ئالىم بىز بلوگى

قۇدرەت تاپقان جۇڭگونىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تەسىر كۈچى چەكلىكمۇ؟

(تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ماقالىسى) «ئاۋىستىرالىيەلىكلەر گېزىتى›› تور بېكىتى 12-ئۆكتەبىر، قۇدرەت تاپقان جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچى چەكلىك دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

جۇڭگو ئۆتكەن 30 يىلدا تېز ۋە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ياساپ قۇدرەت تاپتى، ھازىر ئۇ ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى ئاۋىستىرالىيەنىڭ غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسىگە ئايلانماقتا .

كىشىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇھىملىقى تەبىئىي ھالدا رايون دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەسىر كۈچ پەيدا قىلىپ، بېيجڭغا يېقىنلىشىشقا مەجبۇر قىلىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەنسىرىگەن ئىدى. ۋاھالەنكى، رېئاللىق دەل ئۇنىڭ ئەكىس تەرىپىنى كۆرسەتمەكتە، ئاسىيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ھازىر ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا بېيجىڭنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇددىئاسىدىن تېخىمۇ گۇمانلانماقتا .

ئەمەلىيەتتە، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا يەنىلا مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ يامان ئىستراتېگىيەلىك رولچى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش بىلەن بەنت بولماقتا .

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئىقتىسادىي جەھەتتە شۇنداق قۇدرەتلىك جۇڭگو بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو ئىقتىسادىي كۆلىمىنى سىياسىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرالمىدى. مانا بۇ جۇڭگو GDP سىدىكى غايەت زور سودا رەقەملىرى پەيدا قىلغان خاتا چۈشەنچە. جۇڭگو ياپونىيە، كورىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە، سودا دېگەن قاتتىق، يۇمشاق ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغان ئىش. جۇڭگودىكى مەسىلە شۇكى، جۇڭگونىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودىسىنىڭ يېرىمى ھەتتا ئۈچتىن ئىككى قىسمى ‹‹پىششىقلاش سودىسى›› دىن ئىبارەت، دېمەك، پىششىقلانغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىشانى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت .

جۇڭگو چوڭ شىركەتلەر ياكى دۆلەتلەرگە تاللىغىلى بولىدىغان سودا جازاسىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچ يولىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولاتتى، لېكىن مۇشۇنداق قىلىدىغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، جۇڭگومۇ ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسىيادىكى شىركەتلەر باشقا پىششىقلاپ ئىشلەش يولىنى تېپىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگو مۇشۇ سودىدىن تېخنىكىغا ئېرىشىشى كېرەك، يەنە كېلىپ سىياسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئېكىسپورت پىششىقلاش كەسپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قويۇش خەۋپى ئۈستىدە تەۋەككۇلچىلىق قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ كەسىپ 150 مىليوندىن 200 مىليونغىچە ئىشچىنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ .

جۇڭگو مەزكۇر رايوننىڭ ئىستېمال مەركىزىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىغا مەركەزلىشىپ قېلىۋېرىدۇ .

جۇڭگونىڭ يەنە باشقا بىر سودا قورالىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە بازىرىنى تاللىغان ئاساستا ئېچىۋېتىش ياكى بۇ پۇرسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشتىن ئىبارت. جۇڭگو ئىقتىسادى ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم كۈچ بولۇۋاتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم تۈرتكىچى بولالمايۋاتىدۇ ، چۈنكى جۇڭگو GDP سىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئىچكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن كەلگەن .

جۇڭگونىڭ ئىچكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ھەر يىلى ئىككى تىرىلليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، چەت ئەللەرنىڭ بىۋاستە سېلىنمىسى ئاران 105 مىليارد دوللارنى ئىگىلەيدۇ، بۇ سېلىنما ئاساسەن ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىگە قارىتىلغان. بانكا قەرز پۇلىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى دۆلەت كارخانىلىرىغا بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھال چەت ئەل كارخانىلىرىدىن جۇڭگونىڭ پايدىنى كۆپ ئالىدىغان بازىرىغا كىرەلىگەنلىرى ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: قۇدرەت تاپقان جۇڭگونىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تەسىر كۈچى چەكلىكمۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-23
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: