ئالىم بىز بلوگى

جوڭگۇ قانداق بۇلۇپ ياپون دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىن مەھرۇم قالغان؟

 

     ياپون دېڭىزى ياپون تاقىم ئاراللىرى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، روسىيە يىراق شەرق دېڭىز قىرغىقى ئارىلىقىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى بىر مىليۇن كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ. تارىختا جوڭگۇ ياپون دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەت بۇلۇپ، دۆلىتىمىز «شەرق دېڭىزى»، «ئوكيان دېڭىزى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

     خەن ۋۇدى دەۋرىدە جوڭگۇنىڭ شەرقىي شىمال تېرتورىيىسى غەربتە بايقال كۆلىدىن شەرقتە ئوخۇت دېڭىزى، بېرىنگ بوغۇزىنىڭ غەرىبىي قىرغىقى، ساخالىن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي رايۇننى كۆرسىتەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جوڭگۇ بۇ رايۇندا شەرقنى تېنچلاندۇرۇش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ قارمىقىدىكى رايۇنلار شىمالىي خېيلوڭجياڭ ئېقىنى ۋە ئوخۇت دېڭىزىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا بوخەي دېڭىزى ۋە غەربىي چاۋشيەن قولتۇقىغىچە بولغان، شەرقتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىقىغىچە بولغان رايۇننى قاپلىغان.

     تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۇەن يىللىرىدا شەرقنى تېنچلاندۇرۇش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەۋەلىكىدە يەنە بوخەي قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. بوخەي قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى شىمالدا يەنە قاراسۇ قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. شىمالىي قىسىمدىكى تاتار بوغۇزىدىن چاۋشيەن بوغۇزىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن دېڭىز قىرغىقى رايۇنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايۇن بولغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىز تەۋەلىكى كەڭ بۇلۇپ، شەرقىي شىمالدا ئوخۇت دېڭىزىدىن باشلىنىپ غەربىي جەنۇبتا بەيبۇۋەنگىچە داۋاملىشىپ، ئوخۇت دېڭىزى، ياپون دېڭىزى، بوخەي دېڭىزى، سېرىق دېڭىز، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىز چېگراسى رايۇنى چوڭ جەھەتتىن ئاساسەن يۇەن سۇلالىسىغا ئوخشاش بولغان.

     چار روسىيە ئەسلىدە ياۋروپا دۆلىتى بۇلۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن چېگرىلەنمەيتتى. 16- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ چار روسىيە ئورال تېغىدىن شەرققە كېڭىيىپ، 60 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل سىبىريەنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، تەسىر كۈچى تېنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە يەتكەن ھەمدە ئېلىمىزنىڭ خېيلوڭجياڭ ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان.

      1644- يىلى مەنچىڭ ئارمىيەسى جيايۈيگۇەندىن ئۆتكەندىن كېيىن چار روسىيە مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ شىمالغا قارىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نېرچىنسكى ۋە شىلاكا دەرياسىنىڭ بىرىكىدىغان ئېقىنىدا ياكسا شەھرى ۋە نېرچىنسكى شەھرىنى قۇرۇۋالغان. 1682- يىلى كاڭشى خان ئۆزى شەرقىي شىمالنى ئايلىنىپ، مۇداپىيە ئىشلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بىرىش ئۇرۇشىنى تەشكىللىگەن. ئىككى قېتىملىق ياكسا ئۇرۇشى ئارقىلىق، 1689- يىلى جوڭگۇ بىلەن روسىيە «نېرچىنسكى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە جوڭگۇ بىلەن روسىيە ئىرغۇنا دەرياسى ۋە گېربىچ دەرياسىنى چېگرا قىلغان. چېگرا گىربىچ دەرياسىنىڭ بېشى بولغان تاشقى ھىنگان تېغىدىن شەرقتە دېڭىزغىچە سۇزۇلۇپ، تاغنىڭ چەنۇبى جوڭگۇغا، شىمالى روسىيەگە تەۋە بۇلىدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن.

      شۇنداق دېيىشكە بۇلۇدۇكى، چىڭ سۇلالىسى تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى زىمىن ۋە ئوخۇت دېڭىزىنى چار روسىيەگە كىسىپ بەرگەن. بۇنىڭ بلەن روسىيە پۈتكۈل سىبىرىيەنى «قانۇنلۇق» ئىگىلىۋالغان. تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، ساخالىن ئارىلى ۋە ياپون دېڭىزى قىرغىقىدىكى كەڭ كەتكەن زىمىن جوڭگۇغا تەۋە بولغان.

      1840- يىلى ئەنگىلىيە ئەپيۇن ئۇرۇشىنى قوزغاپ، دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلغان. 1847- يىلى چار پادىشاھ نىكولاي <Ⅰ> مۇراۋىيوفنى شەرقىي سېبىريىنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ، جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئېقىنىغا تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. 1849- يىلى روسىيە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ، سۇڭخۇاجياڭ، ئۇسسۇرى دەريا ئېقىنىغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە قاراۋۇلخانا تەسسىس قىلغان. 1853- يىلى روسىيە ئارمىيىسى ساخالىن ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان. 2- قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن چاروسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان .

      1858- يىلى 5- ئاينىڭ 28 – كۈنى چاروسىيە شەرقىي سېبىريىنىڭ باش ۋالىيسى موراۋېيوف قوراللىق تەھدىت سېلىش ۋە دېپلوماتىيە ئالدامچىلىقى ۋاستىسىنى قوللىنىپ خېيلۇڭجياڭ سانغۇنى يى شەن بىلەن جۇڭگو – روسىيە «ئەيخۈي شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە ئارقىلىق چاروسىيە ئېلىمىزنىڭ تاشقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي، خېيلۇڭجياڭنىڭ شىمالىدىكى 600 نەچچە مىڭ كۇۋادرات كېلومىتېر كۆلەمدىكى زېمىننى ئىگەللىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ بىر ئىچكى دەريادىن جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى چىگرا دەرياغا ئايلانغان  ھەمدە ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىي دېڭىزىغىچە سوزۇلۇپ، ۋىلادىۋوستوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 كۇۋادرات كېلومېتىر زېمىننى «جۇڭگو بىلەن روسىيە تەڭ باشقۇرىدىغان» بولغان.

       شۇ يىلى 8- ئايدا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىننى ئىشغال قىلىۋالغان. 9- ئايدا شيەن فېڭ خان بېيجىڭدىن ئايرىلىپ رېخېغا قېچىپ بېرىۋالغان. 10- ئايدىكى 8 دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. چاروسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سالاچى بولغان ھەمدە «مۇرەسسە قىلىش»تا تۆھپە كۆرسەتكەن، دېگەن نام بىلەن قوراللىق تەھدىت سېلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى «جۇڭگو – روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى» (يەنى بىر نامى «جۇڭگۇ – روسىيە بېيجىڭ قوشمۇمچە شەرتنامىسى») نى ئىمزالاشقان. «ئەيخۈي شەرتنامىسى» نىڭ كۈچكە ئىگە ئېكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىن دېڭىزغىچە بولغان ۋىلادىۋوستوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى «جۇڭگو – روسىيە ئورتاق باشقۇرىدىغان» زېمىننى روسىيە ئىگىلىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ياپون دېڭىزى رايونىدىكى بارلىق زېمىنى قولدىن كېتىپ، پەقەت تۇمىن دەرياسى ئارقىلىق ياپون دېڭىزىغا كىرىپ – چىقىش ھوقۇقىلا قالغان.

     1905– يىلىدىكى روسىيە – ياپونىيە ئۇرۇشىدا ياپونىيە غەلبە قىلدى ھەمدە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالدى. كېيىن روسىيەدىن مۇداپىئەلىنىشنى باھانە قىلىپ، تومىن دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىدا مۇداپىئە رايونى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دەريا ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىشىنى چەكلىدى. روسىيەمۇ شۇ ئەتراپتا مۇداپىئە رايونى تەسىس قىلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تومىن دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى بىر پارچە زېمىننىڭ بىر قىسمى روسىيەنىڭ، بىر قىسمى چاۋشىيەننىڭ بولۇپ كېتىپ، جۇڭگو تومىن دەرياسى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۈزۈل – كېسىل مەھرۇم قالدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جوڭگۇ قانداق بۇلۇپ ياپون دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىن مەھرۇم قالغان؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: