ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2012-08-02 4:43     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ  تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز    جاڭ چۈنشيەن  (2012–يىل 6 –ئاينىڭ 30 –كۈنى)        يولداشلار:      «1-ئىيۇل›› ھارپىسىدا، ئاپتونوم را....

ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ

 تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

  

جاڭ چۈنشيەن

 (2012–يىل 6 –ئاينىڭ 30 –كۈنى)

 

     يولداشلار:

     «1-ئىيۇل›› ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزلىرى ۋە ئىلغار، مۇنەۋۋەر لەردىن بولۇش پائالىيىتىدىكى ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق ئىلغار پارتكوملارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

     پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر.

     6- ئاينىڭ 28 – كۈنى يولداش شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ئۈستۈنلۈكى، سىياسىي ئۈستۈنلۈكى، تەشكىلىي ئۈستۈنلۈكى، تۈزۈم ئۈستۈنلۈكى ۋە ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا چۈشۈرگەن يېڭى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

      مەن تۆۋەندە بىر قانچە پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

 

1. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى

 ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك

 ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى.

 

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىلمىي ھالقىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىدى.

     بىرىنچى، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش››، ‹‹بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› قاتارلىق تەرەققىيات ئىدىيەلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سۇبيېكتلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىدە پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم – ئايرىم 500 مىليارد يۈەن ۋە 600 مىليارد يۈەنلىك يېڭى سەۋىيەگە يېتىپ، ئۇدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتۇق. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدا تارىخي يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتۇق؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى؛ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتۇق؛ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى ۋە يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى (جامائەت مالىيەسى خامچوت كىرىمى) ئىككى يىلدا بىر ھەسسىگە يېقىن قاتلاندى؛ شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛ 2011 – يىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن كىرىپ – چىققان ساياھەتچى 11 مىليون80 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەتبويىچە ئايروپورتتىن كىرىپ – چىققان يولۇچى سانى 10 مىليوندىن ئاشقان 17 – ئايروپورت بولۇپ قالدى. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى ھالقىما تەرەققىي قىلىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

     ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹جان تومۇر›› دېگەن ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش›› قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەشتۈردۇق. شنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاممىۋى ئاساس، ئىجتىمائىي ئاساسىدا پائال ئۆزگىرىش بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش›› تەك شىنجاڭچە روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك، بىرىككەن، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ پەرققە ھۆرمەت قىلىشى، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇشى، بىر – بىرىدىن بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەڭ زور چەكتە ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹تۆتنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتتۇق. ‹‹ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولۇش›› پىرىنسىپى بويىچە بىرگە بىر سۆزلىشىش، يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىش، سىردىشىش ئۇسۇللىرىئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان ئۇل خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىشلىدۇق، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى. تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، بېيىشنى كۆزلەش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش شىنجاڭدىكى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى، پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تەقەززاسى ئاشتى، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

     ئۈچىنچى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتتۇق. ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلدۇق. 2010 – يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن مالىيە چىقىمىنىڭ يەرلىك مالىيە ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن كۆپرەككە يەتتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقىنىڭ چوڭلۇقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، ئالغان نەپنىڭ كۆپلۈكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. كۆپلىگەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى، ئەلنىڭ كۆڭلىگە ياقتى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ئۆزگىرىشنى كۆردى، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، ئىشەنچىسى ئاشتى، ئىلھام ئالدى، پارتىيە، ۋەتەنگەن بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى كۈچەيدى.

     تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاتارلىق مەخسۇس يىغىنلاردا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى 38 قېتىم مۇھاكىمە قىلپ، ئاساسىي قاتلامنى، ئۇلنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتۇق. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتى كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەت يېزا – بازارلاردا ئىشلىگەن كادىرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى، تەمىناتىنى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققىنى، يېزىلاردىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەرنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تاللاپ يېزا – بازار رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋە مەمۇرلار قوشۇنىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈلنى ئۇتۇپ تۇتۇپ قېلىش مۇھىتى ياراتتۇق. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلىلەرگە بېرىش، ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، ئائىلىلەرنىڭ ئىشىنى باشقۇرۇش، ئائىلىلەرنىڭ مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىش، ئائىلىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىش مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەھەللىلەردە ئىدارىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، تولۇق تورلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگەتتۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق.

 

2. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى

ۋە ساپلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يېڭى

 تەجرىبە ۋە ئىلھامغا ئىگە قىلدى

 

     ئىككى يىلدىن كۆپرەك قانات يايدۇرۇلغان ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشقا يېڭى تەجرىبە يارىتىپ بەردى ۋە توپلاپ بەردى.

     بىرىنچى، مۇلازىمەتتە ئىلمىي ھالقىدۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش نىشان، ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ئورنىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى نامايان قىلدۇق. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھالقىما تەرەققىي قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى كۈچەپ شەكىللەندۈردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى جايلار، تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىدىيەنى ئازاد قىلىشتا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل›› بولۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولدى.

     ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە ‹‹شىنجاڭچە روھ››نى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى تىرىشىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئىچكى جەھەتتە ئىجتىمائىي توپنىڭ ئېڭىغا، تاشقى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە كۈچەپ ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم›› يارىتىپ ، ئىشنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى تارماقلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئۈنۈمنى سىناش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى، ئادىل، ھەققانىي قانۇن يۈرگۈزۈش مۇھىتى، ئۆلچەملىك، لەۋزىدە تۇرىدىغان بازار مۇھىتى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە شىنجاڭچە ئىقتىدارنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە ‹‹شىنجاڭچە ئوبراز››نى كۈچەپ تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتىدىغان، بار – يوقنى تەڭ كۆرىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان ئوبراز تىكلىدۇق.

     ئۈچىنچى، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتتۇق. پارتىيە ئىچىدە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتتە ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى باسقۇچقا بۆلۈپ تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى، مۇنەۋۋەر، ئىلغارلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى مەركەزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى زىچ چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان كۈرەش تارىخى، ئىگىلىك تىكلەش تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى ۋە شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى زىچ چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش، بىرلىكتە گۈزەل، بەختلىك شىنجاڭ قۇرۇش دولقۇنى قوزغاشقا يېتەكلىدۇق. مول، رەڭدار باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى باشتىن – ئاخىر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىش ئىشەنچىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.

     تۆتىنچى، ئاممىنى رازى قىلىشنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇردۇق. ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە نەقلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئاممىنى ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى باھالاشقا ئومۇميۈزلۈك تەشكىللىدۇق، ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %97.7كە، پارتىيە ئەزالىرىدىن رازى بولۇش نسبىتى %96.7كە يەتتى. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى ھەقىقىي تۈردە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلدۇق، ھەر يىلى زور بىر تۈركۈم كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ يىل پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، 40 مىڭدىن كۆپرەك كادىر كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەردە بالدۇرراق ئۈنۈمھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئامما بىلەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى كۆپەيدى، روھىي قىياپىتى ئۆزگەردى.

     ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلدى. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنىڭ چېكى يوق. ھازىر شىنجاڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئېغىر ھەم مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدۇق، زىممىمىزدىكى بۇرچ چەكسىز شەرەپلىك. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش روھىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىساق، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزە يارىتالايمىز.

 

3. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۈنۈمىنى

ئۇزاققىچە جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى

 كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 

     ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، بۇرچى، ئېسىل ئەنئەنىسى بەلگىلىگەن، ئۇ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە كۈچلۈك كاپالەت. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، زىممىسىدىكى مۇھىم بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ پارتىيە ۋە دۆلەت، تارىخ ۋە خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش پوزىتسىيەسى ۋە روھى بىلەن مەركەزنىڭ ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مەڭگۈ قانائەتلەنمەي، مەڭگۈ ھۇرۇنلۇق قىلماي، مەڭگۈ توختاپ قالماي ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى كېرەك.

     بىرىنچى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات بىرىنچى ۋەزىپە دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى ئىلمىي تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىگە، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش تەشكىلىي بايلىقىنى ئىلمىي تەرەققىيات بايلىقىغا، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش نەتىجىلىرىنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ‹‹مۇھىتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› ۋە ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يىرىك پىلانى لايىھەسى›› نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك زاپاس كۈچ توپلاش كېرەك. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى››نىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكى ئىقتىسادىي بەلبېغى ۋە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكى كەسىپ بەلبېغى، شۇنىڭدەك قاتناش لىنىيەسى ئىقتىسادى بەلبېغى، چېگرا لىنىيەسىدىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا يار – يۆلەك رايونلارنىڭ ئۈستۈنلۈكتە بىر – بىرىنى تولۇقلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى، ئورتاق ھالقىما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەملىكەتلىك 3 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇش، چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چۆرىدەپ، نىشاننى چۆرىدەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ‹‹ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، تەدبىر سوراپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش داۋامىدا ئاممىغان بولغان ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش داۋامىدا ئىدىيەنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زوركۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە، جاپالىق، چەت، يىراق جايلارغا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئاممىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىللىقلىققا، بەخت ۋە ئۈمىدكە تولدۇرۇش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى ۋە مەنىۋى ماكانى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش›› كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق كۆپ خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنى يېتەكلەپ، ‹‹شىنجاڭچە روھ››نى زور كۈچبىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەت ئورتاق ياشاپ كەلگەن ماكان ئىكەنلىكى، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە شىنجاڭدا ياشىغان ھەر مىللەت جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۆزئارا تايىنىپ، بەخت – سائادەتتىمۇ، جەبىر – جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، شىنجاڭنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدەك ئاساسىي رايون ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك، بىرىككەن، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن كونتروللۇقىمىزدا بولۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن مۇقىملىق ئاساسى يەنىلا ئاجىز، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى باشتىن – ئاخىر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى، شەكلى، ئۇسۇلىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە بايرىقى روشەن قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشى كېرەك.

     بەشىنچى، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە ئۆزىنى – ئۆزى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا چىك تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى، بولۇپمۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى نېگىزلىك، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ياخشى تاللاپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى سەپلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››تىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، چېنىقتۇرۇپ، ئىشلىتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي كۈچلۈك، بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغا ن يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى مەڭگۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە بوشاشماي تۇتۇپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا ئىنتىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكچىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ سىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭى ۋەزىيەتتە كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، ‹‹ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى يىلى››دىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى، تېز ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چىرىكلىشىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، باشقۇرۇشنى، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئالىيجاناب ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

     يولداشلار، بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدىكى ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق ئىلغار پارتكوملار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە نەمۇنىلىك ھەرىكەتلىرىدە ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر تولۇق نامايان بولدى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە دەۋر خىسلىتى تولۇق گەۋدىلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، ھالقىما تەرەققىيات، مۇقىملىق – ئىتتىپاقلىق، جەمئىيەت ئىناقلىقىدا ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter