ئالىم بىز بلوگى

جوڭگۇ بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدا زىدىيەت بارمۇ؟

     «ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى ›› گېزىتى 31 – ماي : جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا نېفىت تىرانسپورت ھەققى مەسىلىسىدىكى زىددىيەت كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلەشمەكتە ، دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر بەردى. رۇسىيە بۇ يىل جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى باشلىدى، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نېفىت تۇرۇبا تىرانسپورت ھەققى مەسىلىسىدە پەيدا بولغان زىددىيەت كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەدىن تىرانسپورت ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا ھەمدە پۇلنى تۇتۇۋېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلمىدى ھەمدە ‹‹(جۇڭگو تەرەپنىڭ) بۇ ھەرىكىتى كېلىشىمگە خىلاپ››، جۇڭگو ھازىر 200 مىليون دوللاردىن كۆپرەك پۇلنى تۇتۇۋالدى، دېدى ھەمدە مەسلىنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشىتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھال دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت رۇسىيە بىلەن ئەڭ چوڭ ئىستېمال دۆلىتى جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     نېفىت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت تۇرۇبا تىرانسپورت ھەققى مەسىلىسىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پىكىرى بىر –بىرىگە زىت بولماقتا. رۇسىيە تەرەپ رۇسىيەدىن جۇڭگو چېگرىسىغىچە بولغان تىرانسپورت ھەققى بىلەن رۇسىيەدىن ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان تىرانسپورت ھەققى تامامەن ئوخشاش بولىدۇ، دېگەن پىكىرنى ياقلىماقتا. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەدىن جۇڭگوغىچە بولغان تىرانسپورت مۇساپىسى ئۇنىڭدىن قىسقا بولغاندىكىن، تىرانسپورت ھەققىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ تۆۋەنرەك بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تىرانسپورت ھەققىگە بېرىلىدىغان پۇلنى مۇناسىىپ دەرىجىدە ئازايتىۋاتىدۇ، ھەر ئايدا ئەمەلىي تۆلەنگەن سومما بىلەن رۇسىيە تەرەپ بېكىتىۋالغان سومما ئوتتۇرىسىدا 40 مىليون دوللارچە پەرق كۆرۈلمەكتە.

     ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئەسلىدە 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېڭەش ئۆتكۈزمەكچى ئىدى، لېكىن جۇڭگو تەرەپ كېڭەش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا رۇسىيەگە كېڭىشىش ۋاقىتى كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 25 – ماي خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە نېفىت شىركىتى بىلەن نېفىت تۇرۇبا تىرانسپورت شىركىتى يەنە 2 – 3 ھەپتىدىن كېيىن جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى ئۈستىدىن لوندون سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. دېمەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىماقتا. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 26 – ماي ئالاقىدار كارخانىلارنى باراۋەر ئاساستا كېڭىشىش روھى بويىچە، مەسىلىنى ئاكتىپ كېڭىشىىش يولى بىلەن مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

     ئەگەر جۇڭگوغا چىقىرىلىۋاتقان نېفىتنىڭ باھا مەسىلىسى ئۇزاققىچە ھەل قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى جەزمەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئىككى دۆلەت بۇ يىل يازدا يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي گاز باھاسى ئۈستىدە ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلماقچى ئىدى، بىراق، رۇسىيە مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىگور سېچىن جۇڭگوغا چىقىرىلىدىغان نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز باھاسىنى بىرلىكتە نەزەرگە ئېلىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا. جۇڭگو نېفىت ئېمپورت مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رۇسىيە تەرەپتىن باھانى قايتىدىن بېكىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

     ئەگەر ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ھەمكارلىقى ئاستىلىشىپ كەتسە، رۇسىيە ياپونىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە مايىللىشىپ قېلىشى مۇمكىن. رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى سېرگىي شىماتكو 23– ماي ياپونىيە بىلەن تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى. ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش تەسىرىدىن ياپونىيەدە ئېنېرگىيە تەمىناتى قىس بولماقتا. شۇڭا شىماتكو ياپونىيە بىلەن بىرلىشىپ بايلىق ئېچىش تەكلىپىنى قويماقتا.

 

     ئالاھىيدە ئەسكەرتىش:

     بۇ يازما تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى. ئەگەر بۇ يازمىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى ياكى باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ تۆۋەندىكى ساداسىغا قۇلاق سالغايسىز!

     بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە ، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ

    ئالاقىلىشىش تېلېفونى :  8521981–0991

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: جوڭگۇ بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدا زىدىيەت بارمۇ؟

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-06-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ۋەقە ۋە مۇلاھىزە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: