ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھال سورايلى، ھالسىراتمايلى!

ھال سورايلى، ھالسىراتمايلى!

2011-12-16 11:41     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:   تۇرغۇنجان ئىمىن        يېقىندا بىر دوستۇمنى ئائىلە بويىچە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە تاماقلانماقچى بولغان ئاشخانا ئالدىدا دوستۇمنى ساقلاپ تۇرسام دوستۇم ئوغلى بىلەنلا ماش....

  تۇرغۇنجان ئىمىن

 

     يېقىندا بىر دوستۇمنى ئائىلە بويىچە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە تاماقلانماقچى بولغان ئاشخانا ئالدىدا دوستۇمنى ساقلاپ تۇرسام دوستۇم ئوغلى بىلەنلا ماشىنىدىن چۈشۈپ مەن تەرەپكە كەلدى.

     _ يەڭگەم ۋە يەنە بىر ئوغلىڭىزنى ئالماي كەلدىڭىزمۇ؟ ئائىلە بويىچە تاماق يېيىشەيلى دېيىشكەن تۇرساق، ـــ دېدىم مەن ئۇنىڭدىن.

     _ ئۇ سەل ھايال بولۇپ قالىدىغان بولدى، بىر دوستىمىز ئەتە ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن، ئۇلاردىن ھال سوراشقا كېتىپ قالدى،- دېدى، ئۇ 2- قەۋەتتىكى ئايرىمخانىغا چىقىۋېتىپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ.

     بىز بىر قانچە تۈرلۈك تاماق بۇيرۇتۇپ قىزىق چاي ئىچكەچ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئائىلە، جەمئىيەت توغرىسدا پاراڭلاشتۇق. ھايال ئۆتمەي بىز بۇيرۇتقان تاماقلارمۇ جوزا ئۈستىدە پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ ئىشتىھا بىلەن ئىستېمال قىلىشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ئارىدىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ دوستۇمنىڭ ئايالى كېلىپ بولالمىدى، بىز سەي ۋە تاماقلارنى بىرەر قۇردىن يېيىشىپ پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

     _ ئەتە مەرىكە ئۆتكۈزىدىغان تۇرسىڭىز، سىزدىن ھال سورايمىز، دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە قىلمايلى دېسەك، تەييارلىقىم بار، دەپ ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش، دوستلار بىلەن يىغىلىپ بىللە بېرىپ ھال سورايمىز، دەپ سەل ھايال بوپقالدۇق، سىلەرنىمۇ كۆپ ساقلىتىپ قويدۇم، ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار، ـــ دىدى، دوستۇمنىڭ ئايالى پەلتوسىنى ئايرىمخانا بولۇڭىدىكى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىۋېتىپ خىجىل بولغىنىچە.

     _ ھېچقىسى يوق، قانچىڭلار باردىڭلار؟ ـــ دەپ سورىدى، دوستۇم ئايالىدىن.

     _ بىز ئۆيىگە كىرسەك ئۇزاپ چىققانلارمۇ 15-10 تىن ئاشىدۇ، بىزمۇ 17-18دەك دوستلار يىغىلىپتىكەنمىز، ھال سوراپ چىقتۇق، ـــ دېدى ئايالى.

     _ ئەمىسە سەي-تاماقلاردىن ئېلىڭە، سەل سوۋۇپمۇ قالدى، ـــ دېدىم مەن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ.

     _ ئۆيىمىزدە چاي چەينىكى بار ئىدىغۇ، يەنە يېڭىدىن بىرنى ئاپسىز-دە، ــ دەپ سورىدى دوستۇم، سەيلەرگە ئانچە-مۇنچە چوكا تەگكۈزۈپ، باشقا تاماقلاردىن يېمەي ئولتۇرغان ئايالىدىن.

     _ ياق، بۇ چەينەكنى بازاردىن ئالمىدىم، ئەتە توي مەرىكىسى ئۆتكۈزىدىغان ھېلىقى دوستۇم ھال سوراپ كىرىپسىلە، دەپ قويۇپ قويدى، ـــ دېدى، دوستۇمنىڭ ئايالى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.

     _ ھال سوراپ كىرگەن ھەممىڭلارنىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› قويدىمۇ؟ ـــ دەپ سورىدۇم مەن ئۇنىڭدىن.

     _ شۇنداق، ھەممىمىزگە بىردىن ياغلىق ۋە قەشقەردىن ئەكەلگەن چەينەك قويدى، ـــ دېدى دوستۇمنىڭ ئايالى ماڭا چۈشەندۈرۈپ.

     دوستۇمنىڭ ئايالىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بۈگۈنكى ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› تېخى ئاددىي سوۋغاتمىش. ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئاياللار تېخى ھارپا كۈنىدىكى ھال سوراپ كىرگەنلەرنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى››غا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا يېزا، ناھىيە بازىرىنى كىچىك كۆرۈپ، ۋىلايەت بازارلىرىدىن، ئۈرۈمچىدىن مەخسۇس ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ داڭقنى چىقىرىپ، ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بار كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىدىكەن.

     تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم، بۇ ھال سوراشمۇ، ھالسىرىتىشمۇ؟ ئىلگىرى مەرىكە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئائىلىلەرنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى مەرىكە ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ، توي مەرىكىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى بىرمۇ-بىر ئۇقۇشۇپ، كەم ئىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى، يەنە بازاردىن سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك جىددىي قانداق لازىمەتلىكلەرنىڭ بارلىقىنى سورايتتى. ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يەرلىك مېۋە-چىۋە، ئۆزى تونۇردا ياققان توقاچ نان، پىچىنە- پىرەنىكلەرنى تەييارلاپ مەرىكىنىڭ خاپىلىقسىز خوشال- خوراملىق ئىچىدە تاماملىنىشىغا ئاكتىپ ھەم رازىمەنلىك بىلەن كۈچ چىقىراتتى، مەرىكە ئىگىسىمۇ بىرەر قازان تاماق تەييارلاپ ئۇلارنىڭ ھال سوراپ كەلگىنىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئەتىكى مەرىكىگە ۋاقتىدا كېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنەتتى، لېكىن، ھال سوراپ كىرگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئالدىغا ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› قويمايتتى، ھېچكىم ھېچكىمدىن رەنجىمەيتتى، ھېچكىم ھېچكىمگە كۆز-كۆز قىلمايتتى.

     پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى، ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىپ، ئىلگىرىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن تۈتۈنىنى بۇلۇت، يۇندىسىنى ئىت كۆرمەيدىغان زامانلار تارىخقا ئايلاندى. خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى، توي مەرىكىلىرىمۇ زامانغا يارىشا ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. 2000- يىللاردا تازا ئەۋجىگە چىققان ‹‹ۋىچىركا›› قىزغىنلىقى سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى››دىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى شۇمبۇيا مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنە ئېتىزىدا بىخلىنىشقا باشلىدى. ھال سوراپ بارغانلار بىرەر تاللا بازىرىدىن بىرەر تەخسە پېچىنە-پېرەنىك، كەمپۈت، قارا چاي، ناۋات قاتارلىقلارنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈللۈك سۇلىياۋغا ئوراتقۇزۇپ ھال سوراپ بارىدىغان، يەنە بەزىلەر ئازراق جاپاغا چىداپ، ئائىلىسىدە ياغ پۇراتقاچ قۇيماق ياكى ساڭزا پىشۇرۇپ، ئەتە داستىخانغا تىزاسىلەر، دەپ ھال سوراپ بارىدىغان ياخشى ئادەت بارلىققا كەلدى. لېكىن، مەيلى 25-30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئوغۇل ئۆيلىگەن، ئارزۇلۇق قىزىنى ياتلىق قىلغانلار بولسۇن، توي تەييارلىقلىرىنى تۈگىتىپ بولالماي تۇتقان-قويغىنىنى ئۇقالمىغۇدەك دەرىجىدە چارچاپ يۈرگەن بىر قىسىم مەرىكە ئىگىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاياللار باشقىلاردىن كېيىن قالساق بولمايدۇ، باشقىلار قىلغاننى بىز قىلالمامتۇق، دەپ ئابرۇي تالىشىپ، ئارتۇقچە چىقىملارنى قىلمايلى، دەپ گىپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئەرلىرىنىمۇ يۇمشاق گەپ، تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن قايىل قىلىپ، مەرىكە ئاخشىمى ھال سوراپ كىرگەنلەرگە ئالاھىدە ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› تەييارلاشقا كۆندۈرىدىغان، تېشىدا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ئىچىدە روزا تۇتۇپ، بولۇۋاتقان چىقىملارغا لېۋىنى چىشلەپ چىدايدىغان، پەقەت مەرىكە ھارپىسىدىلا ھال سوراپ كىرگەنلەرگە ئالاھىدە سوۋغا تەييارلاش ئۈچۈن 20-30 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.

     توي مەرىكىسىنىڭ ھارپا كۈنى مەرىكە ئىگىسىدىن ھال سوراش مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى، بۇ قىممەتلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. لېكىن، مەرىكە ئىگىلىرى ھال سوراپ بارغانلارنىڭ ئالدىغا ئىللىق چىراي ئېچىپ چىقىپ، قىزىق چاي قۇيۇپ، ‹‹بىزدىن ھال سوراپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!›› دەپ ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشى، ئارتۇقچە ‹‹ھال سوراش سوۋغىتى›› تەييارلاپ، چىقىمنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا داستىخان سېلىپ، ھال سوراپ كەلگەنلەرنى ئۇزاتسا، مېنىڭچە ھېچكىم رەنجىمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ يەر، بۇ يەردە ئۇنداق قىلمىدى، بۇنداق قىلمىدى، دەپ سۆزلەپ يۈرگەنلەر بەلكىم ئوغلىنى ئۆيلەپ، قىزىنى ياتلىق قىلىپ باقمىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەندە ئاندىن چۈشىنىدۇ، ئۇنداقلارنىڭ يالغان-ياۋىداق، ئۆسەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەك، ئەڭ مۇھىمى، توي مەرىكىلىرىنى ئاددا-ساددا، شاد-خوراملىق بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىز بىلەن تويۇنغان ھالەتتە ئۆتكۈزسەك، ھەممە بارىكاللا ئېيتىدۇ، مەرىكىگە تەييارلىنىۋاتقانلار بىزمۇ ئاشۇنداق ئۆتكۈزەيلى، دەپ سۆيۈنىدۇ، ئەلۋەتتە.

     قىسقىسى، ھەممىمىز ئۆز ئەھۋالىمىزغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، يوتقىنىمىزغا قاراپ پۇت سۇنايلى، قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇقچە ئىشلارغا كۈچەپ كەتمەيلى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆيلىنەلمەيۋاتقان، ياتلىق بولالمايۋاتقانلارغا، پەرزەنتلىرىنىڭ مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشتە بېشى قېتىۋاتقانلارغا ھەمدەم بولايلى، مەرىكە ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىغا يېقىن تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز، مېھرى-مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق ئۇلاردىن ھال سورايلى، لېكىن، ھالسىراتمايلى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter