ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا

2012-11-30 12:47     كۆرۈلۈشى: 1831 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ  چۆرىدەپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى،  تەشۋىق قىلايلى، ئىزچىللاشتۇرايلى    ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىي....

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ

 چۆرىدەپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى،

 تەشۋىق قىلايلى، ئىزچىللاشتۇرايلى

 

 ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ

 1–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە سۆزلەنگەن سۆز

(2012- يىلى11–ئاينىڭ17–كۈنى)

 شى جىنپىڭ

 

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، يېڭىي تارىخىي شارائىتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تەسۋىرلەپ بېرىلدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى بولۇپ، مۇشۇ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ خىزمەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەكلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرىشى، ئىجادىيىتى، جۇغلىمىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇنىڭدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات مەنزىلىنى تىرىشىپ ئېچىشقا چاقىرىق قىلىندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيە. بىز بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، كۈچەىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگەنگىلى، تېخىمۇ ئېنىق ئۆزلەشتۈرگىلى ۋە تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

     نېمە ئۈچۈن بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيمەن؟ چۈنكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى راۋاجلاندۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مېنىڭچە، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

     بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش مەزگىلىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرىشى ئاساسىدا ئورنىتىلغان، پارتىيەمىزنىڭ نەچچە ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىڭبىر جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەپ، كۈچ ئۇلاپ ئىزدىنىش ئاساسىدا قولغا كەلتۈرگەن. پارتىيەمىز خەلققە مەھكەم تايىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئىچكى – تاشقى مالىمانچىلىقلىرىنى، نامرات، ئاجىز ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشتەك تارىخىي مۇساپىسىنى باستى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرى يېپيىڭى قىياپەت بىلەن قەددىنى رۇسلاپ، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

     بىز پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورنىتىشنى قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى، ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورناتتى. يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 – ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىردى. يېڭى ئەسىر، باسقۇچتا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋاجلاندۇردى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرنىڭ غايىسى ۋە ئىزدىنىشى سىڭگەن، سانسىزلىغان ئىنسانپەرۋەر ۋە ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىگە ئايلانغان، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرىشى ۋە قۇربان بېرىشلىرى بەدىلىگە كەلگەن، شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقەرەر تاللاش يولى بولۇپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگونى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

     ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش بايرىقى، ئالغا ئىلگىرىلەش بايرىقى، غەلىبە بايرىقى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەردىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش تەلەپ قىلىنغان، بۇنىڭدىكى تۈپكىي سەۋەب دەل مۇشۇ يەردە.

     ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول، نەزەرىيە سىستېمىسى، تۈزۈمنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، شۇنداقلا ئۆزئارا مۇناسىۋىتى شەرھلىنىپ، مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ھەرىكەت قىبلىنەماسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تۈپ كاپالەت، بۇ ئۈچى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى.

     يىغىنچاقلاش بىزگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەمەلىيەت، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمنى زىچ بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ھەم ئەمەلىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى، ھەم توغرا نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈنۈمى كۆرۈلگەن فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈزۈمى دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇڭا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ يول، نەزەرىيە سىستېمىسى، تۈزۈمىدە، ئۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇش يولى، ھەرىكەت قىبلىنەماسى، تۈپ كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغلىنىشىدا، بۇ ئۈچىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكىدە. ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىقتۇر.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول، شۇنداقلا خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتىكى مۇقەررەر يول. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ھەم ‹‹تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ›› تا چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ھەم ئومۇمىي خەلقنى قەدەممۇ قەدەم ئورتاق بېيىتىدۇ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ماركىسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى بىلەن ئوخشاش چىڭ تۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك، يوقىتىپ قويساق ئاساستىن ئايرىلىپ قالىمىز. بىز شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى مەركەز قىلىپ، ماركىسىزم نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاشقا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئويلىشىشقا، يېڭى ئەمەلىيەت ۋە يېڭى تەرەققىياتقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرغانلىق ماركىسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىقتۇر.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم، بۇ تۈزۈم ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمنى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ھەم ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم قاتارلىق كونكرېت تۈزۈملەر بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەت قاتلىمىدىكى دېموكراتىك تۈزۈمنى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

     شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئالاھىدىلىكى روشەن، ئۈنۈمى زور، لېكىن، ئۇ يەنىلا ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس، پىشقان، تۇراقلاندۇرۇلغان ئەمەس. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1992 – يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹بىز يەنە 30 يىلدىن كېيىن ئاندىن ھەر قايسى جەھەتلەردە تېخىمۇ پىشىپ – يېتىلگەن ۋە تېخىمۇ تۇراقلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈمنى شەكىللەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى. بىز ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ھازىرقى تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، بەزى بىر يېڭى تۈزۈملەرنى ۋاقتىدا بېكىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرگۈزۈلۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

     ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئاساسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇمىي ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئاساسى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››، ئومۇمىي ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ ‹‹ئۈچ ئومۇمىي››لىقنىڭ يىغىنچاقلىنىشىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىنغان، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان بولۇپ، ئىخچام ۋە مۇكەممەل. بۇ يېڭى ئومۇملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ چىن مەنىسى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە پايدىلىق.

     ئومۇمىي ئاساسنىڭ تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگوسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئەڭ چوڭ ئەمەلىيىتى بولغانلىقىدىندۇر. بىز ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇ ئەڭ چوڭ ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا دەسلەپكى باسقۇچنى باشتىن – ئاخىر مەۋقە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى، يەنە سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىمۇ باشتىن – ئاخىر دەسلەپكى باسقۇچنى مەۋقە قىلىشىمىز كېرەك؛ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار تۆۋەن مەزگىلدىلا، دەسلەپكى باسقۇچنى باشتىن – ئاخىر مەۋقە قىلىپ قالماستىن، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار ئاشۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچنى مەۋقە قىلىشنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك؛ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىگەندە، دەسلەپكى باسقۇچنى باشتىن – ئاخىر مەۋقە قىلىپلا قالماستىن، كۈندىلىك خىزمەتلەردىمۇ دەسلەپكى باسقۇچنى مەۋقە قىلىشنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ جان تومۇرى. بىز ئەمەلىيەت جەريانىدا ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا››دا باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئېغىشماسلىقىمىز، ھەم ‹‹بىر مەركەز››دىن چەتنىمەي، ھەم ‹‹ئىككى ئاساسىي نۇقتا››دىن ئېغىپ كەتمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئورتاق غايىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى مۇستەھكەملەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىزمدىن ۋاز كېچىشتەك ھەر خىل خاتا تەشەببۇسلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھالقىش باسقۇچىدىكى خاتا كۆز قاراش ۋە سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئاڭلىق تۈزىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ھەم ئۆزىمىزنى كەمسىتىشتىن، ھەم كۆرەڭلەپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى مۇستەھكەم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

      ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇلغان سوتسىيالىزم بولغانلىقىدىندۇر. بىز پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە باشتىن – ئاخىر ۋەكىللىك قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى ۋە رولى كۈنسايىن گەۋدىلەنمەكتە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتىنى ئەمەلىيەت ۋە تونۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بىز بۇ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئومۇمىي ۋەزىپىنىڭ تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانلىقىدا. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى جۇڭگو خەلقىنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈندۇر. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كۈرەش نىشانى. پارتىيەمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى تۈپ مەقسەت، دۆلىتىمىزنىڭ كۈرەش نىشانىنىڭ ھەممىسى بۇ ئومۇمىي ۋەزىپىگە مۇجەسسەملەنگەن ۋە يىغىنچاقلانغان. بۇ ئومۇمىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     پارتىيەمىز ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە، ھەمىشە خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن چاقىرىق كۈچىگە باي كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ كۈرەش قىلىپ كەلدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى، تاشقى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، تېخىمۇ ئېنىق سىياسەت يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە بولغان قاراتمىلىقىنى ئاشۇردى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، يېڭى تەلەپلىرىگە تېخىمۇ ماسلاشتى. بۇ نىشان، تەلەپلەر پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانى ۋە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىدىكى يېڭى تەلەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بىلەن بىردەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

     تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى جەزمەن چىڭ ئىگىلەشتىن ئىبارەت تۈپ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۈپ تەلەپ پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش، بولۇپمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئەڭ ماھىيەتلىك نەرسە، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىنى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن نەرسە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تۈپ تەلەپ قانداق قىلغاندا يېڭى تارىخىي مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن تۈپ مەسىلىگە يەنىمۇ ئېنىق جاۋاب بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئىشى، شۇڭا، خەلقنىڭ خوجايىنلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، شۇڭا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتەك ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇڭا، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چوقۇم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەققانىيلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىچكى مەزمۇنى، شۇڭا، ئومۇمىي خەلق ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىي قىلغان ئاساستا ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان تۈزۈمنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك كاپالىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، شۇڭا، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ باراۋەر بەھرىمەن قىلىپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشى بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، شۇڭا، ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغانلىكى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تىنچ تەرەققىي قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، شۇڭا، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، شۇڭا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى كونترول قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشتىكى يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ئىسلاھ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتە دۇچ كەلگەن قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان مەزگىلىدىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىنى توغرا يېتەكلەش. بۇ ئاساسىي تەلەپلەر ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگە، ھەم ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىغا، ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى، ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشقا چېتىشلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىچكى – تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشقىمۇ چېتىشلىق. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ ئاساسىي تەلەپكە ئەمەل قىلدى ۋە ئۇنى نامايان قىلدى. بۇ ئاساسىي تەلەپنى تۇتقاندىلا، كۈچنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، خەلقنى يەنىمۇ بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك ھەم جاپالىق ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

     بەشىنچى، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىزنىڭ زىممىسىگە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن. پارتىيە قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىسا، دۆلەت گۈللىنىپ، مۇقىم بولىدۇ، خەلق بەختلىك ياشايدۇ، تىنچ ئۆتىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلىرىمىزغا يول ئېچىش، خەلقنىڭ ئۈمىدى بىزدىن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى بۈيۈك قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىشلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. شۇڭا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ماددىمۇ ماددا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلەپ ھەم پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىلدىن بۇيان ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تۈپ نۇقتىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەم يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقى ساقلاندى ھەم راۋاجلاندۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى كۈچەيدى ۋە ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سېلىشتۇرغاندا، پارتىيە ئۈستىگە ئالغان تارىخىي ۋەزىپىلەرگە سېلىشتۇرغاندا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارى، ئىستىلىدا يەنە نۇرغۇن پەرقلەر ساقلاندى، بولۇپمۇ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ‹‹تۆت چوڭ سىناق›› ۋە ‹‹تۆت خىل خەۋپ››كە دۇچ كەلدى. پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە چىڭ باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە تەخىرسىز بولدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تەخىرسىزلىك ئېڭى بىلەن مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنى دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىچى – تاشقى تۈرلۈك خەۋپ ۋە سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشى كېرەك.

     غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئىزدىنىشىدە چىڭ تۇرۇش باشتىن – ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ ھاياتلىق مىزانى. ماركىسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزملىق غايە كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي جېنى. كوممۇنىستلارنىڭ ھەر قانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك. غايە – ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى، غايە – ئېتىقاد بولمىسا مەنىۋى ئوزۇق بولمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردا يا بۇنداق، يا ئۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، قىسمەنلىرىنىڭ ئېتىقادى سۇسلاپ، مەنىۋى ئىزدىنىشى يوقالدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى، بولۇپمۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈلگە بولۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

      پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر غالىب ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق. ئەگەر ئاممىدىن، خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە مەدىتىدىن ئايرىلىپ قالساق، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىمىز. بىز جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاممىنى تەشكىللەش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش، ئاممىنىڭ نازارىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باشتىن – ئاخىر خەلق ئىچىدە يىلتىز تارتىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، خەلق بىلەن ھەر ۋاقىت قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشىمىز كېرەك.

     خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەلرايىغا بېقىپ، خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تۈزىتىش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن، تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركىزىي كومىتېت بۇ پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاك سىياسەت ئورنىتىش، پارتىيەنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش پارتىيەمىز ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن روشەن سىياسىي مەيدان. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى كادىرلار، ئامما باشتىن – ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان زور سىياسىي مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى دۆلەتلەردە زىدىيەتلەر ئۇزاق مەزگىل توپلىنىپ، خەلقنىڭ نارازى بولۇپ نامايىش قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشىغا، ھاكىمىيەتنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولدى. خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىش بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. نۇرغۇن پاكىتلار بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، چىرىكلىشىش مەسىلىسى قانچىكى ئەۋج ئالسا، پارتىيە ۋە دۆلەتنى گۇمران قىلىدۇ! بىز ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىچىدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى يۈز بەردى، بۇ دېلولارنىڭ خاراكتېرى قەبىھ، سىياسىي تەسىرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چىرىكلىشىشكە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، كادىرلار دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئېنىق بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك، دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پاك بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، ھەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھەم تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشىغا ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى يۇمشاق قوللۇق قىلماستىن، قاتتىق جازالاش كېرەك.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرۇش شەرت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ ۋە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىزمنى قەتئىي ئېغىشماي داۋاملاشتۇرۇشىمىز، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، نەزەرىيە ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى داۋاملىق ئورۇندىشىمىز كېرەك. بۇ بىز بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىسى، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا بارلىق ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – نويابىر تېلېگراممىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter