ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈچ چوڭ پىرىنسىپى

پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈچ چوڭ پىرىنسىپى

2012-04-24 10:27     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىمىنقارى قەيۇم، نۇرھاجى مەمتىمىن        پارتىيەمىز تارىخى جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ، نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىلغار نەزەرىيە ب....

ئىمىنقارى قەيۇم، نۇرھاجى مەمتىمىن

 

     پارتىيەمىز تارىخى جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ، نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىلغار نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ، ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىگەن تارىخ. 90 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، ماركسىزمنى بىر مەنبەلەشتۈرۈش بىلەن كۆپ خىللىقنى بىرلەشتۈرۈش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئۈچ چوڭ پىرىنسىپقا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا دۆلەت ئىچى – سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى

 

     پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلغان يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى. پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، دوگمىچىلىقتىن ساقلىنىپ، ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنى بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىۋېتىشكە قارشى تۇردى. پارتىيە ۋە خەلققە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى ماركسىزم نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر بىز مېڭىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دەل ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن يولدۇر.

 

بىر مەنبەلەشتۈرۈش بىلەن كۆپ خىللىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى

 

     پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ‹‹بىر مەنبە›› يېتەكچىلىكى بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بەردى. ماركسىزمدىن ئىبارەت ‹‹بىر مەنبە››چىلىكتە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كۆپ خىللىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، كۆپ خىللىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا ‹‹بىر مەنبە››چىلىكتە چىڭ تۇردى. پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ماركسىزم تەرەققىياتىدىكى كۆپ خىللىقنى توغرا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ماركسىزم ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ پۈتكۈل ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. ماركسىزم تەرەققىياتىدا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، كۆپ خىللىق كۆرۈلگەن. پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەققىيەتلىرى بۇ نۇقتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

 

ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇنى تەرەققىي

قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى

 

     نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوقۇم بىرلەشتۈرۈش لازىم. ماركسىزم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمدە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىۋاتقان ئىلمىي نەزەرىيەۋى سىستېما. پەقەت ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەرگەندە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، ماركسىزم نەزەرىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ. پەقەت ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئىلمىي يېتەكچى ئىدىيەگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تولۇق تەتبىقلاپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەندىلا، ئاساسىي قائىدىلەردە چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ. ماركسىزم ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. پارتىيەمىز قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيان، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنداقلا ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك نەزەرىيەۋى خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

     پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەشكە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بەردى. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇش جەريانىدۇر. پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاچقا، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرگەچكە، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى چوڭ نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى. ئەلۋەتتە دەۋر ئۆزگەردى، بۇنىڭلىق بىلەن ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدىنقىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەت ماركسىزمنىڭ يەنىلا غايەت زور ھاياتىي كۈچكە، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ماركسىزمنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

     دېمەك، پارتىيەمىز قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش جاريانىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلىنىپ تۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter