ئالىم بىز بلوگى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىدىن قىسقىچە تەسىرات

راخمان مامۇت

 

     مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئۆگۈنۈش ئارقىلىق، ئاز بولمىغان نەزىرىيىۋى، رىئالنى ۋە ئەھمىيەتلىك نۇقتىلارنى روشەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، كۆز قاراشلىرىم تېخىمۇ يېڭىلاندى، بولۇپمۇ كىلەر يىللىق خىزمەتلەرگە بولغان چۈشەنچىم ۋە ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى.

     مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مەركەز ئاچقان مۇھىم يىغىن. يىغىندا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئىلمىي يەكۈنلەندى، ھازىرقى ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىيەت نەزەردە تۇتۇلۇپ،راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

     2011- يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى. تۈرلۈك زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىدى. جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ سىياسەت تەسىرىدە ئېشىشتىن ئۆزلۈكىدىن ئېشىشقا قاراپ تەرتىپلىك ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات تېزرەك بولۇش، باھا مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىش، ئۈنۈم ياخشىراق بولۇش، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىشتەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 12 – بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

     ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا، مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىماقتا، ئەسلىگە كېلىش كۈچى ئاجىز بولماقتا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىقتەك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر يەنىلا ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە يەنە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پايدىلىق شارائىت ئىنتايىن كۆپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسمۇ ئاز ئەمەس.

     يىغىننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بىز چوقۇم كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقلىقى، جانلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشى ۋە مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

     يۇقىردىكى تەلەپلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي مۇقامىنى ياخشى ئىگىلەش – ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىشىمىز زۆرۈر. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھەم ‹‹مۇقىملىق››نى ساقلاش، ھەم ‹‹ئىلگىرىلەش›› دېگەنلىك. مۇقىملىق ساقلانمىسا ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ، ئىلگىرىلىمىسە مۇقىملىقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. مۇقىملىقنى ساقلاش ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش دېگەنلىك. ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دېگەنلىك.

     يىغىن روھىنى ئەتىراپلىق ئۆگۈنۈش ئارقىلىق، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى ياخشى ئىگىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ ئوبدان ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.

     ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش. سۈرئەت، قۇرۇلما، مال باھاسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ سالمىقى، رىتىمى، مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى قوللاش سالمىقىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنى ئازايتىپ، ئۆي – زېمىننى تەڭشەش – تىزگىنلەش سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشى ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنى راۋاجلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش. ئىقتىسادنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىلچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى، بولۇپمۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، باھا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تاشقى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، تاشقى سودا سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى، ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش كېرەك.

     خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش. ھازىرقى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك.

     دېمەك، بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى دەل ۋاقتىدا چاقىرىلغان، ھالقىلىق پەيتتىكى يىغىن بۇلۇپ، كېلەر يىل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ تۇنجى يىلىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىدىن قىسقىچە تەسىرات

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: