ئالىم بىز بلوگى

PM2.5 دېگەن نىمە؟

     11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ 5- يىغىنىدا PM2.5 «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاد»قا كىرگۈزۈلۈپ، قىزغىن مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلاندى. يېڭىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن «مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى» دە، PM2.5 نىڭ ئوتتۇرچە قويۇقلۇقى ۋە ئوزۇننىڭ سەككىز سائەتلىك ئوتتۇرۇچە قۇيۇقلۇقىنى چەكلەش تۈرى كۆپەيتىلدى. بۇ ئىلىمىزنىڭ مۇھىتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى كونتۇرۇل قىلىشتىن تەدىرىجى ھالدا مۇھىتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى كونتۇرۇل قىلىشقا ھەم مۇھىت سۈپىتىنى كونتۇرۇل قىلىشنى ئاساس قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ بەلگۈسى بۇلۇپ قالدى.

     ئۇنداقتا PM2.5 دېگەن نىمەى؟ ئۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

     PM ئېنگىلىزچە particulate matter (دانچە ماددا) دېگەنلىك بۇلۇپ، PM2.5 بولسا ئاتمۇسفۇرادىكى دىيامىتىرى ئادەم چېچى دىيامىتىرىنىڭ تەخمىنەن 2.5 مىكرومىتىرغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان ئۇششاق دانچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆپكىگە كىرەر دانچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گەرچە PM2.5 يەر شارى ئاتمۇسفۇراسىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغان تەركىب بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاۋا سۈپىتى ۋە كۆرۈنۈش دەرىجىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. چوڭراق دانچە ماددىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ دانچىلىرى ئۇششاق بولغاچقا، ئاتمۇسفۇرادىكى ساقلىنىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق، يۆتكىلىش ئارلىقى تېخىمۇ تېخىمۇ يىراق. كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلارنى بەدەنگە ئېلىپ كىرەلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە مۇھىت سۈپىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بۇلىدۇ.

     ئامېرىكا 1997- يىلى PM2.5 ئۆلچىمىنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن PM2.5 ئۆلچىمى مۇھىت بۇلغىنىش دەرىجىسىنى كۈزۈتىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلاندى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: PM2.5 دېگەن نىمە؟

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-04-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: نام - ئاتالغۇلار
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: