ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتا كىم ئۆلگە بۇلىشى كېرەك؟

     5- ئاينىڭ 1- كۈنى ‹‹ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى›› يولغا قويۇلدى. تەپسىلىي قائىدىدە ‹‹ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ بېيجىڭ، گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدە ئىجرا قىلىنىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن.

     ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش، كونترول قىلىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

     ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى سورۇندۇر. شۇڭا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىسسىز مۇھىت يارىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئۇزاقتىن بۇيان، مەمۇرلارنىڭ ئىدارە – ئورگانلاردا تاماكا چېكىشى بىر قەدەر ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ كەلمەكتە. بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىشخانىلىرىنى ئىس – تۈتەك قاپلاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما تاماكا ئىسىغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئومۇمنىڭ پۇلىغا تاماكا سېتىۋېلىش خاھىشلىرىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانغان خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭخۇ ناھىيەسى بىلەن جيەنلى ناھىيەسىدە بىر يىلدا ‹‹ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىلگەن تاماكا›› 15 مىڭ بولاقتىن 20 مىڭ بولاققىچە بولغان. ھەر بىر بولاق تاماكىنىڭ ئۆلچەملىك باھاسى 300 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگىچە پۇل كەتكەن. بۇ ئىككى ناھىيە تېخى نامرات ناھىيە بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، مەملىكەت بويىچە ‹‹ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تاماكا›› غا كەتكەن پۇلنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

     ئەمەلىيەتتە، ئومۇمنىڭ پۇلىغا تاماكا سېتىۋېلىشنى چەكلەش توغرىسىدا مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 1993 – يىلىلا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. ۋاھالەنكى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈك ئىجرا قىلىنمىغان. يىغىنلاردا ھۆكۈمەت پۇلىغا كۆپ مىقداردا تاماكا سېتىۋېلىنىپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىدىمۇ تاماكا چوقۇم ھازىرلىنىدىغان بۇيۇم بولۇپ كەلمەكتە.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. ھەقىقى ئۈنۈمى كۈرۈلسە نىمە دىگەن ياخشى !

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: