ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> دىنىي زاتلارنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رولى

دىنىي زاتلارنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رولى

2012-04-24 10:56     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، شىنج....

     (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور كۈچ قوشتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆز رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     بىرىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىلمىي ھالقىش، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش جەھەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

     ئىككىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيلىقى، ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھالقىما تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا شەرھلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز قىلمىشلارغا دادىل قارشى تۇرۇشى كېرەك.

     تۆتىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىن ساھەسىدىكى ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. دىن ساھەسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم بازا. شۇڭا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىن ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى مۇھىم مەجبۇرىيىتى، دەپ بىلىپ، مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال، قانۇنلۇق، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ دىن ساھەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

     بەشىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆز رولىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىپ، ئىلغار تىپلاردىن بولۇپ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈشى، دىنىي ساھەنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى قىزغىنلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەش جەھەتتە باشلامچى بولۇشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ