بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىداش مىللەتلەر شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى، ئادەتتە دېھقانچىلق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان، شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركى خەلىقلەرنى «سارت» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان مىللى مۇناسىبەتلەر تۈپەيلىدىن، گويا بۇ سۆز ھاقارەت قىلىنغاندەك، كەمسىتىلگەندەك خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتپەرۋەر ئالاھىيدىلىكىگە ماس ياخشى سۆزدۇر. ئۇيغۇرلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىقتىكى ماھارىتى بىلەن تۈركى خەلىقلەر ۋە باشقا چارۋىچى خەلىقلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1985- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان خەلىقئارا نۇپۇزغا ئىگە بىلىملەر قامۇسى – «ئوكيانۇس» نىڭ 2-قىسىم 2362- بېتىدە ئىزاھلىغىنىدەك، مۇڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە كەڭ قوللىنىلغان ”سارت“ دىگەن بۇ سۆز مۇڭغۇل سۈزى بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ”دانىشمەن“، ”ئەقىلدار“، ”ئالىيجاناپ“، ”مەنسەپدار“، ”سودا ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى“، ”سودىگەر“ دىگەندەك مەنىلەردە بۇلۇپ، ئەينى چاغلاردا يۇقىرى تەبىقىنى كۆرسەتكەن.
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> نام - ئاتالغۇلار >> تەپسىلاتى
”سارت“ دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】«دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى›› دېگەن نېمە؟
【كىيىنكى يازما】پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە دۇنيادىكى تىللار
【كىيىنكى يازما】پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە دۇنيادىكى تىللار
تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ