ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەھمۇدىن خوجىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ھۆكۈمرانلىقى

مەھمۇدىن خوجىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ھۆكۈمرانلىقى

2012-07-27 2:32     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: موللا مۇسا سايرامى         ھۆرمەتلىك دوست ۋە بۇرادەرلەرنىڭ روشەن كۆڭۈللىرىدىن مەخپىي قالمىغايكى، بۇرھانىددىن خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجامنى ئۆز ئورنىدا ئۈچتۇرپاننىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۈچتۇرپانن....

موللا مۇسا سايرامى

 

      ھۆرمەتلىك دوست ۋە بۇرادەرلەرنىڭ روشەن كۆڭۈللىرىدىن مەخپىي قالمىغايكى، بۇرھانىددىن خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇدىن خوجامنى ئۆز ئورنىدا ئۈچتۇرپاننىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۈچتۇرپاننىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمى توختىبەگ ۋە كۇچالىق تەلەي دادخاھلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە قويدى.

     مەھمۇدىن خوجام ئۈچتۇرپان ھۆكۈمىتىنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن «ئىسلام ئۆتكەن ئىشلارنى تەكرارلىمايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ئىلگىرىكى مەنسەپدار، زالىم ئەمەلدارلارنىڭ قائىدىلىرىنى يوق قىلدى. خاھى پادىشاھلىق قائىدىسى، خاھى يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىدا شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە ئىش ئېلىپ باردى. ئۈچ يىل بىر ئاي ئۆتكۈچە ھېچكىم دەخلى قىلالمىدى. مەھمۇدىن خوجام ھەممە خوجاملاردىن ياشتا كىچىك بولسىمۇ، پەم-پاراسەتتە، ئىلىم-دىيانەتتە ۋە پەزلى-كامالەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى. ئۈچتۇرپاندا ئۇزۇندىن بېرى كاپىرلارنىڭ قائىدە-قانۇنى، زالىم بەگلەرنىڭ رەسىم-يوسۇنلىرى جارى بولۇپ، «سۆھبەتدىشىڭ قانداق بولسا سەنمۇ شۇنداق بولىسەن» دېگەندەك، ئەل ئارىسىدا يامان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ، ياخشى بىلەن يامان پەرقلەندۈرۈلمىگەنىدى. مەھمۇدىن خوجام خالايىقنىڭ قەلبىگە ئورنىشىپ كەتكەن يامان ئىشلارنى تازىلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيغەمىبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى تىكىپ ئولتۇرغۇزۇپ، سىياسەت شەمشىرىنىڭ سۇ ۋە تۇپرىقى بىلەن پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتىپ، گۈل-گۈلىستان قىلدى. دېمەك، «جەننەت قىلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا» دېگەن ھەدىسنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. شەھەر-سەھرالاردىكى مەسجىدلەرگە ئىمام، مەزىن تەيىنلەپ، بەش ۋاق نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلدۇردى. ئىسلام شەرىئەتلىرىنى كىتاب ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى، ساھابىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە مۇۋاپىق جارى قىلىپ، ھېچقانداق كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلمىدى. ھەتتا قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، تۇخۇمباز قاتارلىق ھەممە يامان ئىش قىلغۇچىلارنى مەنئى قىلىپ يوقاتتى. ئەمما ئۆزى شەترەنجى (شاھمات) باز ئىدى. ھەر بىر ئىشنى شەرىئەت ھۆكۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ خاھىشى، رايى بويىچە ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن چوڭ-كىچىك ھەممە ئۇنىڭدىن رازى ۋە خۇشال ئىدى.

     مەن كەمىنە مۇئەللىپ (ئاپتور) مەھمۇدىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ- قوپۇشتا دائىم بىللە بولىدىغان سىردىشى ۋە ئۈلپەتدىشى ئىدىم. خاھى ئۆلىما، خاھى پازىل، خاھى ھاكىم، خاھى دادخاھ  بولسۇن، مېنىڭ مەسلىھىتىمسىز بىر ئىش قىلالمايتتى. چۈنكى، مەن كۇچادا مەھمۇدىن خوجام بىلەن بىر مەدرىسە، بىر ھۇجرىدا يەتتە-سەككىز يىل بىللە يېتىپ قوپقان ھەم قۇرداش  ھەم ساۋاقداش ئىدىم.

     شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچتۇرپانلىق باي مۇھەممەد قازىبەگ مېنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلدى ھەم:

     – ئىپتار قىلىپ بولۇپ، قونۇپ ئەتىسى قايتىپ كەتسىلە، پادىشاھتىنمۇ شۇنداق رۇخسەت ئالسىلا، ― دەپ تەكىتلىدى.

     باي مۇھەممەد قازىبەگنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھتىن رۇخسەتسىز بىرەر كېچە باشقا يەردە قونۇپ قالالمايتتىم. بۇنىڭ سەۋەبى پادىشاھلىق ئوردىدا بەش ۋاق نامازغا ئىمام، جۈمە نامىزىغا خېتىپ ئىدىم. پادىشاھنىڭ ھەممە مەخپىي گەپ-سۆز، خەت-ئالاقىلىرىگە سىرداش ئىدىم. ئوردىغا كىرىدىغان توققۇز قاراۋۇل (پوس) غا مەن مەسئۇل ئىدىم. مېنىڭ رۇخستىمسىز ھېچقانداق كىشى قاراۋۇلدىن ئۆتەلمەيتتى.

     مەھمۇدىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندا مۆھۈر ئويدۇرۇش لازىم بولۇپ، مۆھۈرگە ئويىدىغان سۆزنى ھەركىم ھەر نەرسە دەپ «سەجئى»  قىلدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ:

     يافەت ئىززەت زى ھەزرىتى مەئبۇد،

     ئىبنى بۇرھانىددىن خوجا مەھمۇد.

     دەپ «سەجئى» قىلدىم. ئاخىر يازغىنىم ياراپ قېلىپ قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مېنى مۆھۈر ئويدۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. مەن مۆھۈر ئويغۇچىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئويدۇرۇپ تەييار قىلدىم. مېنىڭ بۇ خىزمىتىم ناھايىتى ئەرزىگەنلىكتىن مەھمۇدىن خوجا تولىمۇ خۇرسەن ۋە خۇشال بولدى. مېنى مۆھۈردار، يەنى مۆھۈر تۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەپ مۆھۈرنى ماڭا تاپشۇردى. ھەر قانداق يارلىق، ئەمر-پەرمان، قانۇن-دەستەكلەرنى ماڭا تاپشۇراتتى. مەن مۆھۈر باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولاتتى.

     خىتايلاردىن ئولجىغا ئالغان بۇغداي ئامبىرى، ئۇن ئامبىرى، ئارپا ئامبىرى قاتارلىق ئۈچ خىل ئاشلىق ئامبىرىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇرغانىدى. بۇ ئاشلىقلارنى ئوردىنىڭ مەخسۇس ئالىي ئاشخانىسى، ئاتخانىسى ۋە خاس خىزمەتچى مەھرەملەرنىڭ ئاتلىرىغا ئىشلىتەتتى. مەن ئۆز ئورنۇمدا ئاشلىق ئامبارلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىنىم مۇھەممەد خەلىپىنى قويدۇم. ئەمما ھەممە نەرسىنى بەلگىلىمە، ئۆلچەم، بۇيرۇق بىلەن سەرپ قىلاتتى. مەخسۇس ئالىي ئاشخانىغا لازىم بولىدىغان گۆش-ياغ، گۈرۈچ، سەۋزە-پىياز، چاي-تۇز، ئوتۇن قاتارلىقلارغا ئامباردىكى ئاشلىقنى سېتىپ خىراجەت قىلاتتى. ئامباردىكى ئاشلىقلار شۇ قەدەر تولا ئىدىكى، ئىككى يىلدىن كېيىن كىرىپ قاراپ باقسام، تۆت ھەسسىنىڭ بىر ھەسسىسىمۇ تۈگىمەپتۇ. ئۆزۈمگە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تاشقىرى بىر سەر ئاشلىقنىمۇ ئارتۇق ئالمىدىم. ئىنىم مۇھەممەد خەلىپە بىلەن بىر ھويلىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن، بەزى چاغلاردا چىراغ يېغى ياكى شام لازىم بولۇپ قالسا، بازار نەرخى ھېسابلاپ پۇل بېرىپ ئالاتتىم. ئاشخانا ۋە ئاتخانىلارغىمۇ ئۆلچەمدىن تاشقىرى كەڭرى ئىشلەتمىدۇق ياكى سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىمىزغا سالمىدۇق. بۇ مېنىڭ پەرھىزكار ۋە تەقۋادارلىقىمدىن بولغان ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنساپ، ئېھتىيات ۋە دىيانىتىمدىن بولدى. يەنە توققۇز ئامباردا لىقمۇ لىق ئاشلىق بار ئىدى. بۇلار كېيىن ئاتىلىق  غازىنىڭ قولىغا چۈشتى.

     دېمەك، مەن مەھمۇدىن خوجىدىن مۇھەممەد قازىبەگنىڭ دېگىنىدەك رۇخسەت ئېلىپ ئىپتارغا باردىم. كەڭرى نازۇنېمەتلەر بىلەن ئىپتار قىلىپ ئاندىن ناماز تەراۋىسىنى ئادا قىلدۇق. تەراۋىدىن يېنىپ مەخسۇس ھازىرلانغان مېھمانخانىغا كىردۇق. كۆڭلۈنى مەپتۇن قىلىدىغان نەغمە-ساز، ناخشا-ناۋا بىلەن مەشرەپ بولدى. مەشرەپ ۋە مېھماندارچىلىق قائىدىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بەجا كەلتۈردى. ۋاقىت يېرىم كېچە بولغاندا يالغۇز مېنى چاقىرىپ يەنە بىر خاس مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى. بۇ ئۆيدە ئۈچتۇرپاننىڭ كونا بەگلىرىدىن قۇربان خەزىنىچى بەگ، موللا ئىمىن شەيخ ۋە موللا تۆرە، مېھمانبەگ باشلىق 15كە يېقىن كىشىلەر ئولتۇرغانىكەن. مەن كىرگەندىن كېيىن يەنە زىياپەت قائىدىلىرى تەلتۆكۈس ئادا قىلىنغاندىن كېيىن يۇرت ئۇلۇغلىرى مۇنداق دېدى: «بۇرھانىددىن خوجامنىڭ كۆڭلى يۇمشاق ياخشى كىشى. ھامىددىن خوجام بولسا ناھايىتى غەيرەتلىك، غەزىپى زىيادە، ئاچچىقى يامان كىشى ئىكەن. مەھمۇدىن خوجام ھازىر ناھايىتى ياخشى سوراۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن چوڭ-كىچىك، ھەممە خەلق رازى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرھانىددىن خوجام، ھامىددىن خوجاملار يۇرتدارچىلىق ئىشىغا ئارىلاشماي تىنچ يېتىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانسا، مەھمۇددىن خوجام ھۆكۈمرانلىق ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ. مۇبادا خوجاملارنىڭ ھەممىسى يۇرتدارچىلىق ئىشىغا ئارىلىشىپ دەخلى قىلسا ئوبدان بولمايدۇ. بىزنىڭ شۇ ئىلتىماسىمىزنى ئۆزلىرى يەتكۈزۈپ ماقۇل قىلىپ، توختام قىلىپ بەرسىلە، بىز ناھايىتى خۇرسەن بولىمىز. ئەگەر بۇ ئىلتىماسىمىز ماقۇل كۆرۈلمىسە، ئىش يامان بولىدۇ، ۋەسسالام» دەپ گەپنى تۈگەتتى.

     ئەتىسى، مەن قايتىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ غەرەز-مۇددىئاسىنى مەھمۇدىن خوجامغا بىر-بىرلەپ ئىزھار قىلىپ يەتكۈزدۈم. مەھمۇدىن خوجام «بۇ گەپنى مەيلى دادام، مەيلى ئاكامغا مەلۇم قىلمىسىلا، ئۆزۈم يولى بىلەن ئېيتىپ ماقۇل قىلىمەن»، دېدى. ئۇنىڭغىچە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. تۆتىنچى كۈنى كېچىسى بولغاندا ئۈچتۇرپان خەلقى قوزغىلىپ قارا كالتەك بولۇپ مەھمۇدىن خوجامغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ مازار تېرەك دېگەن جايغا توپلاندى. بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇرھانىددىن خوجام موللا توختى مۆھتېسىپ دېگەن كىشىنى، مەھمۇدىن خوجام مېنى (ئاپتورنىڭ ئۆزىنى) ئەلچىلىككە تايىن قىلدى. ئەتىسى ئىككىمىز ئەلچىلىك سۈپىتىدە شەھەردىن چىقىپ كۈن چىققان چاغدا مازار تېرەككە يېتىپ باردۇق. يىراق-يېقىندىكى خالايىق بىرلىشىپ مەھمۇدىن خوجىدىن يۈز ئۆرۈپ مىرزاجان ھەزرەت دېگەن كىشىنى ئۆزلىرىگە ئۇلۇغ قىلىپ سايلاپتۇ.

     ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار بىزنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئەلچىلىك سۈپىتىدە تۇرۇپ ئېيتتۇقكى:

     – خوجاملار، كىچىك-چوڭ يۇرت ئەھلى بۇ خىل سۆز-ھەرىكىتىدىن يانسۇن، يۇرتدارچىلىققا قايسى ئىش توغرا بولمىغان بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىلاجىنى قىلايلى. ئەگەر كۆڭلى ئاغرىغان بولسا، تون كىيدۈرۈپ، چاي قۇيۇپ كۆڭلىنى ئالايلى، دەپ بىزنى چىقاردى، ― دېدۇق. بىزنىڭ بۇ گېپىمىزنى ئاڭلاپ مىرزاجان ھەزرەت باشلىق كاتتىلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرغانلىرىدا، ئىمىن شەيخ قوپۇپ:

     – قىرغىز، قازاقلارمۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ئۆزى سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ قىرغىز، قازاقلاردىن قالغۇچىلىكىمىز يوق. ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنى ئۆزىمىز سورىساق نېمە بوپتۇ. خوجاملار ھەر قانچە جاپا-مۇشەققەت تارتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى قولىغا تەگدى. ياراق-جابدۇقتىن باشقا ھەر قانداق نەرسىلىرى بولسا ئۆزلىرى ئېلىپ كەتسە، ئات-ئۇلاغ تەييارلاپ يولغا سالساق، ئەگەر مۇنداق بولمايدىكەن كىيگەن تونىمىز كېپەن، ئىچىدىغان چېيىمىز ئەجەل شەربىتى بولىدۇ، سۆز تامام، ― دېدى. شۇنىڭ بىلەن موللا توختى مۆھتېسىپكە بىر ئادەم قوشۇپ شەھەرگە كىرگۈزدى. مېنى كىرگۈزگەن ئادىمىنىڭ ئورنىغا بارىمتاي قىلىپ تۇتۇپ قالدى. شۇ كۈنى جۈمە كۈنى بولۇپ، توپلانغان قوزغىلاڭچىلار مازار تېرەكتىكى مەسجىدتە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن مىرازاجان ھەزرەتنى ئاق كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرىگە پادىشاھ تىكلەپ، يىغا-زار بىلەن شەھەر تەرەپكە قاراپ راۋان بولدى. ئەمما ئاق كىگىز ئۈستىدىن مىرزاجان ھەزرەت يىقىلىپ چۈشتى، نەسلىك باشلاندى. شۇ ماڭغىنىچە بېرىپ بىر دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ يەنە بىر دەرۋازىغە بارغۇچە ھامىددىن خوجا توپ-زەمبىرەك ئېتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر مۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ دەرۋازىنى ئېتىۋالدى ۋە سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئېتىپ ھېچ كىشىنى يېقىن كەلتۈرمىدى. قوزغىلاڭچىلار مېنى بىر ئۆيگە قاماپ قويۇپ بىر نەچچە كىشىنى ساقلاشقا قويدى. قوزغىلاڭچىلار بەش كېچە-كۈندۈز پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ شەھەرنى ئالالمىدى. نۇرغۇن ئادەم زايە بولدى. يەتتىنچى كېچىسى بولغاندا مىرزاجان ھەزرەت مېنى قاماپ قويغان ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۈچتۇرپاننىڭ ۋە قىرغىزلارنىڭ چوڭ-كىچىك بەگلىرى، تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئالدىدا:

     – ئۆزلىرى بىز تەرەپكە خوجامنىڭ ئەلچىسى بولۇپ چىققان، ئەمدى بىز تەرەپتىن خوجامغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ ئىككى تەرەپنى ئەپلەشتۈرۈپ قويسىلا. يۇرت ئەھلىگە مەن پەند-نەسىھەت قىلدىم. ئىلگىرىكىدەك خوجاملار پادىشاھ، بىز يۇرت ئەھلى پۇقرا بولىدىغان بولدۇق، ― دېدى.

     مېنىڭ مىنىپ چىققان ئېتىمنى سابىت يۈز بېگى ئولجا قىلىۋالغانىكەن. تېپىپ چىقىپ قايتۇرۇپ بەردى. مېنىڭ كەينىمدىن خوجاملار سەمەرقەندلىك موللا قەلەندەر ئاخۇن دېگەن مۆتىۋەر كىشىنى ئەلچى قىلىپ چىقارغانىكەن. ئۇ كىشىمۇ مېنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە قاماپ قويۇلغانىدى. ئۇنىمۇ سوراپ ئېلىپ ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ شەھەرگە قايتتىم. بىزگە قوزغىلاڭچىلارنىڭ دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن تۆت بەگنى قوشقانىدى. ئەسلىدە تۇمشۇق تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كەتمەكچىدى. تۇمشۇق تاغقا كەلگەندىن كېيىن قوشۇلۇپ كەلگەن بەگلەردىن نورۇزبەگ مىڭ بېگى قۇلىقىمغا ئاستا مۇنداق دېدى: «مېنى پالاكەت بېسىپ بۇلارغا قوشۇلۇپ قاپتىمەن. ئۆزلىرى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كەتسەم زايە قىلىۋېتەرمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن دەرھال ئەھۋالنى مۆلچەرلەپ ئاشكارىلاپ:

     – مېنىڭ بىلەن شەھەرگە بىللە كىرسىلە، ھەر قانداق شارائىتتا قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن، بۇ توغرىدا مەن كېپىل، ― دېدىم. باشقا بەگلەرمۇ ئاڭلاپ:

     – بىزمۇ بىللە كىرسەك، ― دېيىشتى. ئۇلارغىمۇ كېپىل بولۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىردىم.

     ئۈچ دەرۋازىغا ئۈچ خوجام مۇئەككەل ئىكەن. مەن ھامىددىن خوجام بار دەرۋازا بىلەن كىردىم. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدىم. ھامىددىن خوجام ناھايىتى خۇشال ۋە مىننەتدار بولۇپ سەللە-كۇلاھ، تون-سەرۇپاي ئىنئام قىلدى. موللا قەلەندەر ئاخۇن باشلىق بەگلەرنى ئېلىپ كىرىشكە ئادەم بۇيرۇدى. شۇ ئەسنادا بىر كىشى كېلىپ مېنى بۇرھانىددىن خوجامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. ئەھۋالنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغىنىمدىن كېيىن، ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ، كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى. چۈنكى شۇ كۈنلەردە خوجاملار قورشاۋدا قېلىپ، تاقەتلىرى تاق بولۇپ، شەھەردىن قېچىپ كېتىدىغاننىڭ ئىلاجىنى تاپالماي ھەم قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي كېلىدىغان بالا-قازاغا رازى بولۇپ تۇرۇشقانىكەن.

     شۇ كۈنى ئىپتارغا يېقىن ھامىددىن خوجام توپ-زەمبىرەك بىلەن يىگىت-سەركەردىلىرىنى باشلاپ مازار تېرەككە بېرىپ، مىرزاجان ھەزرەتنىڭ ھويلىسىنى قورشىۋېلىپ ئىككى تەرەپتىن زەمبىرەككە تۇتتى. قوزغىلاڭچىلار ئىپتار بىلەن بولۇپ خەۋەرسىز قالغاچقا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، مىرزاجان ھەزرەتنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ شەھەرگە ئېلىپ كىردى. شۇ كېچىسى مەيلى ياخشى، مەيلى ياماننى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈردى. ئۈچتۇرپاننىڭ بۇرۇنقى ھاكىمى توختىبەگ، ئىنىسى ئاقبەگ، باي مۇھەممەد قازى، قۇربان خەزىنىچى باشلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر كىشىلەر تىرىك قولغا چۈشتى. قىرغىز بەگلىرى باشلىق بىر مۇنچە كىشىلەر قەشقەرگە كەتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يولدا قىرغىزلار تالان-تاراج قىلىپ يوق قىلدى. بەزىلىرى سوغۇقتا توڭلاپ نابۇت بولدى. ئىمىن شەيخ باشلىق بىر مۇنچە ئادەملەر ئىلى تەرەپكە قېچىپ بېرىپ چۆل-جەزىرىلەردە ھالاك بولدى. ئاتا-بالىدىن، بالا-ئاتىدىن خەۋەرسىز گويا قىيامەت بولغاندەك ھەممە ئۆز ھالى بىلەن ۋەيران ۋە سەرگەردان بولدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 2000 دىن زىيادە دەپ ھېسابقا ئېلىشتى. بۇنىڭدىن باشقا تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ چۆل-باياۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ ھېسابى يوق.

     خوجاملار ئۈچتۇرپان شەھىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلەرنىڭ ھاراقخانىنىڭ ھاراق قاينىتىدىغان چوڭ قازىنى ئولجا چۈشكەنىدى. بۇ قازاننى خوجاملار قۇتلۇق مازارغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەنىدى. قوزغىلاڭچىلار بۇ قازاننى مىرزاجان ھەزرەتنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ بېرىپ غىزا قىلىپ يېيىشكەنىكەن. ھامىددىن خوجام كېلىپ زەمبىرەككە ئوت ياققان چاغدا، بۇ قازاندىن ئۇماچ ئۇسۇپ بېرىۋاتقان ئىككى كىشى قازانغا چۈشۈپ كېتىپ ئۇماچقا مىلىنىپ ھالاك بولۇپتۇ.

     ھامىددىن خوجام، قوزغىلاڭچىلاردىن تىرىك قولغا چۈشكەنلەرنى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىپ، ھەر كېچىسى ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلاتقۇزدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەتتە قۇدۇق ئادەم ئۆلۈكى بىلەن لىقمۇلىق تولدى. ئاغزىنى كۆمدۈرۈۋەتتى.

     دېمەك، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بېشىغا بۇ ئالەمدە بولىدىغان بالا-قازا، ئازاب- ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسى كەلدى. بۇنى بىر-بىرلەپ بايان قىلسام، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن.

     بۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ مۇنداق ھالاكەتلەرگە دۇچار بولۇشىدا سەۋەب بار ئىدى. سەۋەبسىز بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەب شۇكى: ئۈچتۇرپان ئەھلى ناھايىتى ئېتىقادلىق مۇسۇلمان، شەرىئەت ھۆكمىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان بولسىمۇ، يەنە غەلىتە ئېتىقادتىكى كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى كەبىرۇيە سۈلۈكىدە دېسە، يەنە بەزىلىرى ئىسھاقىيە، نىمىتىيە، رەبۇدىيە، دۇۋانىيە  سۈلۈكىدە بىز دەپ خىلمۇخىل سۈلۈكلەرنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشەتتى. ھەتتا بەزىلىرى غوجاملارغا بولغان ئىخلاسلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇپ «ئاللاھ خوجام» دەپ تەڭرى بىلەن خوجاملارنىڭ ئارىسىغا ھېچقانداق كىشىنى سىغدۇرمايتتى. خوجاملار يېڭى بارغان چاغدا «بىز تەلەپ قىلغان كۆڭلىمىزدىكى خوجىمىز مۇشۇ» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالغانىدى. ئەمما خوجاملار ھەممە خالايىق ئوخشاش پۇقرا دەپ قاراپ، ئۇلارغا باشقىچە كۆزقاراشتا بولمىدى. بۇ گۇرۇھ مۇشۇ توغرىدىن ئاغرىنىپ:

     – بىز دېگەن خوجا بۇ ئەمەسكەن، ― دەپ ئاخىر يۈز ئۆرۈدى. باشقىلار ئۇلاردىن:

     – «ئاللاھ خوجام» دەپ ئاتايدىكەنسىزلەر، زادى ئىسمى نېمە؟ ― دەپ سورىغاندا، ئۇلارنىڭ خەلىپە ۋە ماشايىخلىرى:

     – بىز خوجامنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى ئاغزىمىزغا ئالالمايمىز. ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ ئاللاھ خوجام، دەپ كەلگەنىكەن، بىزمۇ ئاللاھ خوجام دېسەك خوجاملار ئۆزى تېپىۋالىدۇ. بىز تېخى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان، ― دېگەنىدى.

     سوپى ئاللايار ئۆزىنىڭ «سۇباتىل ئاجىزىن» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان:

     بولۇپتۇر ھەم تەقى بىر پىرقە پەيدا،

     ئاتى مۇئمىن ۋەلى نەپسىگە شەيدا.

     يىغارلەر پارەئى بوينى يوغاننى،

     سالۇرلەر ئوتراغە قىزۇ-جۇۋاننى.

     ئالىپ بارسا كىشى ئەھلى ئايالىن،

     كۆتەرۇر بىھىممەتلىك ۋەبالىن.

     ھارام ئىشنى كى تائەت بىلسە ئىنسان،

     ئېرۇر بول ئېتىقادى نا مۇسۇلمان.

     بۇ ئەيغان پىرقە كىم زال مەسەلدۇر،

     شەرىئەت ئەھلى بۇ ئەلدىن خىجىلدۇر.

     بۇ شېئىر مۇشۇلارنىڭ شەنىگە لايىقتۇر.

     يەنە بىر سەۋەب، بۇ گۇرۇھتىكى كىشىلەر، ئەر-خوتۇن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، يوغان قازانغا جىق كۆكچاي سېلىپ، نەچچە قاچا-تاۋاقلاردا قايماقنى قۇيۇپ قاينىتىدىكەن. ئىناۋەتلىك مۆتىۋەر ئادەمدىن بىرىنى ئۇسۇپ بېرىشكە تەيىن قىلىدىكەن. ئۇ كىشى غۇسۇل تەرەت ئېلىپ چۆمۈچنى تۇتۇپ قاچا-قاچىلارغا ئۇسۇپ تەۋەررۈك-تەۋەررۈك دەپ بېرىدىكەن. باشقىلار تەزىم-تەۋەززۇ بىلەن ئېلىپ ئىچىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نەغمە باشلىنىپ ئەر-خوتۇن ئۇسسۇلغا چۈشىدىكەن. گاھى يىقىلىپ، گاھى قوپۇپ، مەست ۋە بىھوش بولۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ ھۇزۇر قىلىشىدىكەن. بۇلار «ھۇزۇرۇم» دەپ بىر مۇقام ئىختىرا قىلغانىكەن. (سازەندىلەر ھازىرمۇ بەزى يىغىلىشلاردا «ھۇزۇرۇم» مۇقامىغا ئوينايدۇ)

     شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇلار ھوشلىرىغا كەلگەن بولۇپ «ئۇھ» تارتىشىپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ئولتۇرۇشىدىكەن. مۇنداق قىلىقنى «كەبىرۇيە سۈلۈكى» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ پۈتۈنلەي شەرىئەتكە خىلاپ ھەرىكەت.

     بىر كۈنى بۇ گۇرۇھنىڭ ئۇلۇغ خەلىپىسى خوجاملارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ تەۋەررۈك كۆكچاي تىلەپ ئالغاندىن كېيىن:

     بىزگە دۇئا قىلىپ بەرگىلى ئۆزلىرىدىن بىر ئادەم تىلەيمىز، ― دەپ ئىلتىجا قىلدى.

     خوجاملار مەن كەمىنە يازغۇچىنى بۇيرۇدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈستىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاۋۋال باشلاپ خوتۇنلار بىلەن ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ:

     – تەۋەررۈك قىلىپ باشلاپ بەرسىلە، ― دەپ ئىلتىماس قىلدى.

     – مەن تېخى ياش، ― دەپ ئۆزرە ئېيتىپ، بىر پېشقەدەم كىشىنى ئۆز ئورنۇمدا تەكلىپ قىلدىم. سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇلار «ئۆزلىرى بىزنىڭ سۈلۈكىمىز بىلەن كەم شۇغۇللانغاندەك تۇرىلا» دېۋىدى، مەن: «ھازىر مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەت سۈلۈكلىرىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم. ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ سۈلۈكىڭلارغا ئىشتىراك قىلساممىكىن» دەپ جاۋاب بەردىم.

     خوجاملار مېنى بىلمەستىن سۈلۈكلىرىنى ئىزھار قىلغانىكەن ھەم ئۇقۇشماي تەۋەررۈك چايلىرىغا باشلاپ چىققانىكەن. بىزنى ئۆز سۈلۈكىدە دەپ گۇمان قىلغانلىرىغا كېيىن پۇشايمان قىلىشتى، ئەمما پايدىسى بولمىدى.

     شەرىئەتنىڭ ھىمايىچىسى بولغان غوجام پادىشاھ بۇ گۇرۇھتىكىلەرنىڭ نا توغرا يولىنى توغرا يول دەپ تونۇپ، بىدئەتنى سۈننەتتىن پەرقلەندۈرمىگەنلىكىنى بىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەرىئەتلىرىگە تەتبىقلاپ مەشھۇر ئۆلىمالاردىن پەتىۋا  ئېلىپ، پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى خالايىققا ئېلان قىلدى ۋە جاكار قىلىپ «ھەممە ئىشتا نەسىھەت ۋە توغرىلىقنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى دىن دېمەكتۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ياخشى سۆز، شېرىن گەپلەر بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى. يەنە بىگانە ئەر-خوتۇنلار بىر يەرگە يىغىلىپ سۆھبەت قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ، چاقىرتىپ كېلىپ شەرىئەت قامچىسى بىلەن دەررە ئۇرۇپ قاتتىق جازالىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ئاداۋەت تۇخۇمىنى تېرىپ، خۇسۇمەت تىكىنىنى چاچتى. دۈشمەنلىك ئاداۋىتى ئۆرلەپ ئالىتوپىلاڭ كۆتۈردى. ئاقىۋىتى جەڭ-جېدەلگە ئايلاندى. كۆيۈپ تۇرغان چىراغقا پەرۋانە ئۆزىنى ئۇرغاندەك ئۆزىنى ئۇرۇپ ھالاك بولۇپ تۈگەشتى.

     نەزم:

     چىراغىنكى ھەق ياندۇردى قويدى،

     كىشىكىم «پۈف» دېدى ساقالى كۆيدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ