ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان ئامىللار

پەرىدە كېرەم

     ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىقتىسادى مەيلى سۈرئەت ياكى كۆلەم جەھەتتىن ۋە ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، ئېلىمىز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماقتا.

     بىرىنچى، يېزا ئىگىلىكىدە، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يەنىلا كۆپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا تارماقلارغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ناھايىتى زور، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى 170 مىليوندىن ئاشىدۇ، مۇشۇ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكەش – يۆتكىمەسلىك شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر، ئاساسلىقى، مۇنۇلاردىن ئىبارەت: شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ ئارقىدا قېلىشى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن؛ ئۈچىنچى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ تۇرماقتا؛ يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا؛ يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ساپاسىنىڭ نىسپىي تۆۋەن بولۇشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ تاللاش دائىرىسىنىڭ تار بولۇشىنى پەيدا قىلغان. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شەھەرلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلىشى ۋە يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى سەۋەبلىك مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى %40 تىن ئارتۇق قاۋۇل ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە يۆتكىلىپ ئىشلەمچىلىك قىلماقتا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئاياللار، بالىلار ۋە قېرى – چۆرىلەرلا قالغان. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە %60 دېھقانچىلىق ئىشىنى ئاياللار ئۈستىگە ئالىدىكەن، بەزى جايلاردا بۇ نىسبەت %80كە يېتىدىكەن. دېمەك، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

      ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن، ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئازراق بولۇپ، ئىچكى – تاشقى بازار رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشى بىر قەدەر قىيىن. يېزا ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇشى تارقاق، كۆلىمى كىچىك، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ.

     ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى تۆۋەن، ئېلىمىز يېزىلىرىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا مەركەزلىك ھالدا يەر ۋە ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاشقى ئامىلدىن بولىدىغان كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش، يىرىك ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلى قوللىنىلىۋاتىدۇ، كۆپ تېرىپ، ئاز ھوسۇل ئېلىش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا مال بېقىش، دەل – دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىش ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت. بۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى، يەرنىڭ قۇملىشىپ، شورلىشىپ كېتىشىنى، شۇنىڭدەك قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپەتلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.

     تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بايلىقى كەمچىل. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسايىن يامانلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك بايلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئېلىمىزدە سۇ، تۇپراق بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر، ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئوتلاق، ئورمان، سۇ بايلىقى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %14، %40 ، %30 ۋە %25 كە توغرا كېلىدىكەن. ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ۋە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ئەسىردە ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى تېزلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىدۇ. دېمەك، كەسكىن مۇھىت مەسىلىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تەھدىت سالماقتا.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: