ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ۋەقە ۋە مۇلاھىزە >> تەپسىلاتى

نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋەزىيىتى

     سۈرىيە ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولامدۇ؟ 7–ئىيۇن، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشەنچ بىلەن ‹‹شۇنداق›› دېدى. ئۇلار ئۆكتىچى ھۆكۈمەت قوراللىقلىرىنىڭ 6–ئىيۇن شىمالدىكى چېگرا شەھىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ ، 120 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئىسپات قىلدى. ‹‹نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى››دە: سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىسە، ‹‹سۈرىيەگە قارشى قاتتىق قوللار رەھبىرى قوزغىغان قوزغىلاڭدا بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ››، دېيىلدى. نۇرغۇن تەھلىلچى سۈرىيە بىلەن لىۋىيەنى باغلاپ ، سۈرىيە چېگراسىدا يەنە بىر بېنغازى پەيدا بولدى، ‹‹لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سۈرىيەدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ››، دەپ قارىدى .

 

    ئاغدۇرۇلۇش نۇقتىسىمۇ ياكى جان قىيناش ھىيلىسىمۇ؟

 

     سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 6–ئىيۇن خەۋپسىزلىك قىسىمى ۋە ساقچىلارنىڭ گېلسې ساگۇر رايونىدا پىستىرما ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئارقا–ئارقىدىن خەۋەر قىلدى . خەۋەر كۆرۈنۈشلۈك بولمىسىمۇ، سۈرىيە خەۋپسىزلىك قىسىمى ۋە ساقچىلاردىن قازا قىلغانلار دەسلەپكى 28 كىشىدىن 40 كىشىگە كۆپەيگەن، كېيىن 80 كىشىگە ئۆزگەرتىلگەن، ئاخىرىدا 120 كىشىگە يەتكەندە مۇقىملاشقان. سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەل شار بايانات ئېلان قىلىپ: قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىپ ، قايتۇرما زەربە بېرىمىز، ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قولىمىزغا قورال ئالمىساق بولمايدۇ››، دېدى.

     ئامېرىكا ‹‹ئوبزور›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹سۈرىيەدە ھەقىقى توپىلاڭ كۆتۈرۈلدىمۇ؟›› ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 120 ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى : بىرى ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ئەل شارنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك تەدرىجىي پەسەيمىدى. يەنە بىرى، بۇ قېتىمقى قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى 1982–يىلىدىكى زور قىرغىنچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 1982–يىلى بەشىرنىڭ دادىسى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇپ، 10 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ‹‹نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 7–ئىيۇن خەۋىرىدە: سۈرىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ پىستىرما ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى راست بولسا، سۈرىيەگە قارشى قاتتىق قوللار رەھبىرى قوزغىغان توپىلاڭنىڭ زوراۋانلىققا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىلدى.

     «دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭنى لىۋىيە ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرساق، ھازىر ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىدىغان چاغ بولۇپ قالدى .

     غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلى ئوتتۇرىغا قويغان سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە قىسمەن قوشۇلدى ، بىراق كۆپ ساندىكى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ئەڭ ئاشكارا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشى››، دەپ قارىدى.

 

غەرب ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلاندىمۇ؟

 

     ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، غەرب سۈرىيەگە بارغانسېرى زور بېسىم قىلدى . ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇپپې 6–ئىيۇن مۇنداق دېدى: بەشىر ھاكىمىيىتى ‹‹قانۇنلۇقلۇقىنى يوقاتتى››، فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيەنى ئەيىبلەش قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى . خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتتىن 11 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن، بىز رۇسىيەلىكلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قارايمىز، ئۇلار رەت قىلسا، ئۇلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ‹‹ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 7–ئىيۇندىكى خەۋىرىدە : سۈرىيە پايتەختى دەمەشق دۇنيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى ، بىراق مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى دەمەشقنى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرىدۇ، ب د ت قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ ئارىلىشىشى كېرەك، دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىندى.

     غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەيىبلەش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈش سادالىرى كۆپرەك بولدى، بىراق ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى. ‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى : سەۋەب بەشىر ھاكىمىيىتى قۇدرەتلىك ھەم ئاغدۇرۇلمايدۇ ئەمەس، بەلكى غەربلىكلەر ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى مۇنداق دېدى: سۈرىيە ئىران رەھبەرلىكىدىكى ‹‹قارشىلىق كۆرسىتىش ئوق مەركىزى ›› دىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە ئاللا پارتىيەسىنى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەت. بەشىر ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلسا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قىسقا مەزگىللىك نەپكە ئېرىشىدۇ. بەشىر ھاكىمىيىتى زوراۋانلىق ھەرىكىتى بىلەن ئاغدۇرۇلسا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى سەھنىگە چىقىشى مۇمكىن. غەرب بەشىرنى ياقتۇرمايدۇ، بىراق ئۇ غەرب چۈشىنىدىغان ‹‹ئالۋاستى››. بەشىرمۇ سۈرىيەنىڭ بۇ ھەپتە ياكى كېلەر ھەپتە قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇنداق مۇقىمسىزلىق بەشىرنى بىئارام قىلماقتا، شۇنداقلا بىزنىمۇ ئەنسىزچىلىككە سالماقتا. ‹‹ئالدىنقى قاراۋۇل›› ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەركىبى ئېنىق بولمىسىمۇ ، بىراق يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەر بار ئىكەن. ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : ئوتتۇرا شەرقتىكى قوزغىلاڭ بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا سۈرىيە ئەڭ مۇرەككەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم، دىنىي مەزھەپ قۇرۇلمىسى زىل، تەشكىللىك ئۆكتىچى يوق. باستۇرۇش داۋاملاشسا، غەرب دۆلەتلىرى ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ‹‹قاچانغىچە سۈرىيەنىڭ باستۇرۇشىغا سەۋر قىلىمىز››، دېگەن مەسىلىگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: