ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتە تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتە تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

2012-05-09 11:46     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: سۇي شېنۋۇ      مەمۇرىيەت ئىشلىرى بىرخىل ئىلىم بولۇپ، ئۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى نامايان قىلىدۇ ۋە سىنايدۇ. ئادەم بولۇش، سۆز قىلىش، تەكلىپ – پىكىر ئاڭلاش، مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈش رەھب....

سۇي شېنۋۇ

     مەمۇرىيەت ئىشلىرى بىرخىل ئىلىم بولۇپ، ئۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى نامايان قىلىدۇ ۋە سىنايدۇ. ئادەم بولۇش، سۆز قىلىش، تەكلىپ – پىكىر ئاڭلاش، مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۆت ئاساسىي نۇقتىدۇر.

     كىشىلەر ئادەتتە: ‹‹ئەمەلدار بولۇشتا ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك›› دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا رەھبىرىي كادىرلار قانداق ئادەم بولۇشى كېرەك؟ ئەڭ مۇھىمى ئاممىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولالايدىغان ‹‹ئاددىي ئادەم›› بولۇش كېرەك. بەزىلەر ئەمىلى ئۆسۈپلا ئۆزگىرىپ، خەلقنىڭ چاكىرىلىق سالاھىيىتىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ھە دېسىلا ئەمەلدارلىق كىبىرىنى كۆرسىتىپ، ئاممىغا يېقىنلاشماي، ئاممىنى ئەيمىندۈرىدۇ. بۇنداق رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئاسان ئېرىشەلمەيدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئىستىل جەھەتتە ئاممىغا يېقىنلىشىدىغان ساپا بىلەن ئىدىيە مەنزىلىدە ئادەتتىكى ئاممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. شۇڭا ھەقىقىي لاياقەتلىك رەھبىرىي كادىر ‹‹ئاددىي ئادەم›› بولۇش ئاساسىدا ئالىيجاناب، پاك، ئەخلاقلىق، چاكىنىلىقتىن يىراق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.

     سۆز قىلىش تۇرمۇشتا ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما سۆزنى دەل جايىدا قىلىش، كىشىلەر ئاڭلاشنى خالايدىغان، قوبۇل قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئاسان ئەمەس. بەزىدە رەھبىرىي كادىرلار قول ئاستىدىكىلەرگە قانداق سۆزلەشنى بىلمەي، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئالدىدا سۆزلىيەلمەي، ياشلار – ئوقۇغۇچىلار قىلغان سۆزنىڭ بېلىگە تېپىۋېتىپ، پېشقەدەم يولداشلار ئالدىدا گېپىنى چۈشەندۈرەلمەي، ئوڭايسىز ئەھۋالغا قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى كۆڭۈلدىكى سۆزنى قىلماي، قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىشتۇر. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، راست سۆزلەش، كۆڭۈلدىكى سۆزنى قىلىش، قۇرۇق سۆزنى، قېلىپلىشىپ قالغان ئەمەلدارلىق سۆزلىرىنى ئاز قىلىش كېرەك. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار قۇرۇق سۆز قىلىش خاھىشلىرىنى تۈگىتىپ، قىسقا، جەلپكار سۆزلەرنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سۆز قىلىش ئىستىلىغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپتۇر.

     رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر دائىم قۇلاققا ياقىدىغان ياكى ياقمايدىغان ئىككى خىل پىكىرنى ئاڭلايدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئادەتتە رەھبىرىي كادىرلار قۇلاققا ياقىدىغان پىكىرلەرنى كۆپرەك ئاڭلاپ، قۇلاققا ياقمايدىغان پىكىرلەرنى ئازراق ئاڭلايدۇ. بەزى رەھبىرىي كادىرلار قۇلاققا ياقىدىغان تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلغان بىلەن، قۇلاققا ياقمايدىغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئاممىنىڭ يوشۇرماي ئۇدۇللا بەرگەن پىكرىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەلىشىدىكى سەۋەب، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشىدىندۇر. بەزىدە ئامما ئۆزىگە بولغان ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە قايىل بولمىغاندا، پىكرىنى دائىم ئەگىتىپ بايان قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا رەھبىرىي كادىرلار گەپنىڭ ئاستىدا گەپ بارلىقىغا ماھىر بولۇپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل ساداسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىگىلىشى كېرەك.

     مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئۇسۇلى. مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈش بىر سەنئەت، ئۇنىڭدا مۇۋاپىقئۇسۇل قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۆت نۇقتا بار: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ ئىككىنچى، مەلۇم مەزگىلدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلار كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدىغان مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش؛ تۆتىنچى، ئادەتتە كىشىلەر سەل قارايدىغان مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش. سۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، پوزىتسىيەنى دۇرۇس قىلىش، ئاممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋالماسلىق، كەمتەرلىك بىلەن ئاممىدىن ئۆگىنىش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش، ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ئاممىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، كىشىلەر كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى سەمىمىي بايان قىلالايدۇ، رەھبىرىي كادىرلارمۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىپ، ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter