ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> لاياقەتسىز دورىلار ۋاقتىد ايىغىۋېلىنمىسا، ئېغىر جازالىنىدۇ

لاياقەتسىز دورىلار ۋاقتىد ايىغىۋېلىنمىسا، ئېغىر جازالىنىدۇ

2012-11-30 11:50     كۆرۈلۈشى: 1272 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: دورا ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرىغا ئالاقىدار جازا تەتبىقلاش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى        دۆلەتلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ‹‹دورا ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرى مەمۇر....

دورا ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرىغا ئالاقىدار جازا تەتبىقلاش

بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

 

     دۆلەتلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ‹‹دورا ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرى مەمۇرىي جازا تەتبىقلاش بەلگىلىمىسى›› 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ساختا، ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قىلمىشلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدىكەن ۋە ‹‹ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە›› قاراپ جازانىڭ دەرىجىسى ئېنىق بېكىتىلىدىكەن.

     «بەلگىلىمە››دە مۇنداق بېكىتىلگەن: ناركوز دورىلىرى، نېرۋا دورىلىرى، تېبابەتتە ئىشلىتىدىغان زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە رادىياتسىيەلىك دورىلارنى باشقا دورىلارنىڭ ئورنىدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى باشقا دورىلارنى يۇقىرىقى دورىلار قاتارىدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش قىلمىشى؛ ھامىلىدار – تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا ساختا، ناچار تەركىب ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقارغانلار، ساتقانلار؛ ساختا، ناچار بىيولوگىيەلىك بۇيۇملار، قان مەھسۇلاتلىرى، ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقانلار؛ ساختا، ناچار دورىلارنى ياكى ئۆلچەمگە توشمىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ھەم ئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دورا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قانۇنسىز ھالدا دورا تەركىبىنى كۆپەيتكەن ياكى قانۇنسىز خام ماتېرىيال ئىشلىتىپ، ساختا دورا ئىشلەپچىقارغانلار؛ ئۆز ئالدىغا خالىغانچە قوشۇمچە ماتېرىيال قوشۇپ، ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ دورا ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان دورا ياكى دورا ئەسۋابلىرىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى بارلىقىنى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ۋە ھاياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، سېتىشنى توختاتمىغان، ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرمىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋالمىغان ھەم يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا ئۆزى سېتىۋاتقان دورا ياكى داۋالاش ئەسۋابلىرىدا مەسىلە بارلىقىنى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ۋە ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇ مەھسۇلاتنى سېتىشنى دەرھال توختاتمىغان، ئىشلەپچىقارغان كارخانىغا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ۋە يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ‹‹ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە›› قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter