ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رېجىم جازاسى ۋە جازا كېمەيتىش

رېجىم جازاسى ۋە جازا كېمەيتىش

2012-05-07 5:54     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      رېجىم ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان بىرخىل جازا بولۇپ، بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇستەقىل ئىجادىيىتى دېيىشكە بو....

     رېجىم ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان بىرخىل جازا بولۇپ، بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇستەقىل ئىجادىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. رېجىمنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تۈرمىدە ياكى باشقا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدا ئىجرا قىلىنماستىن، بەلكى جىنايەتچىلەر جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىلىپ ئاممىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆزگەرتىلىدۇ. رېجىمغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەش مەزگىلىدە ئۆز ئائىلىسىدىن ۋە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئەمگىكىگە باشقىلارغا ئوخشاش ھەق ئالسا بولىدۇ. جىنايەتچىلەر رېجىم جازاسى ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىچىدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 39 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرگە رېئايە قىلىشى كېرەك.

(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رېئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش.

(2) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەسلىك.

 (3) ئىجراقىلغۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇش.

 (4) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش.

 (5) ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر)دىن كەتمەكچى ياكى كۆچۈپ كەتمەكچى بولسا، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك.

     جازانى ئىجرا قىلىش، دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار ئەدلىيە پائالىيىتىنىڭ ئورگانىك مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم پەقەت ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە جازا ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى، شۇنداقلا قانۇننىڭ جازالىشىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جازانى ئىجرا قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن دۆلەت قانۇنىنىڭ ئادىللىقىنى ۋە قۇدرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جازانىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قلدۇرغىلى بولىدۇ. جازا خاراكتېرىنىڭ ئوخشماسلىقىغا ئاساسەن ئىجرا تەرتىپى، مەزمۇنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك جازانى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، جازانى ئىجرا قىلىشتا قانۇن يول قويغان دائىرىدە، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، جازا تەتبىقلاشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇشقا بولىدۇ. مۇددەتسىز ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەردىن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق جازانىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جازا ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىپ يېڭى ئادەم قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى قانۇن ھۆكۈمىنىڭ ئادىللىقىنى، مۇقىملىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس. بۇ ھەقتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنىنىڭ 29 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلسە، تۈرمىنىڭ سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسىدىن بىرى كۆرۈلسە جىنايى جازا كېمەيتىلىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

(1) باشقىلارنىڭ زور جىنايى ھەرىكىتىنى توسقانلار؛

(2) تۈرمە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلار؛

(3) كەشپىيات – ئىجادىيەت ياكى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا زور تېخنىكا يېڭىلاش جەھەتتە نەتىجە ياراتقانلار؛

(4) باشقىلارنى قۇتقۇزۇۋالغانلار؛

(5) تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا ياكى زور ھادىسىلەرنى تۈگىتىشتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(6) دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن باشقا زور تۆھپە قوشقانلار.

     قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا كېمەيتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ جىنايى جازاسىنى كېمەيتىشكە بولمايدۇ. جازا كېمەيتىش ئەدلىيە ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇھىم خىزمەت ئۆتكىلى بولۇپ، بۇ خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ۋە جانلىق قوللىنىش، جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئادىللىقىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

     (شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter