ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشىشى توغرىسىدا

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشىشى توغرىسىدا

2012-06-28 11:43     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئورگان رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشى  توغرىسىدا ئىككى كەلىمە تەشەببۇسنامە جوڭ زۇۋېن      ئورگان رەھبىرىي كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟      بىرىنجىدىن، تەكشۈرۈپ....

ئورگان رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشى

 توغرىسىدا ئىككى كەلىمە تەشەببۇسنامە

جوڭ زۇۋېن

     ئورگان رەھبىرىي كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟

     بىرىنجىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى

      ئىككىنجىدىن، مەسىلىلەرنىھەل قىلىشى

      ئۈچىنجىدىن، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى لازىم.

     ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىرىنجى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش لازىم. مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىگە بىراقلا يېتىمىز دەيدىكەنمىز، خەۋەر قىلىپ قويماسلىقىمىز، ھەمرا ئېلىۋالماسلىقىمىز، ئىشتىن ئاۋال نىشان بېكىتمەسلىكىمىز لازىم. ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇش لازىم. ئاممىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆپرەك ئاڭلاش، ئاممىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆپرەك سوراش، ئاممىدىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش لازىم. ئادەتتە ئاڭلىيالمايدىغان، كۈرەلمەيدىغان، ئويلاپ يېتەلمەيدىغان يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تىرىشىش، تەرەققىياتنى چۈشەپ قويۇۋاتقان ھەقىقى «تۈگۈن» نى، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋاتقان «قىيىنچىلىق »لارنى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى «ئەندىشە» لەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ، ھەم ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ھەمدە بېكىتكەن سىياسەتلىرىمىزنىڭ، ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلامىنڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

     ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئەمەلىي، يېڭى ئۇسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋام تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن ئامما مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىرلىكتە ئويلىنىپ، چىقىش يولى تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ يېڭى تۈرلەرنى ئىزدىشىگە، مەبلەغ جەلىپ قىلىشىغا، تېخنكا يەتكۈزۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرىش، پارتىيەلىك ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، چىن كۆڭلىدىن قولىدىن كېلىشىچە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ياشاش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان نەرسىلەر قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش، خىزمەتنى ئاممىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىق ئورۇنلىرىغا، ئاممىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدىغان ئورۇنلارغا ئىشلەش لازىم.

     ئاساسىي قاتلام تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تاشقى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يولداش دېڭ شىياۋپىڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹‹يېزىلاردا مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە كۈتۈرە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىختىرا ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارغا مەنسۇپ، بۇنىڭ ئۆزى يېزا-كەنت ئىسلاھاتىدىكى ياخشى نەرسە، ھەممىسى يېزا-ئاساسىي قاتلاملاردا بارلىققا كەلگەن، بىز بۇلارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىشىشىقلاپ ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا بولىدۇ». ياخشى سىياسەت ۋە ياخشى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلامدىن ۋە ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن كېلىدۇ. ئاساسىيقاتلامغا چۈشكەندە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنجى سېپىدىكى تەسىرلىك ئەمەلىيەت، ئوچۇق ۋە جانلىق تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ، ئۇنى ياخشى ئىشىلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، مەسىلىنى ئەستايىدىل ئانالىز ۋە تەپەككۈر قىلىپ، قانۇنىيەتكە ئىچكىرلەپ كىرىش، ئەمەلىي كارغا كېلىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا تەدبىقلاپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىنى بەرپا قىلىش لازىم.

     ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، تۇرمۇشىمىزنى ئاددى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ۋە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى كۆپرەك ئويلىساق، «ئەمەلدارلىق ھەيۋە» مىز ئازراق بولىدۇ. «خەلققە جاپا سېلىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىدىغان» ئىشلار ئازراق بولىدۇ. ئايىقىمىز كۆپرەك تۈپا بولسا، كۆڭلىمىزدە كۆپرەك ھەقىقى مۇھەببەت مەۋىج ئۇرىدۇ. ئاددى-ساددا بولۇپ كەينىمىزگە كۆپ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈۋالماي «جىمجىت ھالدا» ئاساسىي قاتلامغا چۈشەيلى ، ئاساسىي قاتلامغا ئاۋارىچىلىق تېرىپ بەرمەيلى.

     (تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىن ئېلىندى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter