ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خۇمار (سۆز ئويۇنى)

خۇمار (سۆز ئويۇنى)

2012-06-29 12:18     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى   بۈركۈت تاغقا خۇمار، كاككۇك باغقا خۇمار، پىرىخون داپقا خۇمار، قاغا تاپقا خۇمار، پاقا كۆلگە خۇمار، تورغاي چۆلگە خۇمار، بۇلبۇل گۈلگە خۇمار، كاززاپ گۆلگە خۇمار، موللام تۆرگە....

ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

 

بۈركۈت تاغقا خۇمار،

كاككۇك باغقا خۇمار،

پىرىخون داپقا خۇمار،

قاغا تاپقا خۇمار،

پاقا كۆلگە خۇمار،

تورغاي چۆلگە خۇمار،

بۇلبۇل گۈلگە خۇمار،

كاززاپ گۆلگە خۇمار،

موللام تۆرگە خۇمار،

ئۆلۈك گۆرگە خۇمار،

لاپچى پوغا خۇمار،

 ماختانچاق خوغا خۇمار،

قۇشقاچ قۇرتقا خۇمار،

يىگىت بۇرتقا خۇمار،

داخان دۇرتقا خۇمار،

قاش ئوسمىغا خۇمار،

باش پوسمىغا خۇمار،

مىشچان ياشقا خۇمار،

تاز چاچقا خۇمار،

سېمىز ئورۇققا خۇمار،

ئۇرۇق قۇيرۇققا خۇمار،

كەمبىغەل چۇرۇققا خۇمار،

ئەما يۇرۇققا خۇمار،

قۇماندان بۇيرۇققا خۇمار،

كىسەل دۇرىغا خۇمار،

چامغۇر ئورىغا خۇمار،

كەپە بورىغا خۇمار،

ئاشىق كۆيۈشكە خۇمار،

مۇھەببەت سۆيۈشكە خۇمار،

ئات تاقىغا خۇمار،

بىشەم خوتۇن ياقىغا خۇمار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter