ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> نىمە ئۈچۈن تەقسىماتتىكى ئادىلسىزلىق تۈگۈمەيدۇ؟

نىمە ئۈچۈن تەقسىماتتىكى ئادىلسىزلىق تۈگۈمەيدۇ؟

2011-12-14 10:48     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:        ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز «داشقازان تامىقى» ۋە تەڭ تەقسىماتچىلىقنى تۈگۈتۈپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇر....

 

     ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز «داشقازان تامىقى» ۋە تەڭ تەقسىماتچىلىقنى تۈگۈتۈپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى پەيدىن – پەي ئورناتتۇق. جەمىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھەياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ زور دەرىجىدە كۆپۈيىشىگە تۈرتكىلىك قىلدى. كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر – يېزىلار، رايۇنلار، ساھەلەر ۋە جەمىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، تەقسىمات ئادىلسىزلىقى مەسىلىسى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

     پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن قوللۇنۇپ، تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى تەڭشىدى. مەسىلەن: كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيىسىنى ئۇدا يەتتە يىل ئۆستۈرۈپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى %10 كە يەتكۈزدى. يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك «مەركىزىي كومېتىت 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى» نى ئۇدا چىقىرىپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 11- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە جايلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2-3 قېتىم ئۆستۈردى. ھەر قېتىملىق ئوتتۇرىھە ئېشىش نىسبىتى %12.9 بولدى. تۆۋەن كىرىملىكلەرگە يار – يۈلەك بۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئىجتىمائى پاناھلاندۇرۇش سېستىمىسىنى ئاساسىي جەھەتتى بەرپا قىلدى. بۇ تەدبىرلەر پائال ئۈنۈم بىرىشكە باشلاپ، 11- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە زەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرچە كىرىم ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرچە ساپ كىرىمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %9.7 ۋە %8.9 ئەمىلىي ئاشتى. 2010- يىلى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 1998- يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەھەر ئاھالىسىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

     لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كىرەككى، كىرىم تەقسىماتى ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلە ماۋجۇت. مەسىلەن: مىللىي دارامەت تەقسىماتى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانا تارماقلىرىغا زىيادە مايىللىشىپ كىتىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە، ئادەتتىكى ئەمگەكچىنىڭ كىرىمى ئۇزاق مەزگىل بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا، شەھەر – يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى زورىيىش يۈزلىنىشىدە تۈپ بۇرۇلۇش بولمىدى؛ 2010- يىلى شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى 3.23 ھەسسىگە يەتتى؛ مونۇپول ساھەلەرنىڭ كىرىمى روشەن يۇقىرى، ساھەلەر ئارا كىرىم پەرقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ؛ 2009- يىلى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغان پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ مائاشى بىلەن ئوتتۇرچە مائاشى ئەڭ تۆۋەن بولغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق ساھەسىنىڭ مائاشى 4.7 ھەسسە پەرقلىنىدۇ؛ «كۈلرەڭ كىرىم»، «يۇشۇرۇن كىرىم»، ھەتتا قانۇنسىز كىرىم كۆپلەپ مەۋجۇت.

     ھەر ئىشنىڭ سەۋەپ يىلتىزى بۇلىدۇ. نۆۋەتتىكى تەقسىمات ئادىلسىزلىقى ھادىسىسىمۇ كۆپ خىل سەۋەپ تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان.

     ئىجتىمائى تارىخى سەۋەپ:

     (1) كىرىم ، تەقسىمات جەھەتتىكى ئادىلسىزلىق يېقىنقى يىللاردىكى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەزىلىرى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەر. مەسىلەن: ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن شەھەر – يېزا ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلما، رايۇنلار ئارا تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىلىرى تەقسىمات ئادىلسىزلىقىنى پەيدا قىلغان مۇھىم سەۋەپ.

     (2) تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دەل جايىدا ئەمىلىلەشمىدى. ھازىر دۆلىتىمىز تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تىپ ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇرماقتا؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى مۇكەممەل ئەمەس؛ قانۇن ۋە تۈزۈم تۇلۇق ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بەزىلەر قانۇن ۋە تۈزۈم يۇچىقىدىن پايدىلىنىپ، نامۇۋاپىق ۋاستىلەر ئارقىلىق بايلىق توپلاۋاتىدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى ئامىللار ھىلىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن: نەنۇرىي مونوپول قاتارلىقلار بازار رىقابىتىدە ئادىلسىزلىق پەيدا قىلىپ، تەقسىمات ئادىلسىزلىقىغا سەۋەپ بولماقتا.

     (3) تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىدا قالدى. دەسلەپكى تەقسىماتتا ئەمگەك ھەققىنى نورمال كۆپەيتىش مىخانىزىمى ھەقىقىي ئورنۇتۇلمىدى؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئېشىشى كارخانا پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا يەتمەيدۇ؛ ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىماتتا قايتا تەقسىماتنى تەڭشەش مىخانىزىمى مۇكەممەل ئەمەس، باجنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلمىدى؛ مالىيە چىقىمىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە ئىشىلتىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن؛ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خەرەكتىرىدىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ نىسبىتى زىيادە تۆۋەن؛ شەھەر – يېزا ئاھالىسى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، جەمىيەتتىكى قىيىنچىلىقى بارلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقى يىتەرلىك ئەمەس. كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى تار، كاپالەت سەۋىيىسى تۆۋەن؛ ئۈچۈنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ كۆلىمى كىچىك، خەيرىيەت ئىئانىسىنى رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمى، باشقۇرۇش مىخانىزىمى، نازارەت قىلىش مىخانىزىمى مۇكەممەل ئەمەس.

     «ئىش ئادىل بولمىسا كۆڭۈل تەڭپۇڭلاشمايدۇ، كۆڭۈل تەڭپۇڭ بولمىسا كەيپىيات بۇزىلىدۇ، كەيپىيات بۇزۇلسا ئىناقلىق بولمايدۇ». ئەگەر تەقسىمات ئادىلسىزلىقى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىلمەي، ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قۇيۇلسا، ئىقتىسادنىڭ ساغلام يۈرۈشىشىگە مۇقەررەر توسالغۇ بۇلۇپ، جەمىيەتنىڭ ئىجادىي ھاياتى كۈچى بوغۇلىدۇ، شۇنداقلا جەمىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا تەسىر يىتىدۇ. بۇ سوتسىيالىستىك ئورتاق بېيىش نىشانىغا زىت. شۇڭا تەقسىمات ئادىلسىزلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن رىئال ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلۇش جەريانىدا، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى مۇناسىۋىتىنى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ تەڭشەپ، تەقسىمات ئادىللىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2011-12-14 15:06 ۋولقان 

    بۇ پەرىق ئاسان تۈگىمەيدۇ، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ باي كەمبىغەللىك پەرقى15.3 ھەسسە بۇلۇپ دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ مۇ تۈزۈلمىدىكى مەسىلە……………..

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter