياخشى مۇلازىمەتتىن كېلىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلق تۇرمۇشىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى، ئامىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز مەسىلىسى دەپ بىلگەندىلا، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئوڭۇشلۇق، ئاسان، ئۈنۈملۈك، ياخشى بولىدۇ.

     ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىل پارتىيە 18 – قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىنىڭ تۇنجى يىلى، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان 2015 – يىلى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش نىشانىغا يېتىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان بىر يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىش ۋە ۋەزىيەتنى مۇقىملىشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايون پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارقىدا قالغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەھەللىلەرنىڭ ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يېڭى تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ئۈنۈمىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتى.

     «ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كادىرلار بىلەن ئامما تېخىمۇ قەلبداش بولۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم ۋە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter