ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۇران تېكىن مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىدە

تۇران تېكىن مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىدە

2012-07-22 5:30     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئويتاغدىكى ساياھەتنى تۈگۈتۈپ، كەچتە قەشقەر شەھرىگە قايتىپ كىرىپ ئارام ئالدۇق. ئەسلىدە ئويتاغدىن قايتاشىمىزدا، مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنىمۇ زىيارەت قىلماقچى ئىدۇق. بىراق تاغ....

     7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئويتاغدىكى ساياھەتنى تۈگۈتۈپ، كەچتە قەشقەر شەھرىگە قايتىپ كىرىپ ئارام ئالدۇق. ئەسلىدە ئويتاغدىن قايتاشىمىزدا، مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنىمۇ زىيارەت قىلماقچى ئىدۇق. بىراق تاغدا يۈرۈپ بىراز چارچاپ قالغان ھەم كەچ بۇلاي دەپ قالغان بولغاچقا ئۇدۇللا شەھەرگە كىرىپ كەتتۇق. ئەتىسى يەنى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئەتتىگەندە غىزالىنىۋېلىپ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى كۆرۈۋېلىپ، ئوپالغا يەنى مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىگە يۈرۈپ كەتتۇق.

     بۇندىن 25 يىل ئىلگىرى مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى يېڭىدىن ئېچىلغاندا بىر چىققان ئىدىم. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى چىقماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىمىزدا، بىر قىسىم كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىگە چىقماسلىقنى، ئۇ يەرنىڭ ھازىر بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ھاراقكەشلەرنىڭ، ھاياسىزلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئىچىم ئاچچىق ھالدا مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش نىيىتىدىن يانغان ئىدىم.

     ئەجىبا جاھان شۇنداق كىتىۋىرەرمۇ؟ يەنە بىر قانچە يىل ئۆتتى، زىيارەت ئىستىكى يەنە قوزغالدى. ئەمما پاقەتلا پۇرسەت بولمىدى. مانا ئەمدى پۇرسەتمۇ كەلدى. باللىرىمنى ئېلىپ، مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغىلى باردىم. كىچىك قىزىمغا يېرىم بىلەت، قالغانلىرىمىز پۈتۈن بىلەت ئېلىپ مەقبەرە دائىرىسىگە كىردۇق. ئۆزگىرىش كۆپ ئىكەن. لېكىن مىنىڭچە مەبلەغ يەنە يىتەرلىك سېلىنماپتۇ.

     بىز ئاۋال قايسى جايدىن باشلاپ زىيارەت قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدۇق. مەقبەرە دائىرىسىگە كىرىپ، مەقبەرىنىڭ قايەردىلىكىنى سۇراشتىن خىجىل بولدۇم. شۇنداق قىلىپ يول تاختىلىرىدىكى بەلگە ۋە خەتلەرگە ئاساسەن نەگە بارغانلىقىمىزنى ۋە نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق. مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى، ھاي-ھاي تېرەك، ئەجدىھار غارى ….. ھەممىگە باردۇق. مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىگە كىرگەندە بىزنى بىراز سۈر باستى. بىزدىن باشقا كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئالدىمىزدا ئىككى ئەر، ئىككى ئايال مويسىپىت كىشىلەر بار ئىدى. ئىككى ئەرنىڭ بىرى ياشقا خېلى چوڭراق ئىدى. ئۇلار بىر بىرىنى يۆلىشىپ مېڭىشتى. ئىتىكاپخانا، تىلاۋەتخانا …. قاتارلىق جايلارنى بىردىن ئايلىنىپ چىقتۇق. تىلاۋەتخانىغا كىرگەندە ھېلىقى تۆت نەپەر كىشى ئولتۇرۇشۇپ تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى. بىزنى تېخىمۇ سۈر بېسىشقا باشلىدى. نىمە ئىشلىكىنى بىلمىدىم، قارىسام كۆزلىرىم ياشقا نەمدىلىپ كىتىپتۇ. باللىرىم ئارقامدا ئىدى، مەن چاندۇرماي ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئارقامغا قارىسام باللىرىممۇ مەندىن بەكرەك ياشلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ. بىر بىرىمىزگە قارىشىپ ئۈن – تۈنسىز ئورنىمىزدىن تۇرۇشۇپ سىرتقا مېڭىشتۇق.

     ئايلىنىپ يۈرۈپ ھاي – ھاي تېرەك قېشىغا كىلىپ قاپتۇق. يەنە ھېلىقى تۆت مويسىپىتمۇ بار. بىرگە ئايلاندۇق. ھاي – ھاي تېرەكنى كۆرۈپ شۇنداق ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. 25 يىل ئىلگىرىكى ھالىتى پەقەتلا يوق. ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇلاقنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ھاي – ھاي تېرەك قاشالانغان بۇلۇپ، بۇ قاشا ئىچىنىڭ شەرق يان تەرىپىدە يەنە بىر جۈپ تېرەك بار ئىكەن. يىلتىزى بىر، ئەمما يەر ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرىدىكەن. مۇشۇ ئايرىلغان جايىدىن بىر نەرسە ئېقىپ چىقىپ، بىر كۇۋادراتمىتىر ئەتراپىدا يەردە يېيىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ يا دەرەخ يىلىمىغا ئوخشىمايدۇ، يا سۇغا ئوخشىمايدۇ. ئېقىپ چىققان نەرسىنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل، بەزى جايلىرىنىڭ رەڭگى قارا قىزىلغا، بەزى جايلىرىنىڭ رەڭگى ئاچ قىزىلغا، بەزى جايلىرىنىڭ رەڭگى سۇس پو رەڭگە ئوخشايدىكەن. بۇ يەرگە كەلگەندە ھېلىقى مويسىپىتنىڭ ياشقا چوڭراقى: «مانا بۇ ھاي – ھاي تېرەكنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ كۆز يېشى» دىمەسمۇ، كۆڭلۈم يەنە بىر قىسما بۇلۇپ قالدى.

     خۇلاسە: قانداقلا بولمىسۇن پەرزەنتلىرىمنى ئېلىپ چىقىپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەقبەرىسىنى كۆرسىتىپ، ئاز – تولا ئىش ئۈگىتەلىگىنىمدىن مەمنۇنمەن.

 

مەھمۇد كاشغەرى ھەيكىلى

 

مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى

 

ھاي – ھاي تېرەك

 

ھاي -ھاي تېرەك رىۋايىتى

  

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter