ئالىم بىز بلوگى

تەربىيە كۆرگەن ئادەم قانداق بۇلىدۇ

     1. ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدۇ. مەيلى يىغىن ياكى ۋەدە قىلىشقان جايغا بېرىشتا بولسۇن، تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھەرگىز كىچىكمەيدۇ. مەقسەتسىز كىچىكىشنىڭ باشقا ۋاقتىدا كەلگىنلەرگە نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

     2. گەپ – سۆزى جايىدا بۇلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارنىڭ سۆزىنى كەلسە – كەلمەس بۆلۈۋەتمەيدۇ. دائىم باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چىرايلىق رەت قىلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى تۇلۇقلايدۇ. كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا سوغۇققان بۇلۇپ، سۆز بىلەن قايىل قىلىدۇ. سۆھبەتلىشىش ماھارىتىگە دىققەت قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.

     3. مەمەدانلىق قىلمايدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلار بىلەن باردى – كەلدى قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەكىتلىمەيدۇ. باشقىلارنڭ يىتەرسىزلىكىنى كۆپتۈرمەيدۇ. باشقىلارنڭ زىتىغا تەگمەيدۇ.

     4. لەۋزىدە تۇرىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم تەربىيە كۆرگەن ئادەم تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

     5. باشقىلارغا كۆڭۈل بىلىشنى بىلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم مەيلى نەگىلا بارسۇن، ئايللار – بالىلار، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.

     6. كەڭ قۇرساق بۇلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارغا كەڭ قۇرساق بۇلۇپ، كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلىدىن دوستلىرى ياكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئازارلىشىپ يۈرمەيدۇ.

     7. ئاق كۆڭۈل، مىھرىبان بۇلىدۇ. تەربىيە كۆرگەن ئادەم ئاق كۆڭۈل، مىھرىبان بۇلىدۇ. باشقىلار بەختسىزلىككە ئۇچرىسا ئامالنىڭ بارىچە ھىسىداشلىق قىلىدۇ ۋە يارىدەم قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: تەربىيە كۆرگەن ئادەم قانداق بۇلىدۇ

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-01-04
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال يازمىلار
ئىنكاس: 2دانە
  1. بۇ ئۆلچەملەر بويىچە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويساق بولغىدەك.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ياش چوڭايغانسىرى، ئادەم شۇنداق ئويلارغا كىلىپ قالىدىكەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: