ئالىم بىز بلوگى

زوڭتوڭ تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ پەرقى

زوڭتوڭ تۈزۈمى

     زوڭتوڭ تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، زوڭتوڭ دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
     ئىككىنچى، مەمۇرىي تارماقلارۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل بۇلىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇمچە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە ئارلاشمايدۇ.ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ قوشۇمچە پارلامېنت ئەزاسى بولمايدۇ.
     ئۈچىنچى، سايلانغان زوڭتوڭ ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ، زوڭتوڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئايرىم ئايرىم ئۆتكۈزىلىدۇ. پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيىسىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇلىشى ناتايىن.
     تۆتىنچى، پارلامېنت زوڭتوڭغا ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ، زوڭتوڭنىڭمۇ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئامېرىكا ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر.

پارلامېنت تۈزۈمى

     پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىيدىلىكى – دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىۋىتىلگەن بۇلىدۇ. دۆلەت باشلىقلىق ۋەزىپىسى كۆپىنچە سىمۋول خەرەكتىردىكى ۋەزىپىدە بۇلۇپ، ھەقىقىي مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقى پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە ياكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بىرلەشمە پارتىيەدىن تاللىنىدۇ. ھوقۇقى پارلامېنتنىڭ قوللىشىدىن كىلىدۇ ھەم پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورۇن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە پارلامېنت ۋەزىر (زوڭلى) گە ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە ۋەزىر (زوڭلى) نى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشكە قىستىسا بۇلىدۇ. ۋەزىر (زوڭلى) مۇ خالىغان ۋاقىتتا پارلامېنتنى تارقىتىۋەتسە بۇلىدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار.

زوڭتوڭ – پارلامېنت تۈزۈمى

    زوڭتوڭ تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقا بىر خىل زوڭتوڭ تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مۇجەسسەملەشنى نىشان قىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بۇلۇپ، ئۇ يېرىم زوڭتوڭ تۈزۈلمىسى ياكى زوڭتوڭ – پارلامېنت تۈزۈلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يېرىم زوڭتوڭ تۈزۈلمىسىدە زوڭتوڭنىڭ پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋىتىش ھوقۇقى بۇلىدۇ. ھەتتا دۆلەتتە جىددى ئەھۋال كۆرۈلگەندە پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ ئالاھىيدە ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. فرانسىيە، شىۋېتسارىيە، كورىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى يولغا قۇيۇلغان.

خۇلاسە

     زوڭتوڭ تۈزۈمىدە ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋىتىلگەن بۇلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىيدىلىكىدۇر. ھالبۇكى پارلامېنت تۈزۈمىدە ھوقۇق ئۇنچە ئېنىق ئايرىلمايدۇ. مەمۇرىي ئورگان قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.، ھۆكۈمەت پارلامېنتقا مەسئۇل بۇلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: زوڭتوڭ تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ پەرقى

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2011-06-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: نام - ئاتالغۇلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: