ئالىم بىز بلوگى

تۈزۈم چەكلىمىسى ۋە بايلىق يارىتىش

    نيۇ خەيجىن

 

     بازاردا مەلۇم پايدىسىز ئەھۋالغا يولۇققىنىمىزدا، بەزىدە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالىمىز، چۈنكى بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولغان بولىدۇ.

     بۇنداق ئەھۋالدا پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۇنى توسۇشىمىز ياكى ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز تەربىيەلىنىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلىگە پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلساق مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىمىز. ئەگەر پايدىسىز ئەھۋال ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بولسا ھەم كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالساق، ئۇ چاغدا قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىمىز ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن پىكىر قىلىشتۇر.

     ھەرقانداق پايدىسىز ئەھۋالنى سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئاكتىپ پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي ساقلاپ، مەسىلىنى ئاكتىپ بىر تەرەپ قىلساق، پايدىسىز ئەھۋالنى ياخشىلىيالايمىز.

     ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەھۋال كونتروللۇقىمىزدا بولمايدۇ. مەسىلەن: تۈزۈم. بىز ياشاۋاتقان ماكان ۋە زامان نۇرغۇن تۈزۈمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. تۈزۈمگە چوقۇم ئەمەل قىلىش كېرەك، تۈزۈمنىڭ چەكلىمىسىدە، ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئامال بار جانلىق بولۇپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇنغا ئۇيغۇن ئۆلچەمدە بايلىق يارىتىشىمىز كېرەك.

     مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ جانلىق بولغانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىسا پىلانى ئېنىق بولماي قالىدۇ. رەقەمنى مىسالغا ئالساق، ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن نەرسىلەر رەقەمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، پايدا ۋە زىيان بىلەنلا بىر نەرسىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. يەنە تەننەرخنى مىسال قىلساق، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنى يالغۇز چىقىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.

     شۇڭا، جانلىق بولۇپ، مۇۋاپىق، قانۇنغا ئۇيغۇن دائىرىدە بايلىق يارىتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنى چەكلەپ، قانۇن ۋە ئەخلاق دائىرىسىدە بايلىق يارىتىش كېرەك.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: تۈزۈم چەكلىمىسى ۋە بايلىق يارىتىش

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: