ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

2011-05-27 4:01     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 15 – ماي دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نابىل ئەرەبىنى مۇسانىڭ ئورنىغا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقى....

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 15 – ماي دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نابىل ئەرەبىنى مۇسانىڭ ئورنىغا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا تەيىنلىدى.

ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، رايون ۋەزىيىتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ئىشلىرىدىكى رولى سىناققا دۇچ كېلىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان باش كاتىپنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىنى ئىسلاھ قىلىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئۈمىد بار.

بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن مۇسا 2001 – يىلى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بولغان. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئون يىلدىن بۇيان ئىچكى قىسىمنى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارا ۋە ئىتتىپاقنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئومۇمىي تەسىر كۈچى يەنىلا چەكلىك بولدى.

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئون يىلدىن بۇيان، رايون ئىشلىرىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىگە كۆپ ئېرىشەلمىدى؛ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى نىزامنامىسىنى ئىسلاھ قىلىش قەدىمى ئاستا بولدى؛ ئەزا دۆلەتلەر ئارا ۋە ئىتتىپاقنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچرىدى.

ئەرەبى ئەرەب دۆلەتلىرى پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

ھازىر لىۋىيە، يەمەن ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىستىقبالى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى لىۋىيە مەسىلىسىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىشنى قوللاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ قارارىنى دەستەك قىلىپ ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. يەمەن ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاشمىغان پوزىتسىيەدە بولدى. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىمۇ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ ئاشكارىلاندى.

روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەسكەر چىقىرىپ بەھرەيىننىڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، يەنە يەمەن كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇپ، رايون ئىشلىرىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى يېقىندا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىيوردانىيە بىلەن ماراكەشنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رايون ئىشلىرىدىكى رولىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئورنى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى، ئىيوردانىيە بىلەن ماراكەشنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا بولۇشى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

مىسىرنىڭ سىياسىي كۆزەتكۈچىسى نابىل زاكىر مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى رايون ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ۋەزىيىتى تېخىچە روشەن بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك باھالىشى كېرەك. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت، شۇڭا ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس.

مىسىر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئەرەب دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتا تىكلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قولغا كەلتۈردى. ئەسلىدە مىسىر كۆرسەتكەن سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇستافا فىجى قاتارنىڭ نامزاتى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاتتىياھنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلگەچكە، مىسىر ئاخىرقى پەيتتە ھازىرقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەرەبىنى كۆرسىتىپ مەقسىتىگە يەتتى.

سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، مىسىر دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ۋە ئىراننى يېتىم قالدۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ئاكتىپ ماسلاشقان ئىدى. مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىككى ئاي بولا – بولمايلا ئەمەلىي، جانلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىشقا تۈرتكە بولدى، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش جەھەتتە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەھلىلچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
    1. دىۋان
      2011-05-29 13:02 بىلىمدان 

      مىنىڭچە ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن

      بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

      [جاۋاب]

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter