ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئوردىسى ھەققىدە

ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئوردىسى ھەققىدە

2011-05-29 10:54     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:           «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، تەڭرىقۇتنىڭ قول ئاستىدا سول قول، ئوڭ بىلىك خان قاتارلىق 24 نەپەر تۈمەن بېشى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، سول قول خانلار شەرق تەرەپنى ئى....

          «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، تەڭرىقۇتنىڭ قول ئاستىدا سول قول، ئوڭ بىلىك خان قاتارلىق 24 نەپەر تۈمەن بېشى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، سول قول خانلار شەرق تەرەپنى ئىگىلەپ، شاڭگۇ ئايمىقى (خېبىينىڭ خۇەيلەي ناھىيىسى ئەتراپىدا) نىڭ شەرقى بىلەن، ئوڭ قول خانلار غەرب تەرەپنى، ئىگىلەپ، شاڭجۈن ئايمىقى (شەنشىنىڭ يۈلىن ناھىيىسى ئەتراپىدا) نىڭ غەربى بىلەن، تەڭرىقۇت ئوردىسى دەيجۈن ئايمىقى (خېبىينىڭ ۋېيشيەن ناھىيىسى ئەتراپىدا) ۋە يۈنجۇڭ ئايمىقى (ئىچكى موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسى ئەتراپى) بىلەن تۇتىشاتتى.

         «ھەر قايسىسنىڭ ئۆز ئالدىغا بۆلۈشۋالغان يەرلىرى بولۇپ، سۇ، ئوت قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى». جۈملىدىن، ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇت ئوردىسى ھەم سول قول، ئوك قول بىلىك خان ئوردىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارنىڭ بەلگىلىك چېگرىسى بولۇپ، بىلىكخانلارنىڭ قول ئاستىدىكى خانلار ۋە سانغۇنلارنىڭمۇ نىسبەتەن مۇقىم چارۋىچىلىق يەرلىرى بار ئىدى.

         ھۇنلار تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ زادى قەيەردىلىكى توغرىسىدا جۇڭگو-چەت ئەل ئالىملىرى كۆپلەپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق يازما تارىخىي ماتېرىياللارنڭ كەمچىللىكى ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماددىي ئىسپاتلارنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇنى بېكىتىش ھازىرچە قىيىن بولۇۋاتىدۇ. تارىخىي ئەسەرلەردە سول قول، ئوڭ قول بىلىك خان ئوردىسى ھەمدە سول قول ۋە ئوڭ قول خانلار ئوردىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوردىلارنىڭ قەيەرگە قۇرۇلغانلىقىغىمۇ بىرنېمە دېمەك تەس بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەلگىلىك مۇقىم ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى شۈبھىسىز مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

         «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلار ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، 1-ئايدا تەڭرىقۇت ئوردىسىدا كىچىك يىغىلىش، 5-ئايدا ئەجدەربالىق شەھىرىدە ۋە كۈزدە دەيلىندە چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. ھەر يىلى مۇقىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋاقتى بولغانىكەن، قائىدە بويىچە يەنە مۇقىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئورنمۇ بولۇشى كېرەك. تەڭرىقۇت ئوردىسى، ئەجدەربالىق ۋە دەيلىننىڭ ھازىرقى ئورنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلار توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى پاكىتلاردىن تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور ئەتراپىدىلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

          يېقىنقى نەچچە ئۇن يىلدىن بۇيان سېلىنگە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، ئۇلانباتورنىڭ 70 مىل شىمالدىكى نۇبان تېغىدىن دەسلەپكى قەدەمدە نەچچە يۈزلىگەن ھۇن ئىمپېرىيىسى بايقالدى ۋە ئېنىقلاندى، سوۋېت ئىتتىپاقى، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن قېزىلغانلىرىمۇ 20-30 دىن كەم ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ھۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ (ياكى تەڭرىقۇتنىڭ) چوڭ تىپتىكى قەبرىلىدۇر. بۇ تاغ تەڭرىقۇتنىڭ ئوردىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.

          6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان تۈرك خانلىقىنىڭ ئوردىسى ئۆتۈكەن تېغىغا قۇرۇلغان (ھازىرقى ئورقۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى خانگاي تېغىنىڭ شىمالىدىكى تاغ). كېيىن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختىمۇ مۇشۇ يەرگە تەسىس قىلىنغان. 13-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قۇرۇلغان مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىمۇ مىلادىيە 1235-يىلدىن (ئۈگەدەينىڭ 7-يىلىدىن) باشلاپ قاراقۇرۇمنى (ھازىرقى ئورقۇن دەرياسىىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئوردانىسانت) پايتەخت قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئورقۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلار (ئولانباتورنىڭ غەربىي شىمالى) تارىختىن بۇيان شىمالدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئوردا قۇرىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يوللۇغ جۇ «قوش ئېقىن بويىدا كەيپلىكتە يېزىلغان شېئىرلار» (2-جىلد) دىكى «قۇرۇمنى ئېلىش» ۋە «خان ئورىسىغا بېرىش» دېگەن ئىككى شېئىردا «خان ئوردىسى قۇرۇمىنىڭ غەربىي شىمالىدا» دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇلاردىنمۇ تەڭرىقۇت ئوردىسىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

          ئەجدەربالىق توغرىسىدا «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەقىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشچە، مايى ئۇرۇشىدىن كېيىن 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 129-يىلى) ئەتىيازدا ۋېي چىڭ شاڭگۇدىن يولغا چىقىپ ئەجدەربالىققا بارغان. بۇ ئەجدەربالىق ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇل شىلىنغول ئايمىقىنىڭ شەرقى، غەربىي ۋۇجۇمۇشىن خۇشۇنىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇنلار ھەر يىلى 5-ئايدا يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان ئورۇننىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

          دەيلىن توغرىسىدا يەن شىگۇ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە ئىزاھ بەرگەندە «نەزىر-چىراغ قىلىدىغان قويۇق دەرەخلىك يەر» دېگەن، ئۇ ئورمانلىق يەرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كونكرىت يەر نامى ئەمەس.

         «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندە خۇسۇر خان شىنۋىيان تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر قايسى خانلارنىڭ قۇرۇلتايغا كېلىشىنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭدىن خانلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇقىم چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق بولمىسا، ئۇلارنى خالىغان چاغدا چاقىرىپ كەلگىلى بولمايتتى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 4 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. ەۋەت
    2011-05-29 12:50 ھونزاد 

    ئۇسلۇبىڭىز چىرايلىق چىقىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن. لېكىن ئىنكاس تازسام خەتلىرى نورمال ئەمەس تۇرامدۇ قانداق؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. گىلەم
    2011-05-29 15:33 تۇران تېكىن 

    بۇ ئۇسلۇب ھەممە تور كۆرگۈلەردە دىگەندەك نورمال بولمايدىغان يەرلىرى بار ئىكەن. بارا-بارا ھەل قىلماقچى.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  3. يىكەنداز
    2011-05-31 08:20 پەرھات 

    ھون خاقانلىرىنىڭ شۇنداق سىپتا خان تياجلىرى ۋە قاشتاشلىرى بۇلىدىغان.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  4. دىۋان
    2011-06-02 11:37 تۇران تېكىن 

    توغرا دەيسىز، شۇنداق سىپتا، نەپىس بۇيۇملىرى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىمۇ يازما ئاخىرىغا قىستۇرۇپ قوياي.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter