ئالىم بىز بلوگى

كوممۇنىستىك پارتىيە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ ؟

     ھەر قېتىم چوڭ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە تەمكىن بولۇۋاتىمىز، چوڭ–چوڭ بايراملار كەلگەندە دېموكراتىيە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمىز. پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتلەردە، بىز ئەلۋەتتە دېموكراتىيە ئۈستىدە توختىلىمىز. ئىنقىلاب دەۋرىدە سانسىزلىغان كومپارتىيە ئەزالىرى نېمىنى دەپ ئۆلۈمدىن، قان تۆكۈلۈشتىن قورقماي، يىقىلغانلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كۈرەش قىلدى؟ دېموكراتىيەنى دەپ، خەلقنى ئۆز ئىشىغا خوجايىن بولسۇن دەپ قىلدى.

     دېموكراتىيەدىن سۆز ئېچىشقا كومپارتىيەنىڭ ھەممىدىن بەكرەك سالاھىيىتى توشىدۇ. ھەتتا ئەينى يىللىرى ستۇئارت لېختونمۇ جۇڭگۇدىن كېتىدىغان چاغدا: ‹‹ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، كومپارتىيە مەيلى جۇڭگو پۇقرالىرى (بولۇپمۇ دېھقانلار) بولسۇن، ياكى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى خەلقنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، جۇڭگۇنىڭ دېموكراتىيە ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىدىغان، جۇڭگۇنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ھەقىقىي مۇستەقىل ھەم كۈچلۈك ئورۇنغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر پارتىيە دېگەن تەسىر بېرەلەيدىكەن›› دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى .

     كومپارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن دېموكراتىيەنى تەكىتلىدى. ماۋ زېدۇڭ: بىز ‹‹تېز گۈللىنپ، تېز خاراپ بولۇش›› تەك دەۋرىيلىك قانۇنىيەتتىن قانداق قۇتۇلۇشىمىز كېرەك؟ دېموكراتىيەگە تايىنىشىمىز كېرەك. ‹‹خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىپ تۇرغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلالمايدىغان بولىدۇ، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتچان بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىمۇ، ھاكىمىيەتمۇ خاراپ بولۇپ كەتمەيدۇ ›› دېگەن .

     كومپارتىيە سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا دېموكراتىيەنى تەكىتلەيدۇ. دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، بىز ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە يېتىشىۋېلىشىمىز، سىياسىي جەھەتتە كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭكىدىنمۇ يۈكسەك ۋە ھەقىقىي دېموكراتىيە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك›› دېگەن ئىدى .

     بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز ‹‹تېخىمۇ يۈكسەك››، چۈنكى بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردۇق، بۇلار دېموكراتىيە تۈزۈمىمىزنىڭ كاپالىتى. بىز سايلام دېموكراتىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، ئاۋاز بېرىش، سايلاش تۈزۈمىنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنىمۇ كېڭەيتتۇق؛ يەنە كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئىجاد قىلدۇق: جۇڭگۇدا ھازىر كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇقىم سەھنە بولغان ھەر دەرىجىلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىلاتى بار، پارتىيە–گۇرۇھ، تەبىقە، ساھە، مىللەت، دىنىي تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش-مۇھاكىمە قىلىش تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق كېڭىشىشكە قاتناشماقتا. سايلام دېموكراتىيەسى بىلەن كېڭىشىش دېموكراتىيەسى دېموكراتىيە شەكلىدىكى يېڭى ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ .

     بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز ‹‹ئەمەلىيەكە تېخىمۇ ئۇيغۇن››، چۈنكى كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە دېموكراتىيە مەسىلىسىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دېموكراتىيەنى قانداق يول ۋە قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى غەربنىڭ دېموكراتىيە ئەندىزىسىنى بىر مەھەل قوبۇل قىلىپ، رادىكال ئىسلاھاتلار ئارقىلىق غەربنى دورىدى. بىر مۇنچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى سىياسىيونلار ۋە پۇقرالار گەرچە دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئەرزىيدىغان تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭلا ئىلگىرى سۈرۈشكە قادىرسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن جەمئيەتتە نارازىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق ھاكىمىيەتمۇ قانۇنلۇق دەرىجىسى تۆۋەن ھاكىمىيەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. دېمەك، ئىجتىمائىي داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇنداق «دېموكراتىيە» ئاخىرى بېرىپ پۇقرالارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇلاردىن ئىبرەت ئالماي بولمايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىى ياخشىلاش ۋە ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي تەرتىپ، مۇكەممەل قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئاكتىپ، پۇختا، تەرتىپلىك دېموكراتىيە بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى كۈچلۈك قانۇنچىلىق كاپالتىگە ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە قىلىدى .

     بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز «تېخىمۇ يۈكسەك ۋە تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن»، چۈنكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىمىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلىش، شۇنىڭدەك ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىگە قەدەم قويدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىدىيەۋىي قاراشتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا پارتىيەمىز چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەت، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېغىر ۋەزىپىسى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى ئۈمىدى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە يۈزلەنمەكتە. بۇ تۆت «چوڭقۇر» مەسىلە ۋە تۆت «يۈزلىنىش» مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرسىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم .

     جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 90 يىللىق تارىخى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئۈزلۈكسز ئىزدەنگەن تارىخ بولدى؛ دېمەك، 90 يىللىق قەدەم جۇڭگو دېموكراتىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش رېتىمىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى. ئەگەر بۇ ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى ياكى باشقا تور بەتلەردە چاپلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۆۋەندىكى ساداسىغا قۇلاق سالغايسىز!

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

    ئالاقىلىشىش تېلېفونى :  8521981–0991

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: كوممۇنىستىك پارتىيە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: