ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ياخشى ئادەت، روھقا مەدەت

ياخشى ئادەت، روھقا مەدەت

2013-02-02 10:59     كۆرۈلۈشى: 1452 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: دىلشات مۇھەممەت رىشات      مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا پەتىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. جەم بولۇش،....

دىلشات مۇھەممەت رىشات

     مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا پەتىلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. جەم بولۇش، ھال – مۇڭ بولۇش، سېغىنىش، ئەسلەشلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھېيت يەنە ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق، بىرلىك بايرىمى، شۇنداقلا كۆيۈم – شەپقەت، خەيىر – ساخاۋەت، مېھىر – مۇھەببەت بايرىمىدۇر.

     خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقان، ئۇزاق مەزگىل دىدارلاشمىغان قان – قېرىنداش، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنىلەر ھېيت – ئايەملەردە جەم بولۇپ، ئۆزئارا پەتىلىشىپ، داستىخاندىكى مول نازۇ نېممەتلەرگە ئېغىز تېگىپ، ھال – مۇڭ بولۇشىدۇ، بىر – بىرىنىڭ شادلىق – خۇشاللىقلىرىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيت باھانىسىدە ھال – ئەھۋال سورىشىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشىدۇ. ئۇنداقتا مۇشۇنداق خۇشاللىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ياخشى ئادىتىمىز ھېلىھەم قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟

     ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، ھېيت كۈنى مەھەللىدىكى چوڭلار قىزغىنلىق بىلەن يىغىلىشىپ، ئاۋۋال تۇل خوتۇن، يېتىم – يېسىرلارنى، ئۆيىدە ئۆلۈم – يېتىم بولغانلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ، تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىق، كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى، دەرد – ھەسرەتلىرىنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدۈرەتتى. كېيىن بىر – بىرلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى پەتىلىشىپ، بىرلىكتە ھېيت خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشاتتى. داستىخان ئۈستىدىكى پاراڭلاردا باشقا كۈنلەردىمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق قىزغىن ئىزدىشىپ تۇرۇش تەكىتلىنەتتى. بىراق، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بىر قىسىم ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلار ۋە مەھەللىدىكى قولۇم – قوشنىلار ئارا ھېيتلاش سۇسلىشىپ، سالغان داستىخانلىرىمىز چۆلدەرەپ قېلىۋاتىدۇ.

     ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار بولسا كېرەك، يازلىق تەتىلنىڭ ھېيت يېقىنلاپ قالغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاغىنىلەر يىغىلىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق. ئارىمىزدىن بىرەيلەن:

     ئاغىنىلەر ھېيت كېلىشكىمۇ نەچچە كۈنلا قالدى، بىركۈنى يىغىلىپ بىر – بىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى پەتىلەشمەيلىمۇ؟ دېدى بىزگە ھېيتتا پەتىلىشىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ.

     ئارىمىزدىكى نەچچىمىزمۇ بۇ پىكىرنى قوللىدۇق. بىراق، ئىككى دوستىمىز:

     ئاداش پەتىلەشسەكمۇ شۇ قۇرۇق چاي ئىچىپ ئولتۇرىدىكەنمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە رېستورانغا بېرىپ ئويناپ كەلمەيمىزمۇ؟ دەپ بۇ پىكىرنىڭ بېلىگىلا تەپتى.

     شۇنداق چاي ئىچىپلا قايتىدىغىنىمىزمۇ راست، بىراق ھېيتتا بىر – بىرىنىڭ ئۆيلىرىنى پەتىلەش ياخشى ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكىلىرىمىز ھېيتنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ سالغان ئاشۇ داستىخانلار دەل پەتىلەيدىغانلار ئۈچۈن سېلىنغان ئەمەسمۇ؟ بىز ئاغىنىلەر ئۆزئارا پەتىلىشىپ ئاشۇ داستىخانلارغا گۈل قوشالىساق ئەجەپ ئەمەس، دېدى ئارىمىزدىكى يەنە بىر دوستىمىز ئۇلارنىڭ گېپىگە خاپا بولغان تەلەپپۇزدا.

     شۇنداق قىلىپ بۇ تالاش – تارتىشمۇ ئۇزاق داۋاملىشىپ، ئاخىرى پەتىلىشىدىغانغا كېلىشتۇق ۋە ھېيت كۈنى يىغىلىپ چىرايلىق پەتىلەشتۇق. داستىخان سالغان ئانىلىرىمىزنىڭمۇ بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزدىن ھاردۇقى چىققاندەك بولدى. بىزگىمۇ ھېيت ھېيتتەك تۇيۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن دوستلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەت كۈچىيىپ قالدى.

     ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق. ھېيت بولسا دوستلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغان، يېڭىلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، بىزگە چەكسىز خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان، ئارىمىزدىكى خاپىچىلىقلارنى تۈگىتىپ، بىزنى ھەر ۋاقىت ئىناق – ئىتتىپاق بولۇشقا ئۈندەيدىغان خاسىيەتلىك پۇرسەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەيلى، ھېيت خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى، ھېيتىمىز تېخىمۇ خۇشاللىق، ھۆرمەت، ئۆم – ئىناقلىق، خەيىر – ساخاۋەت، كۆيۈنۈش ۋە ئەسلەش ئىچىدە مەنىلىك ئۆتسۇن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter