ئالىم بىز بلوگى

چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەخىرسىز ۋەزىپە

تۇرغۇن ھەسەن

 

(شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى) 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا قايتا تەكىتلىگەن مۇھىم ھۆكۈم. شۇڭا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بىرىنچى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان چىرىكلىك ھادىسىلىرى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، مەنپەئەت ئەندىزىسى تەڭشىلىۋاتقان، ئىدىيەۋى قاراشتا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان شارائىتتا پەيدا بولغان تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، باشقۇرۇشتا يوچۇق بولغانلىقى چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ماھىيەتتىن تۈزەش، مەنبەدىن تۇتۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

(1) ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈم، باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى يوچۇقنى ئىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك.

(2) تۈزۈملەرنى قانۇن، نىزام ۋە قائىدىگە ئايلاندۇرۇپ، تۈزۈملىشىشتىن قانۇنلىشىشقا ئۆتۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

(3) دۆلەت قانۇنى، پارتىيە نىزامى بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش تۈزۈمى بىر – بىرىگە ماسلاشقان، بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئالدىنى ئېلىش، جازالاش، كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆزىنى چەكلەش مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى ۋە ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىدىيە – ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، چىرىكلىشىش پەيدا بولۇشتا ئالدى بىلەن ئىدىيەۋى ئەخلاق مۇداپىئە لىنىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ۋە ياخشى ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ھوقۇققا، مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ، ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزەلەيدۇ، مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى قىلىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە توغرا ھوقۇق قارىشى تۇرغۇزۇپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل تەربىيەسى، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇلارنى دائىملىق، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تەربىيە شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تەربىيەنىڭ ئىلمىيلىكى، ئىلغارلىقى ۋە دەۋر روھىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ھوقۇققا بولغان چەكلىمە، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلىشىش ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي پايدا كۆزلەشتىن ئىبارەت. ھوقۇقنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ۋە بىر – بىرىنى چەكلەيدىغان، بىر – بىرىگە ماسلىشىدىغان ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، كۆزىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، دېموكراتىك نازارەتچىلىك ۋە قانۇنىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىشلىرىدا، مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا، زاۋۇت ئىشلىرىدا، كەنت ئىشلىرىدا ۋە ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش كېرەك.

تۆتىنچى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبىرىي ئورگانلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردا پاش قىلىنغان چىرىكلىشىش دېلولىرىدىن قارىغاندا، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشى، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت يولىغا مېڭىشى – ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىش مەسىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبىرىي ئورگانلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.خەلق چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق قوشۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن دېلولارنىڭ %70ىنى ئامما پاش قىلغان. شۇڭا خەلقنىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىدىكى نازارەتچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

چىرىكلىشىشنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ 12 – بەش يىللىق پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى رېئال ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بىز كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەخىرسىز ۋەزىپە

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-21
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: