ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> قانۇن- نىزام >> تەپسىلاتى

زەھەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى دەسلەپكى ساۋات

     «بىرىكمە زەھەر» نىڭ فارماكولوگىيەلىك خۇسۇسىيىتى (ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، ئەيمىنىشنى يۇقۇتۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، تەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئىشتەينى تۇتۇش) كىشىنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ. يەنى كىشىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشقىنى چىقىرىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەم خىزمەت، ئۈگۈنۈش بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ياشلا ۋە خىزمەت بېسىمى يۇقىرىلار ئاسانلا قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇلار بىرىكمە زەھەر ئىستىمال قىلىش ئۆزىنى نامايەن قىلىشتىكى مودا تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ قاراپ، تەدىرىجى خۇمار بۇلۇش باسقۇچىغا يىتىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىش خۇمارغا ئايلانغان ھامان، زەھەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كونتۇرۇل قىلىدۇ. دېمەك زەھەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا روھسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىشتەك كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىلىرى ئۆمۈرلۇك روھىي مېيپ بۇلۇپ قالىدۇ. ھازىر زەھەرگە خۇمار بولغانلارنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى. ھەر بىر پۇقرا ھۇشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

     (1) بىرىكمە زەھەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقماسلىق كېرەك. بىركمە زەھەر ئىستىمال قىلىش كىشىنى ئاخىرى ئېلىشىپ قېلىش كىسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىق كېرەك.

     (2) دوستلىرىنىڭ زەھەر چېكىش تەكلىۋىنى قەتئىي رەت قىلىش كېرەك. %97 كىشىنىڭ تۇنجى زەھەر چىكىشى دوستلىرىنىڭ «تەكلىپى» بىلەن بولغان. زەھەر چېكىش مەبلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچى تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن باشقىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. مەسىلەن: «زەھەر كىسەلگە شىپا بۇلىدۇ»، «كرستال زەھەر ئىستىمال قىلىش مودا، پۇلى بار ئادەم ئىستىمال قىلالايدۇ»، «بىرەر قېتىم چىكىپ قويغانغا خۇمار بۇلۇپ قالمايدۇ، ئادەم يەڭگىللەپ قالىدۇ»، «زەھەر ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ، جىنسى ھەۋەسنى كۈچەيتىدۇ ھەم ئادەمنى ئۇرۇقلىتىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىدۇ. مۇنداق تەكلىپلەرگە دۇچ كەلگەندە، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، دەرھال ئۇنداق سورۇندىن كىتىش، شۇنداقلا ئۇنداق ئادەملەر بىلەن داۋاملىق ئارلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

     (3) كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ناتونۇش كىشىلەر تەمىنلىگەن تاماكا، ئىچىملىكلەرنى قۇبۇل قىلماسلىق، پىسىلداق قۇتۇلۇق ئىچىملىكلەردە ئوكۇل ئۇرۇلغان ۋە قۇتا ئېغىزىغا چېقىلغان ئىز بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش، ئورنىدىن قوزغالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىچىملىك، يىمەكلىكلەرگە بىرسىنى قارىتىپ قويۇش، ئىھتىياتسىزلىقتىن زەھەر ئىستىمال قىلىپ قويۇپ خۇمار بۇلۇپ قېلىش ياكى باسقۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىش كېرەك. سورۇنلاردا زەھەر چەككۇچىلەر بارلىقى بايقالغاندا تەمكىن بۇلۇش، جىددىيلىشىپ قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى ئۆرلىتىپ قويماسلىق، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، زىيان يىتىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     (4) باشقىلارنىڭ ئېنىق بولمىغان بۇيۇملىرىنى ساقلاپ، يەتكۈزۈپ، سېتىپ بەرمەسلىك كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زەھەر ئېلىپ – سېتىش گورۇھىدىكىلەر ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، ھامىلدار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى، مېيىپلەرنى زەھەر ئېلىپ – سېتىش ئىشلىرىغا سالماقتا. ساقلاپ بىرىش، يەتكۈزۈپ بىرىش، سېتىپ بىرىشكە ھاۋالە قىلىنغان بۇيۇم زەھەر بۇلۇپ قالسا، دەلىل ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، شۇ كىشى قانۇن جەھەتتىن زەھەر ئېلڭپ – ساتقۇچىنىڭ شىرىكى دەپ بىكىتىلىشى مۈمكىن.

     (5) ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يىتىلدۈرۈپ، مەلۇم پىسخىك ئىھتىياجلارنى زەھەر ئارقىلىق قاندۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك. تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بۇلۇش، خىزمەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بېسىمغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش، ئىناق ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

     (6) دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بۇيىچە، دورىلارنى ئورۇنلۇق ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئاغرىق توختۇتۇش، تېنچلاندۇرۇش، ئورۇقلىتىش، يۈتەل توختۇتۇش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. بۇ دورىلار زەھەرگە ئوخشاش رول ئويناپ قېلىشى مۈمكىن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

بىر نەپەر تورداش باھا يازدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

  1. بۈگۈن يەنى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى. زەھەر چەككۈچىلەرنى جەمىيەتتىن ئايرىۋەتمەيلى!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: