ئالىم بىز بلوگى

مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ

ۋاڭ شىنخۇڭ

 

ئاپتونوم رايون ئورگان ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە، 1300دىن كۆپرەك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر يېقىندا ‹‹شەھەر، يېزا پىلانى ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى›› مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. كۈچلۈك تەدبىر، كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي ۋەزىپىدە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.

ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش سەرخىللاشقان تەرەققىيات مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە شەكىللەنگەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى كۆپ بولۇش، ھۆكۈمەت تارماقلىرى فۇنكسىيەسىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى ۋە مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بارغانسېرى تەسىر قىلماقتا. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹چەتنىگەن جاي›› دىن ئەسلىگە قايتىشى، ‹‹كەم جاي›› نى ‹‹تولۇقلىشى››، باشقۇرمايدىغان ۋە ياخشى باشقۇرالمايدىغان ئىشنى بازار، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشنى كەم – كۈتىسىز ياخشى باشقۇرۇشى، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتكە ئۆزگىرىشنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتى، باراۋەر، ئادىل ئەدلىيە مۇھىتى، قېلىپلاشقان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

جانلىق تەرەققىيات ئامىلىنى قوزغىتىش مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قايسى بىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، قايسى بىر تارماقنىڭ ئىشى ئەمەس، شۇڭا بارلىق تەرەققىيات ئامىلىنى قوزغىتىش، بارلىق تەرەققىيات كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش كېرەك.

«ئورگان مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇن، مەمۇرلار مۇلازىمەتچى››، ‹‹ئىستىل دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئۈنۈم دېگىنىمىز رىقابەت كۈچى››. مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىلغار ئىدىيەلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت ماھىيەتتىن ئېيتقاندا بىر ‹‹مۇلازىمەتچى›› بولۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش روھىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شوئار توۋلاش بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۇنى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ساپاسى ھەمىشە بىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى قاراش ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەسئۇل بولۇشقا، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ‹‹شىنجاڭ روھى›› نى نامايان قىلىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› نى يارىتىپ، ‹‹شىنجاڭ ئىقتىدارى›› نى ئۆستۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلىشى كېرەك.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە ئورگان ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ دەۋا تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى ۋە خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھازىر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پۇرسەتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايون ئاچقان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگان ئۈنۈمى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورگان مۇلازىمەت ماركىسىنى يارىتىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بارلىق ئەقىل – پاراسەتنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، تارىخ ۋە دەۋر بىزگە يۈكلىگەن بۇرچنى تاماملىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: