ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشى

ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشى

2012-06-29 11:30     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتنى پاش قىلغانلارنى  مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى         (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى پاش قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە....

ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتنى پاش قىلغانلارنى

 مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى

 

      (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى پاش قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بويىچە ‹‹دېلو پاش قىلىش بىرلەشمە جېڭى›› نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا ‹‹جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتنى پاش قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشى›› چىقىرىپ، جايلاردىن ئىقتىسادىي جىنايەتنى پاش قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ھەم تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان پاش قىلغۇچىلارنىئەھۋالغا قاراپ 500 يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلاشنى تەلەپ قىلدى.

     «ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق دېيىلدى: ج خ ئورگانلىرى ئاممىنىڭ مالىيە، باج، سودا، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردىكى يالغان پۇل، پۇل يۇيۇش، بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى، مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش، شاخلىتىپ سېتىش، قانۇنسىز ئاكسىيە، زاكاز مال، ساختا تالون، توختام ئالدامچىلىقى، سودا پارىخورلۇقى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىۋېلىش، ساختا – ناچار مەھسۇلاتلار، ساختا – ناچار دورىلار، ساختا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، بازار تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جىنايى قىلمىشلارنى ئاكتىپ پاش قىلىپ، ج خ، ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ۋاقتىدا جازالىشىغا ياردەملىشىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى قارشى ئالىدۇ. پاش قىلغۇچىلار تېلېفون، خەت – چەك، ئېلخەت قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پاش قىلسا بولىدۇ. پاش قىلىش جەريانىدا ئەمەلىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي نامى بىلەن پاش قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، پاش قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter