ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى
ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى 5 – سېنتەبىر بېلگىراتتا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
1961- يىلى 1- سېنتەبىردىن 6- سېنتەبىرگىچە يۇگوسلاۋىيە، مىسىر، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بېلگىرادتا ئېچىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى رەسمىي قۇرۇلغان.
بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇستەقىللىق، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، شۇنىڭدەك مىللىي ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈرىشىنى قوللىدى. ھازىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە 120 دۆلەت ئەزا بولدى، جۇڭگو بۇ تەشكىلاتقا 1992- يىلى 9- ئايدا كۆزەتكۈچى دۆلەت بولۇپ قاتناشقان.
يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى
يېقىندا ئىنكاس قالدۇرغان مىھمانلار