ئالىم بىز بلوگى

قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

   

 

      دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بەردى

     «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بەردى.

     قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدا باج موتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ

     قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى ئاپتوموبىل ۋە پاراخوتلاردىن يىلدا ئېلىنىدىغان بىر خىل باج. 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى››غا ئاساسەن باج ئېلىنىدۇ. ئىلگىرىكى باج ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىغا باج ئېلىش دائىرىسى، باج ھېسابلاش ئاساسى، باجدا ئېتىبار بېرىش، باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

     «قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدا كىرا ئاپتوموبىلى يەنى ئولتۇرىدىغان يولۇچى سانى توققۇز ياكى توققۇزدىن ئاز ئاپتوموبىللاردىن موتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ئاساسەن قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، ئىلگىرى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى ئاپتوموبىلغا چىققان كىشىنىڭ ئەمەلىي سانى بويىچە ئېلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىلگەن قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى ئازايتىش بەلگىلەندى. بۇ يېڭى ئۆزگىرىشتە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىت ئاسراش سىياسەت يۆنىلىشى نامايان قىلىندى››، دېدى باج باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى.

     بۇ مەسئۇل: ‹‹قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىنغان <قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى باج ئوبيېكتى، باج سوممىسى جەدۋىلى>دە كۆرسىتىلگەن ئاپتوموبىل، پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى تاپشۇرىدۇ، كونكرېت يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، سودا ئاپتوموبىلى، پىرىتسېپ، باشقا ئاپتوموبىللار، موتوسىكلىت ۋە پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ››، دېدى.

     بۇ مەسئۇل يەنە: ‹‹تىراكتور، ئېلېكتىر موتورلۇق كىرا ئاپتوموبىلى، يېقىلغۇ باتارىيەلىك كىرا ئاپتوموبىلى، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى (موتورسىز بارژانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. دۆلىتىمىزگە ۋاقىتلىق كىرگەن چەت ئەل قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىن كىرگەن قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ››، دېدى.

     %87 كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ ئاساسىي باج سېلىقى يەڭگىللىدى ياكى ئۆزگەرمىدى.

     قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدا، كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ باج سېلىقىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆزگەرتمەسلىك ۋە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت قۇرۇلمىنى تەڭشەش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. مەسىلەن: ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %72ىنى ئىگىلەيدىغان كىرا ئاپتوموبىللىرى موتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ئاساسەن يەتتە دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ھەر بىر دەرىجىگە ئايرىم – ئايرىم باج سوممىسى بېكىتىلدى.

     «بۇنىڭ ئىچىدە، ھازىرقى كىرا ئاپتوموبىللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %87ىنى ئىگىلەيدىغان، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىرا ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلدى ياكى ئۆزگەرتىلمىدى. ھازىرقى كىرا ئاپتوموبىللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدىغان، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىردىن 2.5 لىتىرغىچە بولغان (2.5 لىتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىرا ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلدى؛ ھازىرقى كىرا ئاپتوموبىللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %3ىنى ئىگىلەيدىغان، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.5 لىتىردىن يۇقىرى بولغان كىرا ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى بىر قەدەر چوڭ نىسبەتتە ئۆستۈرۈلدى››، دېدى بۇ مەسئۇل خادىم.

     يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىلگەن قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى كەچۈرۈم قىلىندى ياكى يېرىم ئازايتىلدى

     بۇ مەسئۇل مۇنداق دېدى: قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدا باجدا ئېتىبار بېرىش تۈرلىرى كۆپەيتىلدى.

     ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىلگەن قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىندى ياكى يېرىم ئازايتىلدى، باج ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن مالىيەسى، باج ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاساسلىق تارماق، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

     قانۇن بويىچە باج تاپشۇرمىغانلارغا ئاپتوموبىل تىزىملىتىش – تەكشۈرتۈش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ

     بۇ مەسئۇل موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجىنى قانداق تاپشۇرۇش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار مەسئۇل باج ئورگانلىرىغا ئۆزلىرى بېرىپ قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى تاپشۇرسا بولىدۇ؛ يەنە بىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھادىسە مەسئۇلىيىتى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى بېجىرگىلى بارغاندا، سۇغۇرتا ئورگىنىغا قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى تاپشۇرسا بولىدۇ.

     بۇ مەسئۇل يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: باج تاپشۇرغۇچىلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئالاقىدار تىزىملىتىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندە، ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرغان ياكى باج كەچۈرۈم قىلىنغانلىق ئىسپاتى كۆرسىتەلمىسە، ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: قانۇن- نىزام
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: