ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەدەنىيەتلەر ئەندىشىسىمۇ؟

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مەدەنىيەتلەر ئەندىشىسىمۇ؟

2011-12-25 12:48     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:        بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق سىياسەتشۇناش سامۇل خونتىنگتون ‹‹مەدەنىيەت توقۇنۇشى›› دېگەن مەشھۇر نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇنىڭدا بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارالىق توقۇن....

 

     بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق سىياسەتشۇناش سامۇل خونتىنگتون ‹‹مەدەنىيەت توقۇنۇشى›› دېگەن مەشھۇر نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئۇنىڭدا بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارالىق توقۇنۇش ئاساسەن ھەرقايسى مەدەنىيەت ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە تەۋە گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئۇزۇنغا داۋاملىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ياراشتۇرۇشمۇ تەس بولىدۇ، دېيىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ‹‹11–سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ ئالدىن ئېيتىلغان بۇ سۆزنى ئىسپاتلىغاندەك تۇرىدۇ. ھاۋالەنكى، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق ئۇلغىيىۋاتقان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە قەرز كىرىزىسى تەۋرىتىپ قويماقتا. ‹‹مەدەنىيەت توقۇنۇشى›› كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يوقىلىشقا باشلاپ، ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› پەيدا بولۇشقا باشلىدى .

     «ئەرەپ باھارى›› – ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. دېموكراتىيە ۋە ھوقۇققا ئىنتىلگەن پۇقرالارمۇ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلارغا ئوخشاشلا ‹‹ئەندىشە›› گە چۈشتى. بۇنداق ئەندىشىلىك كەيپىيات ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تارقىلىپلا قالماستىن بەلكى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا قاراپ كېڭەيمەكتە .بىز بۇ جايلاردىكى نارازىلىق ۋە مالىمانچىلىقتىن يېڭى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات بارلىققا كېلىش ئۈمىدىنى كۆرۈۋالالايمىز .

     ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا خەلقى قاتماللىشىپ كەتكەن تۈزۈلمە ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى دېموكراتىك كۈچ–قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىدا پەيدا بولغان ‹‹كوچىنى ئىشغال قىلىۋېلىش ›› ھەرىكىتى ياۋروپا ۋە دۇنيادىكى باشقا 80 نەچچە دۆلەتنىڭ مىڭغا يېقىن شەھىرىگە كېڭەيدى، بىز بۇلاردىن پۇقرالارنىڭ كونكرېت مەنپەئەت تەلىپى ۋە كۈرەش يۆنىلىشىنىلا ئەمەس بەلكى بۇنداق نارازىلىققا سىڭىپ كەتكەن تېخىمۇ كۆپ ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› نىمۇ كۆرۈۋالالايمىز.

     سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 20 يىلدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدىن باشلانغان دۇنياۋىلىشىش دولقۇنى داۋاملىق ئۇلغايدى. بازار، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسى بارلىق دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇۋەتكەن بولغاچقا، بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرى پۇلنى چەكتىن ئاشۇرۇپ خەجلەۋەردى، يېڭىدىن سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن ئېشىندى بولۇپ قالغان سانائەت ئىقتىدارىنى ھە دەپ كېڭەيتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەيدا بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بايلىق توپلاش ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچەيدى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قايتا تەقسىمات فونكىسيەسىدە بارغانسېرى ئېغىر مەسىلە پەيدا بولغاچقا، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي كىرىزىس پارتلىدى. 2008–يىلىدىكى پۇل مۇئامىلى كىرىزىسى ۋە ھازىرقى ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› دەل يۇقىرقىدەك بىر تەرەپلىمە ھالدا دۇنياۋىلاشتۇرۇش مەنتىقىسىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى ھېسابلىنىدۇ .

     بىر تەرەپلىمە ھالدا دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئېغىر ئاقىۋىتى بىر تەرەپلىمىلىك قىممەت يۆنىلىشى ۋە سىياسىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 20 يىل مابەينىدە، ‹‹مەدەنىيەت توقۇنۇشى›› ئەمەلىيەتتە خىيالىي تۇيغۇ بولۇپ كەلدى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىكىدىكى غەرب مەدەنىيىتى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تارىخىي چىنلىقتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ھازىرقى دەۋردىكى ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› نىڭ يىلتىزى بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ باشقا مەدەنىيەتكە نىسبەتەن مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋالغانلىقىدا. بۇنداق ئەھۋالدا قىممەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا ياخشى تۈرتكە مەۋجۇت بولالمايدۇ .

     بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە گۈللىنىشى مۇقەررەر ھالدا باشقا مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات ماكانىنى قىسىۋېتىدۇ. كۈچلۈك مەدەنىيەت تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋالدا، ئاسىيادىكى جۇڭگودىن ئىبارەت ئاساسى پۇختا، زېمىن دائىرىسى كەڭ قۇرۇقلۇق مەدەنىيىتىلا ئاندىن بۇنداق كۈچلۈك مەدەنىيەتكە راۋۇرۇس تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن. قەدىمقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قايتا گۈللىنىپ ‹‹غەرب مەدەنىيىتى›› دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھاۋالەنكى، ھازىر ئامېرىكا ئاسىيادا ‹‹مەدەنىيەت جەھەتتە قورشاش ۋە توسۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى›› نى يولغا قويۇپ، ئاتالمىش ‹‹مەدەنىيەت سېپى›› ۋە قىممەت دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ سەنىمىگە دەسسىشى ئاقىۋىتىدە ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت تەڭپۇڭلۇقىمۇ بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، ‹‹مەدەنىيەت ئەندىشىسى›› ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرىتاغ تورىدىن كۈچۈرۈپ، بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى. ئەگەر بۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ بايدىلانماقچى ياكى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلغايسىز.

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 

     زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ 

     تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter