ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرەيلى

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرەيلى

2013-02-02 11:08     كۆرۈلۈشى: 1429 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ياش، ئوتتۇراياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم    ئىمىن قارى قەييۇم،    ئەسقەر ئابلىز      نۆۋەتتە دۇنياۋى پەن – تېخنىكا رىقابىتى، ئۇن....

ياش، ئوتتۇراياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر

ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم

   ئىمىن قارى قەييۇم،    ئەسقەر ئابلىز

     نۆۋەتتە دۇنياۋى پەن – تېخنىكا رىقابىتى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي رىقابەتلەر كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە. تۈرلۈك رىقابەتلەر جەريانىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا قويۇلغان سىناق ھەم ھەر دەرىجىلىك ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىغا قويۇلغان سىناق. چۈنكى، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تايانچ كۈچى ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

     1. ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى

ئۆستۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇش لازىم.

     بىرىنچى، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۈنسېرى ئۆزگىرىۋاتقان ۋە مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادا ئىنتايىن مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر تەرەققىيات مۇساپىسىدە بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا پۇرسەت ۋە خىرىسلار تەڭلا مەۋجۇت. شۇڭا پۇرسەتنى ئىگىلەپ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە پىلانلارنى تۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى ۋە يۇقىرى تەلەپ قويدى.

     ئىككىنچى، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى مەسىلىلەرگە دىيالېكتىك ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان نۇقتىئىنەزەر بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي تەلىپى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. تەرەققىيات جەريانىدا يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلمەكتە، بەزى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى چوڭقۇر قاتلامدىكى مەنبەگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى ھەل قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارى بولمىسا بولمايدۇ. پەقەت ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، تەرەققىيات جەريانىدىكى يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋال ۋە زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ رېئال تەلىپى. ھازىرقى يېڭى بىر ئەۋلاد ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆپ قىسمى يول ئىچىپ ئىلگىرىلەش روھىغا ، ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئىگە. ئەمما، ياش چەكلىمىسى ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ماھىر ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىغاچقا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

     2. ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر

ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە

تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

     بىرىنچى، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارى ماھىيەتتە بىر خىل نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ئىقتىدارى بولۇپ، چوڭقۇر نەزەرىيەۋى ئاساسنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، توغرا ئىستراتېگىيە شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ھالىتى، ماھىيىتى، ئىچكى باغلىنىشى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلىرىگە بولغان بىلىشى بولۇپ، ئەقلىي بىلىش كاتىگورىيەسىگە تەۋە. مۇشۇنداق بولغاچقا، توغرا ئىستراتېگىيەنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلمىسا، نەزەرىيەۋى جەھەتتىن ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزمىسە بولمايدۇ. شۇڭا، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى، نەزەرىيە ئارقىلىق ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنىمۇ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

     ئىككىنچى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم. بىلىم ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالى. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىر قەدەر يۇقىرى قاتلامدىكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە تەپەككۇر شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ مول پەننى بىلىملەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار توغرا ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىشنى دائىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەتتا ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تۈرلۈك بىلىملەرنى بوشاشماستىن ئۆگىنىشى ھەمدە بىلىمنى جۇغلاش ۋە يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشى لازىم.

     ئۈچىنچى، ئەمەلىيەت جەھەتتىكى چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىيەت جەريانىدىكى چېنىقىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ياش – ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەت جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك كىرزىسنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشى لازىم. بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، سەزگۈر مەسىلىلەر ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلەرگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇل، چارە – تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

     تۆتىنچى، مەخسۇس تۈردىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارغا ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش لازىم. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەخسۇس ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. شۇڭا، ياش، ئوتتۇرا ياش رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن، نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملەرنى ئىگىلىشى؛ ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر تەدبىر، پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى سىنىشى لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter