ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى

دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى

2011-12-16 11:11     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي باشقۇرۇش- ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، دىنىي پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىل....

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي باشقۇرۇش- ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، دىنىي پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى خەۋىرى: 6-دېكابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي باشقۇرۇش-ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى قىلىپ، ئاكتىپ ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى تەتقىق قىلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     نۇر بەكرى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭدا دىنىي پائالىيەت بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىجتىمائىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. دىنىي ئىشلارنى قانۇنغا تايىنىپ ئۈنۈملۈك ياخشى باشقۇرۇش-باشقۇرالماسلىق ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. ئاپتونوم رايونىمىزدا نۆۋەتتە كۆرۈلىۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېڭى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، چوقۇم قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى مەخسۇس تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، دىن ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ ئۆسۈش-يامراش تۇپرىقىنى تۈپتىن يوقىتىش كېرەك.

     نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىشلار نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەپ، سىڭىپ كىرىشنى توسۇپ، جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىن خىزمىتىدە، ئۇزۇن مۇددەت جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۈنۈملۈك سىياسەت، مىخانىزىم ۋە تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي ئىشلارنى كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ دىننى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە لايىقلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك. دىن ئەسەبىي ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق توسۇپ، دىن ئەسەبىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تەكشۇرۇش، مەنئىي قىلىش ۋە قانۇنسىز تەشۋىقات بويۇملىرىنى تەكشۈرۈش ، قولغا چۈشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خىزمەتنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

     نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ رەھبىرىكادىرلار دىنىي ئىشلارنى قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، باشقۇرۇشنى خالاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يەنە باشقۇرۇشنى بىلىش، باشقۇرۇشقا ماھىر بولىشى كېرەك .پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھەمدە دىن باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس زىھنىي كۈچىنى ئاجرىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋاللارنى قارىتىلمىلىقى بولغان ھالدا تەھلىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار دىن مەسىلىسىدە مەيدانى قەتئىي بولۇپ، قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى، باشلامچىلىق بىلەن دىننىڭ چۈشەپ قويىشى ۋە تەسىرىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى دىنغا ئىشەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى لازىم.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ