ئالىم بىز بلوگى

ئامېرىكا جوڭگۇنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرىدىن ئەنسىرىمەكتە

    

      «كېنىيە دۆلەت ئاخبارات گۈرۇھى» تورىنىڭ 21- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پارلامىنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى جوڭگۇنىڭ ئافرىقىغا بەرگەن زور مىقداردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى يارىدىمى ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان داۋالاش يارىدىمىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىشى ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مەنپەئەتىگە تەھدىت بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشەش تەكلىۋىنى بەردى.

     ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دېپلوماتىيە كومېتىتى ئافرىقا ئىشلىرى گورۇپپىسىنىڭ رەئىسى كوئىنىس ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جوڭگۇنىڭ ئافرىقىغا قىلغان يارىدىمىنىڭ %70 ى يول، تەنتەربىيە مەيدانى ۋە ھۆكۈمەت ئىمارەتلىرىنى سېلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلەندى. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا بەرگەن يارىدىمى شۇ جايدىكى خەلىققە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق بولغان، ئەمما ئاسانلىقچە ھىس قىلغىلى بولمايدىغان تۈرلەردە، بولۇپمۇ ئەيدىز، بەزگەك، ئۆپكە توبېركۇليوز ۋە باشقا كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىپادىلەندى.

      كوئىنىس مۇنداق قارىدى: بۇ نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «كىسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكىنىڭ ئېففىۇپىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى داۋىد شىمىن ئىقتىساد نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافرىقا – جوڭگۇ سودا سوممىسى 2010- يىلى 127 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئامېرىكا – ئافرىقا سودا سوممىسى شۇ يىلى 113 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. جوڭگۇ ئامېرىكىدىن ھالقىپ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئەللەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شىرىكىگە ئايلاندى.

     پارلامېنت ئەزالىرى جوڭگۇنىڭ ئافرىقىدىكى ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدىكى سىياسى تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىدىن ئەنسىرىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدىكى خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرىغا ياردەم بىرىشنى كۈچەيتىپ، نەچچە مىليۇن ئافرىقا خەلقىنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇازىيە قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا يارىدەم بىرىشنى مۇراجەت قىلدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ئامېرىكا جوڭگۇنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرىدىن ئەنسىرىمەكتە

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: